ئۆزىدە ئەيدىز كېسىلى بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈشتىكى 10 خىل ئۇسۇل

文摘   2024-07-31 23:17   新疆  

ئەيدىز كېسەللىكى جىنسىي مۇناسىۋەت، قان، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك. ئۇنداقتا ئەيدىز كېسەللىكى كۆرۈلسە، ئادەم بەدىنىدە قانداق بېشارەتلەر بولىدۇ؟

ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى قايسىلار:
1. كەڭ دائىرىلىك لىمفا تۈگۈنى يوغىناش، بولۇپمۇ بويۇن، قولتۇق ۋە يىرىق لىمفا تۈگۈنلىرى يوغىناش كۆرۈلىدۇ.
2. بەدىنى تۇيۇقسىز پات-پات تەرلەيدۇ.
3. بەدىنىدە ئېغىر چارچاش كۆرۈلىدۇ.
4. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ.
5. ئاستا خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش كۆرۈلىدۇ.
6. دەم سىقىلىپ يۆتىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ .
7. ئېغىزدا ياپىلاق ياكى ھال رەڭ، قىزىل چېكىت پەيدا بولىدۇ.
8. يۇتقۇنچاق قىسمىدا ئاق پەردە پەيدا بولىدۇ.
9. ئەرلەرنىڭ يىرىق ۋە جىنسىي ئەزاسىدا قىسمىدا كېپەك خاراكتېرلىك داغ پەيدا بولىدۇ، قىچىشقاندەك ھېس قىلىدۇ.
10. ئاياللارنىڭ مەقئىتى قىچىشىدۇ، جىنسىي يولى قىچىشىدۇ.
11. باش ئاغرىش. كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش كۆرۈلىدۇ.


ئەيدىز كېسىلىنى ئۆزى تەكشۈرۈشتىكى 10 خىل ئۇسۇل:
1. جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، تەكرار قىزىش ئالامىتى كۆرۈلۈش، قىزىتمىنى دورا بىلەنمۇ پەسەيتەلمەسلىك.
2. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماغدۇرسىزلىنىش، بوغۇملار سەۋەبسىز ئاغرىش.
3. گېلى سەۋەبسىز ئىششىپ ئاغرىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇللىرى سىرقىراپ ئاغرىش.
4. جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇيقۇسى كېلىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، سوغۇقتىن قورقۇش.
5. تىل گېزى قېلىنراق بولۇش، ئېغىز بوشلۇقىدا غەيرىي پۇراق بولۇش.
6. تۇيۇقسىز قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، دورا يېسىمۇ ياخشىلىنىش بولماسلىق.
7. سەۋەبى ئېنىق بولمىغان لىمفا تۈگۈنى ئىششىقى پەيدا بۇلۇش، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بۇلۇش، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەسلىك.
8. تېرىگە تۇيۇقسىز ئەسۋە چىقىپ، داغلار تومپىيىپ چىقىش، ھەتتا پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىش.
9. مىكروبسىز مېڭە پەردە ياللۇغى، نېرۋا ياللۇغى، بەدەندە چىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈش.
10. تەكشۈرۈشتە ئەيدىز كېسىلى سىناق قەغىزى ئىشلىتىش.


ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى:
1. شەخسىي بۇيۇملارنى باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرىلەنمەسلىك، شەخسىي تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىقنى ساقلاش كېرەك.
2. جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا،چوقۇم بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىش كېرەك.
3. زەھەردىن يىراق تۇرۇش.
4. باشقىلار بىلەن ئىشپرىسنى ئورتاق پايدىلانماسلىق، نامۇۋاپىق قان بېرىشتىن ساقلىنىش.


Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章