ئېلىمىزنىڭ نەزىرىنى دۇنياغا قارىتىشىغا ئەگىشىپ، ھىندى ئوكيان تەدرىجىي ئېلىمىزدىكى ئاساسلىق تىجارەت رايونلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، لېكىن بۇ ھىندى ئوكياننى ئارقا ھويلىسى دەپ قارايدىغان ھىندىستان بىلەن روشەن ھالدا توقۇنۇشۇپ قالدى، .
تارىخ ۋە جۇغراپىيەلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھىندىستان ئىزچىل دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ رېئاللىق جۇڭگونىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ياشاش بولدى، بولۇپمۇ يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ھىندىستان ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە جۇڭگونىڭ كەينىدە قالدى، ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى تېخىمۇ بەكرەك جۇڭگو تەرىپىدىن بىر نەچچە كوچىغا تاشلىۋېتىلدى.
شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئۆتكەن ئون يىلدىكى تىرىشچانلىقىغا ئەگىشىپ ھىندىستان بىلەن ئاساسەن ئوخشاش تەسىر كۈچىنى ھازىرلىدى، بۇ ئېنىقلا ھىندىستان كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ئەگەر كلاسسىك دەۋردە، قۇرۇقلۇقتا پۇت تىرەپ تۇرغان جۇڭگونىڭ قەدىمكى سۇلالىلىرى ھىندى ئوكياننىڭ ئىشلىرىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، ئاشۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھەم چايقىلىپ تۇرىدىغان دېڭىز قاتنىشى لىنىيەسى قۇرۇقلۇقتىكى ئەستايىدىللىققا يەتمەيدۇ، بۇمۇ تارىختىكى جۇڭگو خاندانلىقىنىڭ نەزەرىنى دېڭىزغا ئاغدۇرۇپ باقمىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزىنى تەڭداشسىز قۇدرەت تاپقۇزالىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، ئەمما تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى دېڭىز ـ ئوكياننى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويدى،
بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودا 80% تىن ئارتۇق سودا ئالاقىسى ۋە بايلىق ئىمپورتى دېڭىز ـ ئوكيان ئارقىلىق تاماملىنىدۇ، ھىندى ئوكيان يۆنىلىشىدە بولسا، ئىلىمىزگە ئېمپورت قىلىندىغان، زۆرۈر بولغان نېفىت بايلىقىنىڭ 75% تى بۇ يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، قىلچە مۇبالىغە قىلماي ئېيتقاندا، ھىندى ئوكيان جۇڭگونىڭ نېفىت جان تومۇرى، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىملىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.
ھىندى ئوكيانمۇ ھىندىستان ئۈچۈن ئوخشاشلا مۇھىم، ھىندىستان ئىزچىل ھىندىستاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇ ئوكياننى ئۆزىنىڭ دېڭىزى دەپ قاراپ، ھەر قانداق كىشىنىڭ بۇ يەرگە قول تىقىشىغا يول قويماي كەلدى، ئامېرىكىنىڭ ھىندى ئوكياندىكى ھەر خىل قىلمىشلىرىنىمۇ ھىندىستان يامان نىيەتتە دەپ قارىدى، جۇڭگو ھىندى ئوكيانغا كىرگەندە، بولۇپمۇ يادرو ئېنېرگىيەلىك ھۇجۇم تىپىدىكى سۇ ئاستى پاراخوتى ھىندى ئوكياننىڭ ئادېن قولتۇقى دېڭىز تەۋەلىكىدە قوغداش ۋەزىپىسىنى نەچچە قېتىم ئىجرا قىلغاندىن كېيىن
ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىگە بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىشكە باشلىدى، بۇ تۈرلۈك ھەربىي پاراخوت ۋە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىۋېلىپ ۋە ياساپ دېڭىز ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھىندىستان تەرەپنىڭ ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى 2027ـ يىلى 200 چوڭ تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتىغا ئىگە دېڭىز ئارمىيەسى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، بۇ ئىككى ئاۋىئاماتكا ۋە ئىككىدىن تۆۋەن بولمىغان يادرو ئېنېرگىيەلىك ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەزى جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ھەرىكىتىنىڭ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئوچۇق بىلدۈرىدۇ. لېكىن، ھىندىستاننىڭ دېڭىز ئارمىيەسىدىكى ئەمەلىي چىقىمىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ قارا نىيىتى بىلەن ئەمەلىي كۈچى پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدۇ، 2017ـ يىلىدىن 2018ـ يىلىغىچە، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى ھۆكىمەتتىن تەلەپ قىلغان 5 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاران 2 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تەقسىملەندى، تەقسىملەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ نورمال چىقىمنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، يېڭى تىپتىكى جابدۇقلارنى سېتىۋېلىشقا ئارتۇق مەبلەغ قالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئالىبېك دەرىجىلىك قوغلىغۇچى پاراخوتىنى مىسالغا ئالساق ئۇنىڭ پۈتۈش باھاسى تەھلىل قىلىنىشىچە، تەخمىنەن 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئىكەن، شۇڭا ھىندىستان ئەگەر دېڭىز ئارمىيەسىگە بولغان سېلىنمىنى زورايتمىسا، ھېلىغۇ جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىدىن ئېشىپ كېتىشكەن، ئۆزىنىڭ كونا رەقىبى پاكىستاننىڭمۇ ئارقىسىدا قالىدۇ، كەلگۈسىدە ئۈستۈنلۈكنى ھازىرلىيالمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ھىندى ئوكياندىكى ئىستراتېگىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بىر قاتار مەرۋايىت ئىستراتېگىيەسى بىر بەلباغ، بىر يول مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق سىرىلانكىنىڭ خامبانتوتا پورتى، بېرمىنىڭ سۈتتە پورتى، پاكىستاننىڭ گۋادار پورتى، يەنە جىبۇتىنىڭ ئەدەن پورتى ۋە تانزانىيەنىڭ باجامويو پورتى قاتارلىقلارنى ياسىدى، گەرچە ھازىر جىبۇتىدىلا ھەربىي جۇڭگۇنىڭ ھەربىي قىسىمى مەۋجۇت بولسىمۇ،ئەمما بۇ پورتلار ئەمەلىيەتتە نۇقتىدىن لىنىيەگە تۇتىشىدىغان ئىستراتېگىيەلىك يولنى شەكىللەندۈردى. ھەتتا جۇڭگۇنىڭ ھېندى ئوكياندىكى پوروتلىرى ھېندىستاننىڭ ئۆزىدە بار بولغان ھەربىي پورۇتلارىنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتتى.
بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ھىندىستاننى ئەنسىرىتىپ قويدى، چۈنكى قۇرۇقلۇقتىكى تەبىئىي ناچار ئەھۋال ئۇنى شەرقتىكى بۇ چوڭ دۆلەتنى ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە پۈتۈلگەن رەقىبى دەپ قارايدىغان قىلىپ قويدى، شەرقتىكى بۇ چوڭ دۆلەت قۇرۇقلۇق ئەۋزەللىكىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ھېندىستاننىڭ ئارقا گۈللۈكى دەپ قارىغان ھىندى ئوكيانغا يۈرۈش قىلغاندا، ساقلانغىلى بولمايدىغان تۈرلۈك سوقۇلۇشلار كەينى ـ كەينىدىن يۈز بەردى.ھەتتا يۇقارقى رەسىمدىكىدەك ھېندىستان جۇڭگۇنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك قامىلىغا چۈشۈپ قالدى.