سىزمۇ قېتىققا ئامراقمۇ

文摘   2024-07-31 23:17   新疆  


دىئابىت بىمارلىرى قېتىق ئىچكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟


قېتىق كىشىلەر دائىم ئىچىدىغان ئىچىملىك بولۇپ، تەمى تاتلىق بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇنداقتا دائىم قېتىق ئىچىشنىڭ بەدەنگە قانداق پايدىسى بار؟


قېتىق كالا سۈتىگە سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى ئەملەش ئارقىلىق ئېچىتىلىدۇ، بۇمۇ بىر خىل سۈت مەھسۇلاتىغا تەۋە. قېتىقنىڭ خام ماتېرىيالى سۈت، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوقۇم ئەلا سۈپەتلىك سۈت بولۇشى كېرەك، كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئېچىتىلغاندىن كېيىن قېتىقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كالا سۈتىنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.


1.كالا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ ھەممىسى قېتىقتا مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ. قېتىقمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىي، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە B تۈردىكى ۋىتامىنلارغا ئېرىشىشىدىكى ياخشى مەنبە.


2. سۈت ئېچىتقاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئاقسىللار ئەركىن ئامىنو كىسلاتاسى ۋە پولىپېپتىدقا پارچىلىنىپ، تېخىمۇ ياخشى ھەزىم بولىدۇ ۋە سۈمۈرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ئاشقازىنى ئانچە ياخشى بولمىغان، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ.


3. ئېچىتىش جەريانىدا B تۈردىكى ۋىتامىنلار تېخىمۇ كۆپىيىپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئاشىدۇ. B تۈردىكى ۋىتامىنلارمۇ ھازىرقى زامان كىشىلىرىدە ئاسان كەمچىل بولىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلاردۇر. دائىم قېتىق ئىچىشمۇ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق. 

4. قېتىق تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى. قېتىق تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتاسى ۋە پولىپېپتىد يەنە كالتسىي، تۆمۈر، سىنك قاتارلىقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىنېرال ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

5. بەزى كىشىلەردە لاكتوزا ئېنزىمى كەمچىل بولغاچقا، سۈت ئىچكەندە قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، قورساق كۆپۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قېتىق ئەڭ ياخشى تاللاش، قېتىق ئېچىتىلغاندا، سۈت تەركىبىدىكى لاكتوزا سۈت كىسلاتاسى ۋە باشقا ئورگانىك كىسلاتالارغا ئايلىنىدۇ، لاكتوزا باكتېرىيىسىمۇ لاكتوزا ئېنزىمى ھاسىل قىلىدۇ، قېتىق ئىچىش «لاكتوزىغا چىدامسىزلىق» ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.


6. قېتىقنى ئېچىتقاندا سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى قوشۇلىدۇ، گەرچە ئۇنى ئۈچەي يولىغا كۆچۈرگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن باكتېرىيە بۆلىكى زىيانلىق باكتېرىيەنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ، ئۈچەي يولىدىكى مىكرو ئېكولوگىيەنى ياخشىلاشقىمۇ پايدىلىق.

دىئابىتلار قېتىق ئىچكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

1. قېتىقنىڭ تەمى بىر قەدەر قىرتاق بولىدۇ، ئادەتتە تەم تەڭشەش ئۈچۈن شېكەر قوشۇلىدۇ، شېكەر قانچە كۆپ سېلىنسا ئىسسىقلىق مىقدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. سېمىز ۋە دىيابېت كېسىلى بار كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئانچە پايدىلىق ئەمەس. شۇڭا، قېتىق تاللىغاندا ئامال بار كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مىقدارى تۆۋەنلىرىنى تاللاش كېرەك. ئەگەر ئائىلىدە ياسالغان قېتىق بولسا، شېكەر قوشماي، بەلكى مېۋە دانچىسىنى قوشۇپ تەمىنى تەڭشىسە بولىدۇ.

2. قېتىق تاللاشتىمۇ ئاقسىل مىقدارىغا قاراش كېرەك، ئاقسىل مىقدارى بەك تۆۋەن بولغىنى سۈت كىسلاتا باكتېرىيەلىك ئىچىملىك بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق قېتىقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇ بولۇپ، قېتىققا تەۋە ئەمەس، ئوزۇقلۇق قىممىتى خېلىلا تۆۋەن.


3.ئەگەر ئۆزى ياسىغان قېتىق بولسا، قانچە قويۇق بولسا شۇنچە ياخشى. ئەگەر سودا ئارىلاشتۇرۇش تىپىدىكى قېتىق بولسا، قۇيۇلدۇرۇش دورىسى قوشسىمۇ ياخشى-يامانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، بىراق قۇيۇلدۇرۇش دورىسىمۇ يېمەكلىك تالاسىغا تەۋە بولۇپ، بەدەنگە ھېچقانداق زىيىنى يوق. دىئابىت بىمارلىرى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلسا بۇلىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىڭ

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章