ئەسكەرلەر جەڭدە نېمە ئۈچۈن يالغاندىن تەسلىم بولسا بولمايدۇ

文摘   2024-09-12 21:53   新疆  


پاسىبان سالۇنى تەرجىمىسى

ئۇرۇشتا ، ھەربىيلەر نېمە ئۈچۈن يالغاندىن تەسلىم بولۇپ ، ئاندىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۈشمەننى يوقاتسا بولمايدۇ ؟ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ كىنو ـ تېلېۋىزىيە تىياتىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئەلا سۈپەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى كۆپچىلىكنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىچىدە ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدىغىنى ئۇرۇش تېلېۋىزىيە تىياتىرى، چۈنكى ۋەتەننىڭ تەربىيىلىشى ئاستىدا ھەر بىر جۇڭگولۇقتا ۋەتەننى سۆيىدىغان قەلب بار، شۇڭا ھازىرقىدەك تىنچ دەۋردە،

بىز ئۇرۇش مەيدانىغا بېرىپ دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش پۇرسىتىمىز يوق، لېكىن ئۇرۇش فىلىملىرىدىن ۋەتەننى قوغداش شان ـ شەرەپ تۇيغۇسىنى تاپالايمىز، ئۇرۇش فىلىملىرىنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش مەيدانىدا پەقەت ئىككى خىل نەتىجە بارلىقىنى بىلىدۇ، ياكى  غەلىبە قىلىسىز، ياكى بولمىسا ئۆلىسىز.

ئەلۋەتتە ئىككىلا تەرەپ ياشىيالايدىغان يەنە بىر خىل ئەھۋال بار، ئۇ بولسىمۇ بىر تەرەپ تەسلىم بولۇش، ئەمما تەسلىم بولغان بۆلەكنى كۆرگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر نېمە ئۈچۈن يالغاندىن تەسلىم بولغىلى بولمايدۇ، دۈشمەن يېتىپ بارغاندا، تېز سۈرەتتە تاپانچىنى چىقىرىپ ئوق چىقارسا بولامدۇ؟ دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئۇنداق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە سەۋەبى ئىنتايىن ئاددىي. 

 بىرىنجى ھەربىيلەرنىڭ شان ـ شەرەپ تۇيغۇسى.

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئوغۇل بالا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەر بىر ئادەمنىڭ بىردىن قەھرىمان بولۇش ئارزۇسى بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئەسكەر بولۇش، ئاندىن دۆلەت ئۈچۈن جەڭ قىلىش، ئەگەر سىز ھەقىقىي ئەسكەر بولغان بولسىڭىز سىزدە تەبىئىي ھالدا بىر نەرسە كۆپىيىدۇ، ئۇ بولسىمۇ شان ـ شەرەپ تۇيغۇسى. ھەر بىر ھەربىي جەڭ مەيدانىدا تۇرغاندىلا، بىزنىڭ بىر ئادەم ئەمەسلىكىمىزنى بىلىدۇ، چۈنكى بىز جەڭ  مەيدانىدا دۆلەتنىڭ شان- شەرىپىگە ئايلىنىمىز،  مىلىيۇنلىغان خەلىق بىزگە كۆز  تىكىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ھەربىيلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەسلىم بولمايدۇ، جەڭ مەيدانىدا ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، دۈشمەنگە تەن بەرمەيدۇ!

ئىككىنجى تەسلىم بولۇشمۇ ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ

نۇرغۇن دوستلارنىڭ ساقچى ـ باندىت فىلىملىرىنى كۆرگەنلىكىگە ئىشىنىمەن، ئادەتتە جىنايەتچىلەر تەسلىم بولغاندا، ساقچىلار ئاستا ـ ئاستا يېقىنلىشىپ، ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ بارلىق قوراللىرىنى يىغىۋالىدۇ. جىنايەتچىلەرنى تۇتقاندا مۇشۇنداق ئېھتىياتچان بولسا، جەڭ مەيدانىدا ئەسىرلەرنى تۇتۇشنى دېيىشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. ئەگەر سىز تەسلىم بولۇشنى تاللىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بەدىنىڭىزدىكى بارلىق قوراللار يىغىۋېلىنىدۇ، دۈشمەن يېقىنلاشقاندا ھەر قانداق ئۇششاق ھەرىكىتىڭىز بولغان ھامان، نىيىتىڭىز دۇرۇس ئەمەس دەپ قارىلىپ، ئارقىدىن قورال بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلسىز، شۇڭا تەسلىم بولغاندىن كېيىن، قورالنى چىقىرىشقا ئەسلا پۇرسەت بولمايدۇ.

 ئۈچىنجى ئۇرۇشتىن كىيىنكى ئاقىۋەت

بارلىق ھەربىي قانۇندا مۇشۇنداق بىر بەلگىلىمە بار، ئۇ بولسىمۇ يالغاندىن تەسلىم بولۇپ دۈشمەنگە يوشۇرۇنۇشقا بولمايدۇ، تارىختا مۇشۇنداق مىساللار بار، ئۇ بولسىمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيىدىكى بىر ئەترەت ئەسكەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغاندا يالغاندىن تەسلىم بولدى، ئارقىدىن ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا  پىستىرما قويۇپ روس ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى، گەرچە بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن كېيىن، گېرمانىيىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ھايات قالدى شۇنداقلا بۇ بىر  مەيدان ئۇرۇشتا غەلبە قىلدى دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇشتىن كېيىن، بۇ كىشىلەر ئۆز ئادىمى تەرىپىدىن ھەربىي سوتقا ئېلىپ بېرىلدى، چۈنكى بۇنداق قىلمىش بۇنداق مۇنتىزىم ئارمىيە تەرىپىدىن چەكلەنگەن! جەڭدە بۇنداق پەسكەشلىك بىلەن ساختىلىق ئىشلىتىش دۆلەتنىڭ شان_ شەرىپىگە شۇنداقلا گېرمانىيە ئارمىيسىنىڭ ئابرويىغا داغ تەككۈزگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.بۇ تۈردىكى ھەربىي قانۇنلار ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەردە دىگۈدەك مەۋجۇت. شۇڭا ھەقىقىي ئەسكەر بولۇش ئۈچۈن، يا جەڭ مەيدانىغا چىقىپ ئۆلۈمدىن قورقماسلىق، يا تەسلىم بولۇپ ئۈزۈل ـ كېسىل تەسلىم بولۇش كېرەك، بۇنداق ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ!

 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹




pasibann
你好。欢迎
 最新文章