ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «يادرو پۇراش ئەسۋابى» ھىندى ئوكيانغا

文摘   2024-11-23 18:09   新疆  

پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 21-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا «ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تور بېكىتىنىڭ 19-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھاۋادىن يادرو پائالىيىتىنى تەكشۈرەلەيدىغان ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ ھىندى ئوكيانغا بېرىپ ھاۋادىن ئەۋرىشكە ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى بايقالغان. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2023-يىلى 12-ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاتموسفېرا يىغقۇچى ئۈچ ئايروپىلانى WC-135R «ئۆلمەس سۇمۇرغ» ناملىق رازۋېدكا ئايروپىلانىدىن تەشكىللەنگەن ئۇچۇش ئەترىتى 1963-يىلى ئىمزالانغان «يادرو سىنىقىنى چەكلىك چەكلەش شەرتنامىسى» نى قوللاشنى مەقسەت قىلغان. بۇ شەرتنامىدە ئاتموسفېرا قاتلىمى، ئالەم بوشلۇقى ۋە سۇ ئاستىدا يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش مەنئى قىلىنغان. 

«ئۆلمەس سۇمۇرغ» ناملىق رازۋېدكا ئايروپىلانى «يادرو پۇراش ئەسۋابى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاتموسفېرادىكى دانچە ماددىلار، گاز ئېقىپ چىققان ماددىلار ۋە پارچىلارنى يىغىش ئارقىلىق ھەر ۋاقىت رادىئوئاكتىپلىق «بۇلۇت» نى تەكشۈرىدۇ. ئۇ دائىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھاۋادىن ئەۋرىشكە ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. 

ئىز قوغلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان 24 سائەتلىك ئۇچۇش رادارى تور پونكىتى ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئۆلمەس سۇمۇرغ» ناملىق رازۋېدكا ئايروپىلانى 14-چېسلا ئامېرىكىنىڭ ئوفۇت ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچۇپ غەربكە قاراپ ئۇچقان. داۋاملىق ئۇچۇشتىن بۇرۇن، ئۇ ھاۋاينىڭ ھونولۇلۇدا قىسقا ۋاقىت توختىدى. 

ئايروپىلان گۇئام ئارىلىدىكى ئاندېرسون ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ باردى ھەمدە ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى. 16-چېسلا ئۇچۇپ، داۋاملىق غەربكە قاراپ ئۇچۇپ، فىلىپپىن دېڭىزى، سۇلاۋېسى دېڭىزى، سۇلۇ دېڭىزى ۋە جەنۇبىي دېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىلىپپىن ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. تايلاند قولتۇقى ۋە مالاي يېرىم ئارىلىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ «ئۆلمەس سۇمۇرغ» ناملىق رازۋېدكا ئايروپىلانى ئاندامان دېڭىزى ۋە ھىندى ئوكيانغا يېتىپ باردى. 24 سائەتلىك ئۇچۇش رادار تور پونكىتى ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈشتىن بۇرۇن، ئايروپىلان غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىگە قاراپ ئۇچۇۋاتاتتى. 

X سۇپىسىدىكى مەنبەنى ئېچىش ئاخبارات ئانالىزچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ «ئۆلمەس سۇمۇرغ» ناملىق رازۋېدكا ئايروپىلانى ئامېرىكىنىڭ ھىندى ئوكياندىكى ھەربىي قاراۋۇلخانىسى دىگوگارسىيە ئارىلىغا قاراپ ئۇچقان. ئۇ چاگوس تاقىم ئارىلىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال. 

بۇ تەھلىلچىنىڭ ئېيتىشىچە، مۆلچەرلىنىشچە بۇ يادرو پۇراش ئۈسكۈنىسى دىگوگارسىيە ئارىلىدىن ئۇچۇپ، ھىندىستان دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنى بويلاپ ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىنى بويلاپ 6 ئاي داۋاملىشىدىغان ھاۋادىن ئەۋرىشكە ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. 

«ئۆلمەس سۇمۇرغ» ناملىق رازۋېدكا ئايروپىلانى ئەترىتى يەنە يىراق شەرق، بېنگال قولتۇقى، ئوتتۇرا دېڭىز، قۇتۇپ رايونى ھەمدە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئافرىقا دېڭىز قىرغىقىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ. 

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى ھاۋا ھۇجۇمى ئىراننىڭ مۇتلەق مەخپىي يادرو تەتقىقات ئەسلىھەسىنى ۋەيران قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا «يادرو پۇراش ئۈسكۈنىسى» ناملىق بىر ئايروپىلاننى ئەۋەتكەن. ئاكسىئوس ئاخبارات تور بېكىتى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى : بۇ مۇتلەق مەخپىي ئورۇن يادرو قوراللىرىنى ئېچىشتىكى ھالقىلىق پائالىيەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ، بۇ پارتلىتىش سىنىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ( تەرجىمان لۇڭ جۈن )

ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى

Almehrii
这里有最新国际新闻、热点事件、政策民生。 广告合作VX:aa8758383731 ئېلان ھەمكارلىق ئۈندىدار نومۇرى : aa 8758383731
 最新文章