ئامېرىكا ئاپاچى تىك ئۈچار ئايروپىلانىدا ئىككى ئەسكەر ناشايىن ئىش

文摘   2024-11-16 22:30   新疆  

يېقىندا بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى ئەسكەرنىڭ ئاپاچ قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ ھەيدەش بۆلۈمچىسىدە نامۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكى بايقالغان. 

«قۇياش گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئەسكەرلەر ئىسپىرتنىڭ تەسىرىدە ئارمىيەنىڭ ئىنتىزامى ۋە بەلگىلىمىسىنى ئۇنتۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ نامۇۋاپىق قىلمىشى بىلەن ھەربىي گازارمىدىكى خىزمەتداشلىرى تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالدى. 

ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە ئىككى كىشىلىك AH-64 ئاپاچ قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا يۈز بەرگەن. شۇ چاغدا بىر يەردىكى مۇلازىمەتچى كېچىدە رېمونت قىلغاندىن كېيىن، تىك ئۇچار ئايرۇپىلانغا يامغۇردىن ساقلىنىش قاپقىقى ئورناتماقچى بولغان ئىدى. لېكىن، ئۇ ئويلىمىغان يەردىن ئالاھىدە بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ قالىدۇ ھەمدە پىرقىرىما قاناتنىڭ سەل-پەل تەۋرىنىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. 

ئارقىدىن ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىكى دوكلاتىدا ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئاشكارىلاندى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى : «ناھايىتى ئېنىقكى، ئارقا ئورۇندۇقتىكى بۆلۈمچىدە ئىككى ئەسكەر نامۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بېلىنىڭ تۆۋىنىدە كىيىم كىيمىگەن، ئەر ئەسكەرلەر فورما كىيگەن، ئايال ئەسكەرلەر پۇقراچە كىيىم كىيگەن، ئىككىيلەن دەرھال ھەيدەش بۆلۈمچىسىدىن چىقىپ، كىيىملىرىنى رەتلەشكە بۇيرۇلدى.» 

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى ئەسكەر ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر بولۇپ، مەست بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. تىك ئۇچار ئايروپىلان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە ئەترىتىنىڭ 653-ئوتتۇرا ئەترىتىگە تەۋە، لېكىن ئەسكەرلەر ئۆزى بىر مۇستەقىل قىسىمدىن كەلگەن بولۇپ، خان جەمەتى توپچى قىسمىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئوخشايدۇ. 

ھەربىي ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىغا سۇنۇلغان دوكلاتتا يەنە : «ئۇلار 653-ئوتتۇرا ئەترەت ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوماندانلىق زەنجىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغۇچە تۇتۇپ تۇرۇلدى» دېيىلگەن. 

قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىچكى قىسمىدىكى بىر ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقە 2016-يىلى نوسۇمبېرلاند ۋىلايىتى ئوتبېن قارىغا ئېتىش مەيدانىدا يۈز بەرگەن. ئۇ يەنە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەردىكى مۇلازىمەت خادىملىرىنى تەربىيلەپ، ئۇلاردىن كەلگۈسىدە تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننى قوغدىغاندا ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. 

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل 1-ئايدا، يېڭى تىپتىكى Apache AH-64E تىپلىق ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان خامپى ۋىلايىتىدىكى ۋاروپتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە مەركىزىدە كۈچلۈك بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. لېكىن بەختكە يارىشا ۋەقەدە ئادەم يارىلانمىدى، باشقا ئايروپىلانلارمۇ زىيانغا ئۇچرىمىدى. 

ئاپاچ تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم قۇرۇلمىسى ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارى بىلەن داڭلىق، ئۇ ھەتتا پاراخوت پالوبىسىدا مەشغۇلات قىلالايدۇ ھەمدە ناچار ھاۋا رايىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. لېكىن، بۇ قېتىمقى ۋەقە ئۇنىڭ شانلىق ئوبرازىغا بىر قەۋەت داغ چۈشۈردى.

ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى

Almehrii
这里有最新国际新闻、热点事件、政策民生。 广告合作VX:aa8758383731 ئېلان ھەمكارلىق ئۈندىدار نومۇرى : aa 8758383731
 最新文章