ئاتا-بوۋېللىرىمىزنىڭ ياشلىقىدىكى ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولغان 《داجەي روھى》نى ئاڭلىغانمۇ؟ داجەي روھىنىڭ باشلامچىسى بولغان بۇ ئاددىي دېھقان رەئىسنىڭ بۇيرىقى بىلەن بىر كېچىدىلا گوۋۇيەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بوپ ئۆستۈرۈلگەن.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، يادرولۇق رەھبەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەدەنىيەتلىك، ئىدىيەلىك، ئىقتىدارلىق كىشىلەر دىن تاللانغان بولۇپ ھەممىسى دىگۈدەك دۆلەت قۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن، ئىنقىلابچىلاردۇر، لېكىن بىر ئادەم ئادەتتىكىچە ئەمەس، ئۇ دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆمۈرى ئاساسەن ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرى بىلەن ئۆتكەن، لېكىن يېشى ئەللىكدىن ئاشقاندا بىر دومىلاپلا مۇئاۋىن زۇڭلىغا ئايلانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى زۇڭلىلىق ئورنىغا ماۋجۇشى ئۆستۈرگەن! ماۋجۇشى نېمە ئۈچۈن مەدىنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بىر دېھقاننى دۆلەت رەھبىرى قىلىپ ئۆستۈرىدۇ؟
سەۋەبى بۇ ئادەم داجەي روھى نى مۇستەقىل يارىتىش، دېھقانلارنى جاپالىق ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەشتىكى باشلامچى. 1952ـ يىلى 37 ياشلىق چېن يوڭگۈي تەبىئىي مۇھىتنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىدىن قورقماي، دېھقانلارنى جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەپ، تاغ ئېتىكىدىن ئەپكەش بىلەن توپا توشۇپ تاغقا چىقىپ ئېتىز بەرپا قىلغان. ئۇ تاغ ۋە سۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئون يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان داجەي روھىنى ياراتتى. چېن يوڭگۈي ئۆزىنىڭ داجەي كەنتىنى باشلاپ، قايتا ـ قايتا تەبىئىي ئاپەتنىڭ نابۇت قىلىشىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئۆز قولى بىلەن ساقلاپ قالغان.شۇڭا بىردىنلا ھەممە يەرنى قاپلاپلىغان يېزا ئىگىلىكتە چېن يوڭگۈيدىن، داجەيدىن ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالدى.
ئۇ داجەي كەنتىدىكى خەلققە باشلامچىلىق قىلىپ بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات مىقدارى ئارقىلىق، ھەر قايسى جايلاردىكى تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، چېن يوڭگۈي دېگەن بۇ ئىسىمنى جاپالىق ئەمگەك قىلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ قەلبىدە جاراڭلىق ياڭراتقان.
داجەي كەنىتىدە ئېغىر ئاپەت يۈز بەرگەندە 560 مىڭ جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلدى، بىر پۇڭمۇ دۆلەت قۇتقۇزۇش پۇلى ئالمىدى. 1963ـ يىلى داجەيدە ئېغىر ئاپەت كۆرۈلگەن بولۇپ بۇ داجەينىڭ يەتتە ئاپەت، سەككىز قىيىنچىلىق يىلى دەپ ئاتالغان، بۇ بىر يىلدا داجەيدە بىر قېتىم قۇرغاقچىلىق، بىر قېتىم ھۆلچىلىك، بىر قېتىم پەۋقۇلاددە زور كەلكۈن، ئىككى قېتىملىق بوران ئاپىتى، بىر قېتىملىق مۆلدۈر ئاپىتى، بىر قېتىملىق ئۈششۈك ئاپىتى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلكۈن كېلىشتىن ئىلگىرىكى قۇرغاقچىلىق، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدىكى ھۆلچىلىك ئاپىتى تۈپەيلىدىن داجەي پاتقاق بولۇپ، پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانىدى.
لېكىن داجەيلىكلەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش روھىغا تايىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇرت ـ ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىققان.
بۇ چوڭ ئاپەت بولغان يىلى داجەيدە ئاشلىقنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 704 جىڭغا، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 560 مىڭ جىڭغا يېتىپ، دۆلەتتىن بىر تىيىنمۇ قۇتقۇزۇش پۇلى ئالمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۆلەتكە 240 مىڭ جىڭ تاۋار ئاشلىق تاپشۇرغان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا داجەي كەنتىدىكى ئەزالار توپا گەمە ئۆيدە تۇرۇش تارىخىغا مەڭگۈ خاتىمە بەردى، ھەممىسى يېڭى ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى.بۇ جۇڭگو تارىخىدىكى بىر قېتىملىق مۆجىزە خاراكتىرلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش جېڭى ھېسابلىنىدۇ.
چېن يوڭگۈي نام چىقارغاندىن كېيىن، يولداش تاۋ لۇيۈ ئۇنى رەئىسكە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چېن يوڭگۈي، بۇ يىل 50 ياش، 40يېشىدا دېھقانلار كۇرىسىغا قاتنىشىپ 42 يېشىدا ساۋاتسىزلىق تۈگىتكەندىن كېيىن ھازىر ئوقۇيالايدۇ، يازالايدۇ، دەپ ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى رەئىسكە سۆزلەپ بەرگەن. ئىلگىرى چېن يوڭگۈي تەييۈئەندە دوكلات بەرگەندە داڭلىق يازغۇچى جاۋ شۇلى ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىسىغا مۇنداق دېدى: مەن چېن يوڭگۇينىڭ دوكىلاتىدا بىرەر جايدا رەئىس ماۋ زېدۇڭنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم، لېكىن ئۇنىڭ دوكىلاتىنىڭ ھەممىلا جايىدا ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى بار ئىكەن، قايىل بولدۇم ئۇ راستىنلا قارا قورساق ئىختىساس ئىگىسى ئىكەن ! دىگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن مەركەز رەھبەرلىرى دېيىشىۋالغاندەكلا ئارقا- ئارقىدىن داجەينى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق داجەي ۋە داجەينىڭ باشلامچىسى چېن يوڭگۈيگە بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈشىنى ئىپادىلىدى. 1964ـ يىلى ماۋ زېدۇڭ جۇڭگونىڭ يېڭىچە دېھقانلار ۋەكىلى بولغان چېن يوڭگۈينى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىگە تەكلىپ قىلغان. تاماق ۋاقتىدا، ماۋ زېدۇڭ چېن يوڭگۈيگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ: سىز يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسى دېگەن.
نام چىقارغاندىن كېيىن چېن يوڭگۈينىڭ ئەمىلىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئۆسۈپ، داجەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىدىن سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. لېكىن نام چىقارغاندىن كېيىنمۇ چېن يوڭگۈي يەنىلا ئاددىي ـ ساددا ئىستىلىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇ بېيجىڭغا بارغاندا دياۋيۈتەي دۆلەتلىك مېھمانسارىيغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا بۇنداق ھەشەمەت تۇرالغۇغا كۆنەلمىدى. يەنە بىرەيلەننى تېپىپ ئۆز قەلىمى بىلەن رەئىسكە خەت يېزىپ، ئۇنىڭ دېھقان ئىكەنلىكىنى، بۇنداق راھەت ـ پاراغەتلىك تۇرمۇش ھالىتىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بۇ خىل ئاددىي ـ ساددا مىجەزى رەئىسنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ياقتۇرۇشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.
چېن يوڭگۇي ئەمەلدار بولغاندىن كېيىن، خوتۇن ـ بالىلىرى بىلەن يەنىلا يېزا نوپۇسىدا بولۇپ، ئىش نومۇرىغا تايىنىپ جان باقاتتى. داجەي چوڭ ئەترىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بۇ رەھبىرىنىڭ كۈنلۈك ئەمگىكىگە بىر يۈئەن بەش مو پۇل بەردى. بىر ئايدا تولۇق ئىشقا چىقسا 45 يۈئەن مائاش چىقاتتى. چېن يۇڭگۇي داجەيدىن ئىش نومۇرى ئالغاندىن باشقا، مەركەز ھەر كۈنى ئۇنىڭغا بىر يۈئەن ئىككى مو تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرەتتى. گوۋۇيۈئەننىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ چاي ئىچسە بىر قېتىمىغا بىر مو تاپشۇرىدۇ، ئۇ بۇ قائىدىنى بىلگەندىن كېيىن يىغىنلارغا قاتناشسا پەقەت قايناقسۇ ئىچپ چاي ئىچمىگەن.
ئەمىلى مۇئاۋىن دۆلەت دەرىجىلىك بولغىنى بىلەن ئۇ ئادەتتىكى ئىشچى ـ دېھقانلارغا ئوخشايتى، ئۇنىڭ خىزمەت ئىستىلى بولسا ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى كادىرلار، پاك ـ دىيانەتلىك، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تىن ئىبارەت ئىدى.
چېن يوڭگۈينىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئائىلە ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، شۇڭا مائارىپ جەھەتتە يېتەرسىزلىكى بار. مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن شۇڭا چىن يوڭگۇي مۇشۇنداق مۇھىم ئورۇندا ئولتۇرسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇمانىدىن خالىي بولالمايدۇ. لېكىن ئۇ داجەي پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندىن كېيىن، ئىزچىل پارتىيەنىڭ يوليورۇقى بويىچە خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بەلگىلىك سىياسىي كاللىسى بار، تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، خىزمەتتە چارىسى كۆپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ.
شۇڭا، ئۇنىڭ ئامما ئارىسىدا ئىناۋىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەر بىر خىزمەتتە دېگۈدەك ئاممىنى يېتەكلەپ نەتىجە يارىتالايدۇ.
رەئىس ماۋ زېدۇڭ چېن يوڭگۈينىڭ ئىقتىدارىغا ئىنتايىن قايىل، ئۇنىڭ گوۋۇيۈئەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولۇپ، داجەي روھىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەينى يىلى ماۋجۇشىنىڭ چېن يوڭگۈينى ئۆستۈرۈشى، سېپى ئۆزىدىن بۇ دېھقاننىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكىدىن بولغان. چېن يوڭگۈي نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، جۇڭگو ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئۇ رەئىس ماۋ زېدۇڭ ۋە كومپارتىيەنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلغان، پارتىيە ۋە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە قىزغىنلىقىنى جارى قىلدۇرغان.
ئەڭ داڭلىق يېزا ئىگىلىكىدە داجەيدىن ئۆگىنىشكە رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن چېن يۇڭگۇيدىن ئىبارەت ئىككى قەھرىماننىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى مۇجەسسەملەنگەن!
چېن يوڭگۈي بولسا ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئەڭ چوڭقۇر قائىدىلەرنى سۆزلىگەن.شۇڭا، جۇ زۇڭلى ئۇنىڭغا مەدەنىيەتسىز لېكىن ، سەۋىيەلىك دېگەن ئالتە سۆز بىلەن باھا بەرگەن.گەرچە بىر نەچچە خەتلا بولسىمۇ، ئەمما بۇ جۇزۇڭلىنىڭ ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئېتىراپ قىلىش ھېسابلىنىدۇ
بۇ يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى دېھقان زۇڭلى ھەمىشە يامان غەرەزلىك كىشىلەر تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىدۇ ۋە بوھتان چاپلىنىدۇ. ئەمەلىيەتمۇ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ چېن يوڭگۈينى خاتا كۆرۈپ قالمىدى، چېن يوڭگۈينىڭ زۇڭلى بولغاندىن كېيىنكى تەسىرلىك ئىش ـ ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب ئەخلاق ـ پەزىلىتىدىن بىز بىر دېھقاننىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۇلۇغلۇق نۇرىنى كۆردۇق.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ نەزىرىدە ئادەمنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەنلىك پەرقى بولمايدۇ، شۇڭا دۆلەت قۇرۇلۇشىغا قۇربى يېتىدىغان بىر دېھقاننى زۇڭلى قىلىپ سايلاش پۈتۈنلەي ماۋجۇشىنىڭ دانا تەدبىرى بولۇپ، خەلقنى ھەقىقىي تۈردە ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا قىلىدۇ! رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن چېن يۇڭگۇي ئەمەلىيەت ئارقىلىق، كېلىپ چىقىشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتىينەزەر، ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹