شۇ يەر ۋاقتى 20-ئاۋغۇست ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدا 33 ياشلىق بىر ئايال بىر ياش 10 ئايلىق بولغان بالىسىنى تومۇز ئىسسىقتا ئاپتوموبىل ئىچىدە قويۇپ قويغان، نەتىجىدە بۇ بالا قازا قىلغان، ساقچىلار بۇ ئايالنى قولغا ئالغان، ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە: بۇ ئايال يەنى جىنايەت گۇماندارى خىلدا بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر زەخىملەندۈرۈش ۋە بالىلارغا زىيان يەتكۈزۈش/تاشلىۋېتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىدا بۇ يىل ئاز دېگەندە 24 بالا ئاپتوموبىل ئىچىدە قېلىپ يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن قازا قىلغان.