ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقالىغان بىردىن بىر ئافرىقا دۆلىتى

文摘   2024-09-12 21:53   新疆  


سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى





ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقالىغان بىردىن بىر ئافرىقا دۆلىتى، ئاخىرىدا چوڭ دۆلەت بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى

ئامېرىكا خىروشىمادا تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى تاشلىغاندىن كېيىن، دۇنيا ھەربىي ئىشلىرى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، يادرو قوراللىرى چوڭ دۆلەتلەر كۇلۇبلىرىنىڭ قورالى بولۇپ قالدى، ھەقىقىي چوڭ دۆلەت بولۇش ئۈچۈن، يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش كېرەك.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40ـ يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 60ـ يىللىرىغىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، جۇڭگو ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتلاتتى ھەمدە كۈچى تېخىمۇ زور بولغان ۋودورود بومبىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، بۇ بەش دۆلەت ئىچىدە، ئاتوم بومبىسىنى پارتلىتىشتىن ۋودورود بومبىسىنى پارتلىتىشقىچە، جۇڭگونىڭ سەرپ قىلغان ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولۇپ، پىشقان يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەنلىكتىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70ـ يىللىرىدا ب د ت دىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ھەمدە دائىمىي ئەزا دۆلەتلىك ئورنىغا ئېرىشتى. 

دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت بولۇشقا ئىرادە باغلىغان باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ كەچۈرمىشى كىشىنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇرىدۇ، جۇڭگودىن كېيىن، ھىندىستان، پاكىستان، ئىسرائىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقىمۇ ئۆزىنىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولدى، بۇ تۆت دۆلەتنىڭ خەلقارادىكى ئورنى زور دەرىجىدە ئۆستى، ھىندىستان ھەتتا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، قۇدرىتى تېخىمۇ چوڭ بولغان ۋودورود بومبىسىنى تەتقىق قىلىش ئويى بار. ئەمما، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەش ئويى يوق، بۇ دۆلەت ھەتتا يادرو قورالىغا ئىگە بولۇپ ئون نەچچە يىلدىن كېيىن ئاران تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان يادرو قورالىدىن ۋاز كېچىپ، كۈچلۈك دۆلەتتىن ئىككىنچى، ئۈچىنچى قاتاردىكى دۆلەتكە ئايلاندى. 

جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئېچىشى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 ـ، 70ـ يىللىرىدىكى خەلقارا ۋەزىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەينى چاغدا، دۇنيا ئامېرىكا ـ سوۋېت ئىتتىپاقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا قالغان بولۇپ، بارلىق دۆلەتلەر ئىككى سەپتە تۇرۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنىدى، لېكىن ئافرىقىدىكى كۈچلۈك دۆلەت بولغان جەنۇبىي ئافرىقا ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلاتتى، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا سوۋېت ئىتتىپاقى لاگېرى ۋە ئامېرىكا لاگېرىنىڭ قوش بېسىمىغا دۇچ كەلدى.جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىكلەر ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەر بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ زىددىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىقتى، سوۋېت ئىتتىپاقى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆكتىچى كۈچلەرنى يۆلىدى، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە بولسا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن تەنقىد قىلدى، ھەمدە بۇنى باھانە قىلىپ جەنۇبىي ئافرىقىغا جازا يۈرگۈزدى. 

بۇ خىل ئەھۋالدا، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىكلەر ھۆكۈمىتى يادرو قورالى ياساش ئارقىلىق جەنۇبىي ئافرىقا تۇرۇۋاتقان خەلقارا مۇھىتنى ياخشىلاشقا بەل باغلىدى. كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 ـ، 70ـ يىللىرىدا، خەلقارا جەمىيەت يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىشنى چەكلەش قارالمىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلمىغان، شۇڭا ئەينى چاغدىكى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىشى دەرھال چەت ئەللەرنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلمايتتى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئېچىشىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللىغان.  جەنۇبىي ئافرىقىدا مول ئۇران كانى بار، يادرو قورالى ياسايدىغان خام ماتېرىيال كەم ئەمەس. ئىسرائىلىيەگە ئۇران كانى ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق جەنۇبىي ئافرىقا يادرو قورالىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تېخنىكىغا ئېرىشتى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئۆزىدە بىر قەدەر كۈچلۈك سانائەت ئاساسى بولغاچقا، 1979ـ يىلى ئامېرىكىنىڭ جاسۇسلۇق سۈنىي ھەمراھى جەنۇبىي ئافرىقا ئاسمىنىدا ئىككى قېتىم كۈچلۈك ھەم قىسقا ۋاقىتلىق چاقنىغان نۇرنى كۆزەتكەن، بۇ ئاتوم بومبىسى پارتلىغان ھادىسە دەپ قارالغان. جەنۇبىي ئافرىقا يەنە تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلىدى. 1982ـ يىلىغا كەلگەندە، بۇ چاغدا جەنۇبىي ئافرىقا ئالتە يادرو قۇرۇلمىسىنى ياساپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتىنى بومباردىمانچى ئايروپىلان قويۇپ بېرىشكە بولىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا دەسلەپكى قەدەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ يادرو كۈچىنى بەرپا قىلدى، بومباردىمانچى ئايروپىلاندا ھاۋادىن يادرو بومبىسى تاشلىغاندىن باشقا، جەنۇبىي ئافرىقا يەنە يىراق مۇساپىلىك توشۇغۇچى راكىتانى ياساشنى پىلانلىدى.

بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تېخنىكا كۆرسەتكۈچى ئىسرائىلىيەنىڭ جېرىكو ـ 2 بەلگىلىك ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا يېقىن بولۇپ، ئۈنۈملۈك يۈك كۆتۈرۈش مىقدارى 1000 كىلوگرام، ئېتىش مۇساپىسى 1500 كىلومېتىردىن 3500 كىلومېتىرغىچە. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئەتراپىدا كۈچلۈك دۆلەت يوق، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80ـ يىللىرىدا جەنۇبى ئافرىقىدا نېگىرلار ھەرىكىتى ئەۋجىگە چىققان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەتكەن بېسىمى بارغانسېرى ئېشىپ، ئىچكى ـ تاشقى جەھەتتە قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، يېتىم قالدۇرۇلغان جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىكلەر ھۆكۈمىتى قارا تەنلىكلەر بىلەن يارىشىش، قارا تەنلىكلەرنى ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە قىلىشنى ئويلاشمىسا بولمايدۇ.

ئۇندىن باشقا، يادرو قورالىدىن ۋاز كېچىشمۇ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىكلەر ھۆكۈمىتىنىڭ ئويلىشىشى ئىچىدە بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىكلەر ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە قارا تەنلىكلەرنىڭ ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئېرىشىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سايلامدا، جەنۇبىي ئافرىقا نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان قارا تەنلىكلەر دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىگىلەيدۇ، يادرو قورالى قارا تەنلىكلەر ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. ئەمما، ئەينى چاغدا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى نېگىرلار ھەرىكىتى رادىكاللىققا ئېغىپ كەتكەن بولۇپ، ئەگەر رادىكال، پىشىپ يېتىلمىگەن بىر ھۆكۈمەت يادرو قورالىغا ئىگە بولغان بولسا دۆلەتكە زۆرۈر بولمىغان زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئەتراپىدا ھەربىي جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت يوق، يادرو قورالىدىن ۋاز كەچكەن تەقدىردىمۇ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بەك چوڭ پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ؛

ئۇنىڭ ئۈستىگە، يادرو قوراللىرىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كېچىشمۇ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى جەنۇبىي ئافرىقىغا قارىتىلغان جازانى بىكار قىلالايدۇ. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىكلەر ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80ـ يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا يادرو قوراللىرىنى ئېچىش مۇساپىسىنى توختىتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە بارلىق يادرو قوراللىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي ئافىرىقا يادرو قورالىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا يادرو قورالىدىن ۋاز كېچىشنى تاللىغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالغان.

جەنۇبىي ئافرىقىغا بېسىم ئىشلىتىش جەريانىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر دائىم جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىرقىي مەسىلىنى مىسال قىلىپ سۆزلەيدۇ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە ھەقىقىي ھېسداشلىق قىلمايدۇ، يادروغا ئىگە چوڭ دۆلەتلەر يادروغا ئىگە يېڭى دۆلەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، مانا بۇ تاشقى كۈچلەرنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا كەينى ـ كەينىدىن بېسىم ئىشلىتىشىدىكى تۈپ سەۋەب.


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹









pasibann
你好。欢迎
 最新文章