جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بېيجىڭدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى باشلىدى
8-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى سۇللىۋان بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى باشلىدى.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: سۇللىۋاننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ھەم تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىنى قارشى ئالىمەن. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئوڭۇشسىزلىققا تولدى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ بايدېننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، بىز بالى ئارىلىغا قايتا بېرىش، سان-فىرانسىسكوغا بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ئەرزىيدۇ، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئاچقۇچ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش چوڭ يۆنىلىشىنى چىڭ كۆزلەشتە.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سان-فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدىكى ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە. ئىككى دۆلەتنىڭ كېيىنكى ئىككى كۈندە بۇ ھەقتە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سان-فىرانسىسكو ئارزۇسىغا قاراپ كاشىلىلارنى يېڭىپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، تۇرغۇن ئابلىز
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت