تۇز بولسا ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم بولغان ماددىلارنىڭ بىرسى ،شۇنداقلا تۇرمۇشىمىزدا تۇز سېلىنمىغان تاماقنى نۇرغۇن كىشىلەر يىيشنى خالىمايدۇ.
ئۇنداقتا بۇنداق مۇھىم تۇزنى يوقىرى قان بېسىم بىمارلىرى نېمە ئۈچۈن ئاز يېيىشى كېرەك؟
چۇنكى تۇز كۆپ بولسا، سۇ كۆپ بولدۇ، سۇ كۆپ بولسا،قان بېسىمى يوقىرى بولدۇ.بەدەن قۇبۇل قىلغان تۇز ھەددىن زىيادە كۆپ بولغاندا بەدەنگە كىرگەن ناترىي ئىئونىمۇ كۆپىيىپ، زىيادە كۆپ ناترىي ئىئونى بەدەندە يىغىلىپ، ھۆجەيرە سىرتىدىكى ناترىي ئىئونلىرى كۆپىيىدۇ،بەدەن ئوسموتىك بېسىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قان سۇيۇقلۇقىدىكى سۇ تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاننىڭ سىغىمچانلىقى ئاشىدۇ، شۇ ئارقلىق قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. قان بېسىمى ئۆرلىگەندە، ھۆجەيرە ئىچىدىكى ناترىي ئىئونلىرى كۆپىيىپ ھۆجەيرە ئىچىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، ئەگەر كىچىك ئارتېرىيە دىۋارىنىڭ سىلىق موسكۇل ھۆجەيرىسى سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلسا ئارتېرىيە نەيچىسى بوشلۇقى تارىيىپ، قان تومۇر قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.شۇڭا، يوقىرى قان بېسىم بىمارلىرى تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا« ئەكسىچە» ئۈنۈم بېرىدۇ، شۇڭا دائىم تۇزسىز يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
يوقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا نىسبەتەن قانچىلىك تۇز ئىستېمال قىلىش كېرەك؟
بىر كۈن ئىچىدە ئىستىمال قىلىدىغان تۇزنىڭ مىقدارى ئالتە گىرام بولسا بولىدۇ.
2017-يىللىق يوقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قوللانمىسىدا، مۇتەخەسسىسلەر تۆۋەن تۇزلۇق يېمەك-ئىچمەككە ئېنىق تەبىر بەرگەن بولۇپ، تۇزسىز يېمەك-ئىچمەك ھەر كۈنى ناترىينىڭ مىقدارى 2 گىرام ئەتراپىدا (ئاش تۇزىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 6 گىرام) بولغان يېمەك-ئىچمەكنى كۆرسىتىدۇ.مىنرال سۇ بوتۇلكىسىنىڭ ئاغىزىغا لىق كېلىدىغان تۇز يەنى 6 گىرام. لېكىن، سىز ئۈچ ۋاق تاماق ئېتىش جەريانىدا6 گىرام تۇز سالىسىڭىز« ئىش تامام ۋەسسالام»بولۇشى ناتايىن،چۈنكى مۇتلەق كۆپ قىسىم نەرسىلەرنىڭ تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردىكى ناترىي بولىدۇ.
ئەگەر تەم تەڭشەش ئۈچۈن جياڭيۇ، تۇزلانغان سەي، سۈرلەنگەن گۆش، كولباسا، ھەر خىل گۆشلۈك كونسېرۋالارنىڭ تەركىبىدىمۇ تۇز بار،شۇڭا سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، ئۈچ ۋاق تاماقتا ئامال بار تۇز، جياڭيۇ قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچ خۇرۇچلارنى ئاز ئىشلىتىش كېرەك، كۆپ ساندىكى« تۇزلۇق يېمەكلىك» تىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا يېمەك-ئىچمەكتىكى تۇز مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولدۇ.
لېكىن نۇرغۇن دوستلار تۇزسىز يېمەكلىكلەرنى يېمىسە تەمى بولمايدۇ، تاماق يېگەندە .ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ تۇزلۇق تاماق ئىستىمال قىلىۋالدۇ.
ھەركۈنى بىر يېڭى مەزمۇن يوللىنىدۇ،ساغلاملىق بىلىملىرىگە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز سالۇنىمىزدا بولسۇن
بۇ يەرنى بېسىڭ