جۇڭگو دەرھال توختىتىشقا ئاگاھلاندۇردى

文摘   2024-09-13 23:59   新疆  

جۇڭگو دەرھال توختىتىشقا ئاگاھلاندۇردى!

جۇڭگو دېڭىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گەن يۈ مۇنداق دېدى: 8-ئاينىڭ 25-كۈنى، فىلىپپىن جۇڭگونىڭ قايتا-قايتا نەسىھەت قىلىپ توسۇشى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، تەتۈرلۈك قىلىپ 3002-نومۇرلۇق پاراخوتنى جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى شيەنبىڭ خادا تاش ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز بۆسۈپ كىرىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. بۇ مەزگىلدە، فىلىپپىننىڭ 3002-نومۇرلۇق پاراخوتى جۇڭگونىڭ كۆپ قېتىملىق قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشىنى نەزەرگە ئالماي، جۇڭگونىڭ نورمال ھوقۇقىنى قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقان دېڭىز ساقچىسى 21551 ناملىق پاراخوتقا قەستەن يېقىنلىشىپ، قەستەن سوقۇلۇپ، سۈركىلىش پەيدا قىلدى، مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي فىلىپپىن تەرەپتە، فىلىپپىننىڭ ۋەقە تۇغدۇرغان پاراخوتى يەنە تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنى ئېلىپ ئەگىشىپ سۈرەتكە تارتىپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ كۆپتۈردى. جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى فىلىپپىندا ھادىسە يۈزبەرگەن پاراخوتلارنى پۈتۈن مۇساپىدە نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇپ، تىزگىنلەپ، قەتئىي توسۇپ قوغلاپ چىقاردى، نەق مەيدان مەشغۇلاتى كەسپىي، قېلىپلاشقان، مۇۋاپىق، قانۇنلۇق بولدى.

يېقىندا، فىلىپپىن ئارقا-ئارقىدىن چاتاق تېرىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ بولۇپ، جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلدى، «نەنخەي دېڭىزىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قىلمىش خىتابنامىسى»گە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىز فىلىپپىننى رەسمىي يوسۇندا شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمىزكى، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، قارا چاپلاش، كۆپتۈرۈشنى دەرھال توختىتىڭلار، بولمىسا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتنى پۈتۈنلەي فىلىپپىن ئۈستىگە ئالىدۇ. جۇڭگو شيەنبىن خادا تاش ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەنشا تاقىم ئاراللىرى ھەم ئۇنىڭغا يېقىن ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە، جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى قانۇن بويىچە جۇڭگونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھوقۇقنى قوغداش، قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

ەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، تۇرغۇن ئابلىز

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت



pasibann
你好。欢迎
 最新文章