ئازادلىق ئارمىيە پاكىستان چىگراسىغا كىردى، ھېندىستان چىدىيالمىدى

文摘   2024-11-07 21:45   新疆  



پاسىبان سالۇنى تەرجىمىسى

   

ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مەلۇم ئالاھىدە قىسىمى پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن پاكىستان چىگراسىغا كىردى، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھېندىستان ھەربىي تەرەپ ئولتۇرالماي قالدى


پاكىستاندىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ 4ـ نويابىردىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پاكىستاننىڭ جەنۇبىي چېگرا لىنىيەسىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارمۇ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىق سالمىقىنى ئاشۇرغان.


مىسالغا ئالساق، پاكىستاننىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرىنىڭ جابدۇق ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە ھىندىستان بىلەن بولغان پەرقى ئەڭ چوڭ بولغىنى دېڭىز ئارمىيىسى، ئەمما پاكىستان دېڭىز ئارمىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى، قوغدىغۇچى پاراخوتى ۋە ئادەتتىكى ماتورلۇق سۇ ئاستى پاراخوتى قاتارلىق جابدۇقلارنى ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ناچار ئەھۋالىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتتى. بولۇپمۇ يېقىندا 2ـ تۈركۈمدىكى054  تىپلىق ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغدىغۇچى پاراخوت قۇرۇلۇشى باشلاندى، بۇ پاكىستان دېڭىز ئارمىيىسىگە تولۇق ئىشەنچ ئاتا قىلدى.


ئۇنىڭدىن باشقا 2022ـ يىلىدىن بۇرۇن، جۇڭگو تەتقىق قىلىپ ياسىغان مەنبەلىك فازىلىق كونتۇرۇل قىلىنىدىغان رادار سەپلەنگەن شياۋلۇڭ ب ئېل 3 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانمۇ پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە كىرىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. بۇنداق ئەھۋالدا، ھىندىستاننىڭ ھېچقانداق ئەۋزەللىكى يوق دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي ساپاسى ئىنتايىن ناچار، بۇ ھەممىگە ئايان.


بىراق ھىندىستاننىڭ بېشىنى تېخىمۇ ئاغرىتىۋاتقىنى شۇكى، بۇ مەزگىلدە، جۇڭگو يەنە پاكىستان بىلەن بولغان ھەربىي ئالماشتۇرۇش چاستوتىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، يېقىندا ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بىر سەرخىل قىسمى پاكىستانغا بېرىپ، پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بىلەن پالۋان ـ 7 بەلگىلىك ئەمەلىي ئۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلدى، بىرىنچىدىن، ئىككى ئارمىيەنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتتى


ئىككىنچى، ھىندىستانغا ئۈنۈملۈك تەھدىت ئەپ  كەلدى، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ تارماق قىسىم ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ خىلانغان قوشۇنى بولۇپ غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونىدىن كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋادا ھەرىكەتلىنىش بىلەن موتورلاشقان ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پاكىستاننىڭ چېلادلىق ئالاھىدە ئەسكەرلەر مەشىق بازىسىغا كىرگەن، نۇرغۇن پاكىستان ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگودىن كەلگەن مېھمانلارنى ئىنتايىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.شۇنداقلا ئازادلىق ئارمىيە بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش پاكىستان ئارمىيسىنىڭ شەرىپى دەپ ئىپادە بۈلدۈردى.


ئەمما ھىندىستاننىڭ شىمالىي چېگرا لىنىيەسىدىكى كەشمىر رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرى بۇ قېتىمقى جۇڭگو پاكىستان بىرلەشمە مانېۋىرىدىن قاتتىق نەپرەتلەندى ئۇلار مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بۇ ۋاقىتتا ھىندىستان ـ پاكىستان ۋەزىيىتىگە قول تىقماسلىقى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئۇرۇش مەيدانىدىكى تارازىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، بۇ خىل بىرگە ئىككىسى چىقىش چىدىماسلىق قىلغانلىق.دېدى. 


تېخى يېقىندىلا، ھىندىستان ئارمىيەسى ئۆزلىرىنىڭ قورال ـ ياراغ جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، يەنە پاكىستانغا بىر نەچچە قېتىم سىناق خاراكتېرلىك ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ، ھاكاۋۇرلۇق ھەيۋىسى يەنىلا پەسەيمىگەن. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال جۇڭگۇ ئالاھىدە قىسىمىنىڭ پاكىستاننىڭ مەشىق بازىسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ھىندىستان ـ پاكىستان چېگرا رايونىنىڭ ۋەزىيىتى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇرۇلۇپ كەتتى، ھىندىستانلىقلار پاكىستانغا ھەيۋە قىلىشقا جۈرەت قىلالمايدىغان بولدى. 


بۇنىڭغا قارىتا ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە، پاكىستاننىڭ ئىزچىل تۈردە جۇڭگو بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ساھەسىدە ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق، جۇڭگو بولسا پاكىستان قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ جابدۇقلىرىنى ئەڭ چوڭ ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەر. بۇ قېتىم جۇڭگو تەرەپ يەنە سەرخىل قىسىمنى پاكىستان چېگرىسى ئىچىگە ئەۋەتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاي مانېۋىر ئۆتكۈزدى، بۇ خىل ھەرىكەت يېڭى دېھلى تەرەپنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى، ئۇلار ھازىر بارلىق ئۈستۈنلۈكىنى يوقاتتى.دېدى.


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹


Almehrii
这里有最新国际新闻、热点事件、政策民生。 广告合作VX:aa8758383731 ئېلان ھەمكارلىق ئۈندىدار نومۇرى : aa 8758383731
 最新文章