ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇش مەيدانى يەنىلا كېڭىيىۋاتىدۇ، ئەنگلىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيەسى ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان پەيتتە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەسكەرلىرى يەمەندە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مىليون كىشىلىك ئارمىيەسى ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تىنچلىق سۆھبىتى بىر ئىزدا توختاپ قالدى، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا يەنە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەرىكەت قوزغىدى. 9-نويابىر ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكا يەمەن پايتەختى ئەتراپىدىكى قۇسەي قۇراللىق نىشانلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىدا قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ يەمەندىكى قورال ساقلاش ئەسلىھەسى قارىغا ئېلىنغان بولۇپ، قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ يەمەندىكى قورال ساقلاش ئەسلىھەسى دەل مۇشۇ قوراللار بىلەن قىزىل دېڭىز رايونىغا ھۇجۇم قىلغان. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئەنگلىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئامبار زاپىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، قىزىل دېڭىز رايونىدا قۇسەي قوراللىقلىرى بىلەن قارشىلىشىشتا غەلىبە قىلىشقا ئۇرۇنۇشى، پەقەت ئەنگلىيە-ئامېرىكا غەلىبىسى قارىماققا ئۇزاق كەلگۈسىدىكى ئىش.
توغرا كېلىپ قالغىنى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئارمىيەلىرى يەمەندە يەنە بىر قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى سەئۇدى ئەرەبىستانى تۇيۇقسىز شۇم خەۋەر تاپشۇرۇۋالدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، 8-ئىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىككى ئەسكىرى يەمەننىڭ خادراما ئۆلكىسىدىكى بىر ھەربىي بازىدا يەمەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر خادىمى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەنە بىر ھەربىي خادىمى يارىلانغان. سەئۇدى ئەرەبىستانى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ تاساددىپىي ۋەقە ياكى قۇسەي قۇراللىقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەت ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. لېكىن يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرى بۇ رايوندا ئۇزۇن يىل يىلتىز تارتقان بولۇپ، ئاسانلا مەغلۇپ بولىدىغان رەقىب ئەمەس، بۇنىڭدىن گۇمانلىنىش ھاجەتسىز.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا سايلىمىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشنىڭ كېڭىيىش خەۋىپى تېخىمۇ ئاشتى. ھازىرقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بىدېن ئىسرائىلىيەگە ئىزچىل يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىدېن بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشى يەنىلا ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھېسابلىنىدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاش سالمىقى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن كۈچلۈك، تىرامپ ئىسرائىلىيەگە ئىنتايىن يېقىن ئادەم بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقدىشى دەپ ئاتايدۇ. ترامپنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېلەر يىلى ئىسرائىلىيەنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە ئىراننى قامال قىلىش ۋە قورشاشنى كۈچەيتىدۇ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى يەنىمۇ يامانلىشىشى مۇمكىن !
كېلەر يىلى ترامپ روسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەمدە تېجەپ قالغان بايلىقنى ئالدى بىلەن ئىسرائىلىيەنى قوللاشقا ئىشلىتىشى مۇمكىن. ۋاقتى كەلگەندە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەلتۆكۈس كەسكىنلىشىپ كېتىش-كەتمەسلىكىگە بىر نېمە دېمەك تەس، تىرامپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بىر مەيدان يېڭى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلايدۇ. بۇ ھالقىلىق پەيتتە، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران كۈچ توپلاپ كۈتۈپ تۇرۇپلا قالماي، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ بىپەرۋالىق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ.
تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئىسرائىلىيەنىڭ نوپۇسى ۋە زېمىن كۆلىمى پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقتە تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. ئىسرائىلىيەنىڭ ئاران 9 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار، ئەرەب ئىتتىپاقىدىكى 22 دۆلەتنىڭ 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار. ئارمىيەگە كەلسەك، ئىسرائىلىيەنىڭ رەسمىي قىسىم ئومۇمىي سانى 180 مىڭدىن ئاشمايدۇ، ئەرەب ئىتتىپاقىدىكى 22 دۆلەتنىڭ 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار ! ئەگەر ئىسرائىلىيە ئۆزىچە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتىم، ئوتتۇرا شەرقتە خالىغىنىنى قىلالايمەن دەپ قارىسا، ئۇنداقتا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيەنى يوقىتىش ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىدىن ئاللىقاچان ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، لېكىن ئالاقىدار دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنىڭ قالايمىقان ئىش قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ. بولۇپمۇ ئىران، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننى جىددىيلەشتۈرسە، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۈچى ۋە يادرو يوشۇرۇن كۈچى ئىسرائىلىيەگە ئەجەللىك زەربە بېرىشى مۇمكىن.
ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى