نىتانىياخۇ خاماسنىڭ رەھبىرى سىنۋالنىڭ كاللىسىنى ئالغاندىن كېيىن، خاماسنىڭ ئۆچ ئېلىشىنىڭ بۇنچە تېز كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. پەقەت ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇلار ئالدىنقى سەپتە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ،سىنۋالنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن قىساس ئالدى. يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نىتانىياخۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 401 - لۈيىنىڭ باشلىقى داكسانىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ جەڭ مەيدانىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۆزى ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، ليەن، پەيجاڭلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاشنى قارار قىلغان. جابالىيە مۇساپىرلار لاگىرىنىڭ ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇپ، مۇساپىرلار بىلەن خاماسنىڭ ئەزالىرى ئارىلىشىپ كەتكەن. داكسا خاماسنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،
تانكىغا ئولتۇرۇپ كېيىنكى قاراۋۇلخانىغا بېرىشنى تاللىدى. ئەمما خاماس تانكىنىڭ يۆنىلىشىگە دىققەت قىلدى ھەمدە 82 تىپلىق ئاۋىئاتسىيە بومبىسىدىن پايدىلىنىپ، يول بويىدىكى غايەت زور بومبىنى ياساپ چىقىپ، خارابىلىق ئىچىگە يوشۇرۇپ قويدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمان قىلىش جەريانىدا بۇ ئاۋىئاتسىيە بومبىلىرى ئۇلارنىڭ «مەخپىي قورالى» بولۇپ قالدى. خاماسنىڭ ئەسكەرلىرى ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، بۇ پارتلىمىغان بومبىلارنى يىغىپ، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ، يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق پارتلىتىشقا بولىدىغان بومبىغا ئايلاندۇردى، ئۇنىڭ كۈچى غايەت زور بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئىلغار تانكا ۋە بىرونېۋىكلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدۇ. داكسانىڭ تانكىسى ئاستا - ئاستا يۆتكەلگەندە، بەختكە قارشى بومبىنىڭ پۇتلىشىش سىزىقىنى قوزغاتتى. بومبا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تانكىنىڭ يان بىرونىسىنى يىرتىۋەتتى. خاماسنىڭ جەڭگىۋار گۇرۇپپىسى دەرھال ئېتىلىپ چىقىپ، گراناتاميوت بىلەن پالەچ بولۇپ قالغان تانكىلارغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى.
گەرچە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئوت كۈچى مۇھاسىرە چەمبىرىكىدىن بۆسۈپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن داكسا نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلۈپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ 4 - ئورۇندا قۇربان بولغان برىگادا كوماندىرى، شۇنداقلا 6 - ئورۇندا تۇرىدىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە پولكوۋنىكى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى خۇددى بىر مۇشت بىلەن ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپنىڭ ئاجىزلىقىغا تەگدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قوماندانلىق سىستېمىسىدىكى ئەجەللىك كەمتۈكلۈكىنى ئاشكارىلىدى. قوماندان تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە زىيادە تايىنىپ، جەڭ مەيدانى ۋەزىيىتىنى ھېس قىلىشقا سەل قارىدى؛ قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ قاتلام ـ دەرىجىسى بەك قاتمال، جانلىقلىقى كەمچىل؛ ئاخباراتقا زىيادە تايىنىۋېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇچۇر ئىنكاسىغا سەل قارىدى. قومانداننىڭ قۇربان بولۇشى، بىر ئارمىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، تەجرىبىسى مول بىر گېنېرالنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جەڭگىۋارلىق روھى ۋە كۈرەش ئىرادىسىگە ئېغىر زەربە بولدى.