ئەرلىك جىنسىي ھەۋەسنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىسپېرمىنى ساقلاشتا مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە يۈز بېرىدۇ، يەنى «قۇۋۋىتى تېشىپ چىقىدۇ»؛ ئاياللار ھەيىز كېلىشتىن بۇرۇن ۋە تۇخۇم چىقىرىشتىن بۇرۇن جىنسىي ھەۋەسنىڭ يۇقىرى پەللىسى شەكىللىنىدۇ. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، جىنسىي جەھەتتىن يېتىلگەندىن كېيىن مەلۇم جىنسىي ھەۋەس دەۋرىيلىكى مەۋجۇت بولىدۇ. ئەر-ئاياللاردىكى جىنسىي ھەۋەس دەۋرى بەدەن ئەھۋالى، پەسىل ئۆزگىرىشى، فىزىئولوگىيە قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە پەرقلىق بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدا ئەر-ئاياللارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ۋاقىت ئارىلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا جىنسىي ھەۋەس دەۋرىيلىكىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانىنى ئىمكانقەدەر ياخشى تەڭشەپ، مۇكەممەل تەسىرات ھاسىل قىلىش كېرەك.
ھەيىز ئاياللارنىڭ ئۆزىگە خاس فىزىيولوگىيەلىك ھادىسىسى بولۇپ، ھەيىز مەزگىلىگە كەلگەندە بەدەندە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىشچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ؛ پۈتۈن بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى ئادەتتىكى ۋاقىتتىن ناچار بولىدۇ؛ كۆپىيىش ئەزالىرىدىكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئاجراپ قانايدۇ، بالىياتقۇ ئېغىزى ئېچىلىدۇ، ئىشقارلىق ھەيىز قېنى جىنسىي يولنىڭ كىسلاتالىق مۇھىتىنى نېيتراللاشتۇرىدۇ، جىنسىي يولنىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، تەبىئىي توساق ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
جىنسىي ھەۋەس دەۋرىيلىكى جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى، ئارىلىق ۋاقتى ۋە ئەڭ ئىناق ئۈنۈمگە ئېرىشىش قانۇنىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ھەيىز مەزگىلى ئاياللارنىڭ تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن ۋاقىت، ئەمما جىنسىي ھەۋىسى كۈچىيىپ كېتىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى بولىدۇ. ئەگەر ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلسا، بەزى ناچار ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.
1. يۇقۇملىنىش خەتىرى
ھەيىز مەزگىلىدە يېقىنچىلىق قىلىشسا ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى باكتېرىيەلەرنى جىنسىي يولغا ئېلىپ كىرىدۇ، ھەيىز قېنى باكتېرىيە قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ياخشى يېتىشتۈرۈش بازىسى بولۇپ، باكتېرىيە ناھايىتى ئاسانلا كۆپىيىدۇ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىكى نۇرغۇن ئۇششاق يارا ئېغىزى ۋە يېرىلىپ كەتكەن ئۇششاق قان تومۇرلار كېڭىيىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، ھەتتا تۇخۇم نەيچىسى ۋە داس بوشلۇقى ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2. قان چىقىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئىككى تەرەپ ھاياجانلانسا، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا قان تولۇپ، ھەيىز مىقدارى كۆپىيىپ، ھەيىز ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ.
3. تۇغماسلىق خەۋپى كۆرۈلىدۇ
ھەيىز مەزگىلىدە يېقىنچىلىق قىلىشسا جىنسىي ھاياجانلىنىش سەۋەبىدىن بالىياتقۇ قىسقىرايدۇ، يەنە بالىياتقۇ ئىچكى پەردە پارچىلىرىنى داس بوشلۇقىغا سىقىپ چىقىرىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى باشقا ئورۇندا بولۇش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇغماسلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەيىز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ئىسپېرما بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى سۇنغان جايدا قان ھۈجەيرىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ھەتتا قانغا كىرىپ، ئىسپېرمىغا قارشى ئانتىتېلانى پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىممۇنىتېتلىق ھامىلدار بولالماسلىق، تۇغماسلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. باشقا خەۋپ-خەتەرلەر
ھەيىز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئەگەر ئاياللاردىكى ھەيىز ئاجرالمىلىرى ئەرلەرنىڭ سۈيدۈك يولىغا كىرىپ كەتسە، ئەرلەردە سۈيدۈك يولى غىدىقلىنىش كېسىلى ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.
قاننىڭ سەۋەبى تۈپەيلىدىن جىنسىي يولدىكى سىلىقلاشچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، جىددىي جىنسىي مۇناسىۋەت ھەرىكىتى ئاياللارنىڭ جىنسىي يول ئېغىزىنى ياللۇغلاندۇرۇپ ئىششىتىپ قويۇشى مۇمكىن. ھەيز مەزگىلىدە يېقىنچىلىق قىلسا، ئاياللارنىڭ كېيىنكى بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە يامغۇرلۇق كۈنلەردە بەل ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ھەيز مەزگىلىدە، ئەر-ئاياللار ھەۋىسىنى قانداق قاندۇرۇشى كېرەك؟
باشقا خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ، مەسىلەن سۆيۈشۈش، سىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەر-ئاياللارنىڭ ھەۋىسىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن ئىلگىرى چوقۇم تازىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
دىققەتنى بۇراش، ساياھەت قىلىش ياكى باغچىلارغا بېرىپ سەيلە قىلىش قاتارلىق جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، ساغلاملىقنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بىردەملىك خۇشاللىققا ئېرىشىشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى يەنىلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىش كېرەك، ھەيز مەزگىلىدە يەنىلا چىدىيالىسا چىداپ تۇرۇش كېرەك.