جۇڭگو تەرەپ: تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

文摘   2024-10-29 19:28   新疆  

جۇڭگو تەرەپ: تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 10-ئاينىڭ 24-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى سانائەت شىركىتىنىڭ 10-ئاينىڭ 23-كۈنى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىدى.

لىن جيەن: جۇڭگو تەرەپ ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بىز بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ۋاپات بولغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلاردىن ھال سورايمىز. جۇڭگو تەرەپ دوست دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيەنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى


Almehrii
这里有最新国际新闻、热点事件、政策民生。 广告合作VX:aa8758383731 ئېلان ھەمكارلىق ئۈندىدار نومۇرى : aa 8758383731
 最新文章