ئۇكرائىنا كىيېۋ شەھەرلىك ھەربىي ئىشلار باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سېرگىي پوپكو شۇ جاي ۋاقتى 3-نويابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى : 2-نويابىر كېچىدىن باشلاپ رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز
ئايروپىلان بىلەن كىيېۋغا ھۇجۇم قىلدى، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بەش سائەت داۋاملاشتى. ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى كىيېۋغا قاراپ ئۇچقان بارلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى. ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان پارچىلىرى ئاھالىلەر بىناسى، يول يۈزى ۋە توك سىملىرىنى بۇزىۋەتكەن بولسىمۇ، ئوت ئاپىتى ۋە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.