يۇمغاقسۈتنىڭ تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق شىپالىق رولى ، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش سۈيدۈك ھەيدەش، قان توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر- ئېغىز ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق ئىشتىھاسىزلىق، ئاشقازان كۆپۈش، ئۇسسۇزلۇق، سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى- ھۆل يۇمغاقسۈتنى سىقىپ سۈيىنى ئىچسە ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، سىركە بىلەن قوشۇپ كۆزگە تېمىتسا كۆزگە قاپارتقۇ ۋە چېچەك چىقىشنى توسايدۇ. كۆزنىڭ سېرىقلىقىنى يوق قىلىدۇ ۋە كۆز قىزىرىپ ئاغرىش قىچىشىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ، سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقىسا ئېغىزدىكى مۇدۇر، چىش ئاغرىقى ۋە ئېغىزد پەيدا بولغان پىشلاقلارغا پايدا قىلىدۇ،
قۇرۇق يۇمغاقسۈتنى سوقۇپ تالقان قىلىپ ئىچسە ئىشتىھانى ئاچىدۇ، بەلغەم بوشىتىپ، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ۋە قۇسۇشنى توختىتىدۇ. تاماق سىڭدۈرۈپ، سېسىق كېكىرىشنى توختىتىدۇ. ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، قوغۇشۇننى تاشقا سۈرۈپ گۈل يېغى ۋە يۇمغاقسۈت سۈيى بىلەن قوشۇپ چاپسا، سەرتانغا ۋە ھەرخىل قاتتىق يىرىڭلىق جاراھەتلەرگە پايدا قىلىدۇ.
بۇ يەرنى بېسىڭ