ئامېرىكىداكاتتىباشلاريىغىن ئېچىۋاتقاندا،سىرتتائېتىشىش يۈز بەردى

文摘   2024-11-16 22:30   新疆  

سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى


 

ئامېرىكىدا كۆپ قېتىم قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ھەربىي گازارمىلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.  5-چىسلا، ھىندىستان ئاخبارات قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 20 دۆلەت ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئامېرىكىغا يىغىلىپ يىغىن ئېچىۋاتقاندا، يىغىن مەيدانىنىڭ سىرتىدا كەسكىن ئېتىشىش يۈز بېرىپ، يىغىنغا قاتناشقان كاتتىباشلارنى چۆچىتىۋەتكەن 

پەيشەنبە كۈنى، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي شىتاتىدىكى پېئارل خاربور ھەربىي بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.  بۇ قېتىمقى يىغىن ھىندىستان تىنچ ئوكيان رايونىدىن كەلگەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ئارمىيە باشلىقلىرىنى يىغدى، ئۇيۇشتۇرغۇچى دۆلەت ئامېرىكىدىن باشقا 20 دۆلەتتىن كەلگەن ھاۋا ئارمىيە قوماندانىمۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى


يىغىننىڭ مەقسىدى كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەر ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يول ئېچىش.  ھەر قايسى دۆلەت ھاۋا ئارمىيە باشلىقلىرى مەردانىلىك بىلەن رايون بىخەتەرلىكى ئستۈرۈش توغرىسىدا  سۆز قىلۋاتقاندا، يىغىن مەيدانى سىرتىدا يىراقتىن توختىماي ئېتلغان ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلاندى

چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن مەيدانى تۇرۇشلۇق پېئارل خاربوردىكى ھەربىي بازىدا تۇيۇقسىز ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەردى.  بازا كېمىسازلىق زاۋۇتىنىڭ 2-نومۇرلۇق ۋە 3-نومۇرلۇق قۇرۇق دوكنىڭ ئەتراپىدا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى، ئېم4 ھەربىي مىلتىق بىلەن خىزمەتداشلىرىغا ئوق چىقاردى


شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، پېئارل خاربور بازىسىدىكى ئەمەلدارلار بۇ قېتىمقى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى، بازا توسۇلۇپ قالغان بارلىق دەرۋازىنى قايتىدىن ئاچتى.  ۋەقەدىن كېيىنكى ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، قاتىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئۈچ ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپەر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۈلكىي خادىمى قاتىل تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، قاتىل بولسا ئېم9ھەربىي تاپانچا بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، يەنە بىر ئەريارلانغان بولۇپ  دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان 

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئېتىشىش ۋەقەسى پېئارل خاربور پورتى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 78 يىللىق خاتىرە كۈنىدىن نەچچە كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن.  1941-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپونىيە پيورل خاربور پورتىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان

كىشىنى تېخىمۇ چۆچۈتىدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى قورال ئۇرۇشى« كولومبىيە» ناملىق لوس ئانژېلېس دەرىجىلىك يادرو سۇ ئاستى كېمىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتا بۇ يادرو سۇ ئاستى كېمىسى قۇرۇق دوكتا رېمونت قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى يادرو سۇ ئاستى كېمىسىگە ئوق تەگكەنلىكىنى دەلىللىيەلمىگەن، ھەربىي تەرەپ يادرو سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان

ئېتىشىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيە ئەمەلدارى دەرھال ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تىنچلىق گېزىتىگە، ھىندىستان ئاخبارات قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان ھاۋا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى  ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان,نۆۋەتتە، پېئارل خاربور بازىسى بىخەتەرلىك تارماقلىرى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەكشۈرۈش تارماقلىرى ۋە باشقا ئورگانلار بۇ قېتىمقى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى تەكشۈرمەكتە.  ھاۋاي ئىشتاتىنىڭ باشلىقى داۋىد ئىگې بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاق ساراي فېدېراتسىيە ئورگانلىرىنىڭ ياردىمى ئۈچۈن ياردەم قولىنى سۇندى.  ئەگەر پېئارل خاربور پورتى ياردەم تەلەپ قىلسا، ھاۋاي ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتمۇ« زۆرۈر تېپىلغاندا ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ»اس



 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹







Almehrii
这里有最新国际新闻、热点事件、政策民生。 广告合作VX:aa8758383731 ئېلان ھەمكارلىق ئۈندىدار نومۇرى : aa 8758383731
 最新文章