تۇنجى دادىسى بىر، ئانىسى ئىككى بوۋاق گرېتسىيەدە تۇغۇلدى

文摘   2024-11-07 21:45   新疆  

日 14:30 

پىروبىركىدا يېتىشتۈرۈلگەن بوۋاق تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇپ تۆرەلمە كۆچۈرۈش تېخنىكىسى بولۇپ، تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن ئىسپىرما تەن سىرتىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاندۇرۇلۇپ ھەمدە دەسلەپكى تۆرەلمە يېتىشتۈرۈلۈپ ئانا تەننىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن بوۋاقنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ جەريانغا ئادەتتە ئەر-ئايال ئىككى ئادەم بولسىلا بولىدۇ، ئەمما گرېتسىيە ۋە ئىسپانىيە دوختۇرلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان تەتقىقات ئەترىتى تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان ئۈچ ئادەملىك تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۈچ ئادەمنىڭ ئىرسىي ماددىسىدىن پايدىلىنىپ ھامىلە يېتىشتۈرگەن.

بۇ جەرياندا دوختۇر تۇغماس ئايالنىڭ DNA، دادىنىڭ ئۇرۇقى ۋە يەنە بىر ئايالنىڭ تۇخۇمىنى ئىشلىتىپ، ئانا ئىرسىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئەجەللىك يىپسىمان تەنچە كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە ياردەم بەرمەكچى بولغان.

بۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق گرېتسىيەدىكى 32 ياشلىق ئايالغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى تۆت قېتىم تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن ئەمما ھەممىسىدە مەغلۇب بولغان. 4-ئاينىڭ 9-كۈنى بۇ ئايال 2.9 كىلوگىرام كېلىدىغان ئوغۇق بوۋاق تۇغقان، ھازىر ئانا-بالا ئامان-ئېسەن ئىكەن.

ئافېنا ھاياتلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى دوكتۇر پاناگوتىس پساساس مۇنداق دېدى: «بىز ئىنتايىن پەخىرلەنگەن ھالدا كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش ساھەسىدە يېڭى خەلقئارالىق ئىجاىيەتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى جاكارلايمىز، بىز ھازىر كۆپ قېتىم تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇپ مەغلۇب بولغان ياكى ئاز ئۇچرايدىغان يىپسىمان تەنچە ئىرسىيەت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ ساغلام پەرزەنت كۆرۈشىگە ياردەم بېرەلەيمىز.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دوختۇرلار ھازىر «تېببىي مۆجىزە يارىتىۋاتقان» بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۇغماس ئاياللارغا ياردەم بېرىۋېتىپتۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆزىنىڭ ئىرسىيەت ماددىسىغا ئىگە بولۇشقا ئىنتىلىدىغان تۇغماس ئاياللار يەنىلا ئانا بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.»

گرېتسىيەلىك دوختۇر ئىسپانىيەدىكى Embryotools مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ مەركەزنىڭ بىر باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، يەنە 24 ئايال تەجرىبىگە قاتناشقان، سەككىز تۆرەلمە كۆچۈرۈشكە تەييارلاپ قويۇلغان.

ئەنگلىيە دوختۇرلىرى كەشىپ قىلغان ئۈچ ئادەملىك تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى يېڭى بۆسۈشكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۈچىنچى ئادەم ھۈجەيرىنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان يىىپسىمان تەنچىنى يىپسىمان تەنچىسىدىكى DNAسىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن ئانىلارغا تەقدىم قىلىدۇ، بۇنىڭدا ئۇلار تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولغان گېننى بالىغا ئىرسىيەت قالدۇرمايدۇ.

ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل تېخنىكا ئېتىكا ئەندىشىسىنى پەيدا قىلغان بولۇپ، كېسەل بولمىغان ئەھۋالدا ئىشلىتىشنى چەكلەش زۆرۈر ئىكەن.




Almehrii
这里有最新国际新闻、热点事件、政策民生。 广告合作VX:aa8758383731 ئېلان ھەمكارلىق ئۈندىدار نومۇرى : aa 8758383731
 最新文章