نىتانىياخۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

文摘   2024-09-12 21:53   新疆  

شۇ يەر ۋاقتى 20-ئاۋغۇست، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ بىر قىسىم ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش-قىلماسلىقنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى، لېكىن كېلىشىم ھاسىل قىلىنسىمۇ، بۇ كېلىشىمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نىتانىياخۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسرائىلىيە ھەرگىز ئۆزىنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۈلكى مەسىلەن «فىلادېلفىيە كارىدورى» دىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى خاماس بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلمايدۇ.

pasibann
你好。欢迎
 最新文章