ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن شۇ يەر ۋاقتى 23-ئاۋغۇست ئاق سارايدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغا يەنە ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بايدىن باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىناغا بېرىدىغان يېڭى بىر يۈرۈش ھەربىي ياردەم، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا قارشى ئۈسكۈنە، بىرونېۋىكقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئوق-دورا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.