ئىمۇنىتېت كۈچى دېگەن نېمە؟

文摘   2024-07-31 23:17   新疆  



ئىمۇنىتېت كۈچى قايسى سەۋەبلەردىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ؟ 

1.كىشىلەر ئارىسىدا تىلغا ئېلىنغان «ئىممۇنىتېت كۈچى» دېگەن نېمە؟

ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئېلىپ ئېيتساق، قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ بەدىنىمىزدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدۇر. ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىنكاسى ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئىجرا قىلىدىغان مۇھىم سىستېمىسى، ئۇ سىرتتىن كىرگەن ئانتىگېننى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈپ ۋە تازىلاپ، ئادەم بەدىنىنى ۋىرۇس، باكتېرىيە، بۇلغىغۇچى ماددىلار ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلايدۇ. مەسىلەن، بەدەندىكى توساتتىن ئۆزگەرگەن ئۆسمە ھۈجەيرىلىرى، قېرىغان ھۈجەيرىلەر، ئۆلگەن ھۈجەيرىلەر ياكى باشقا زىيانلىق تەركىبلەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە تازىلاش. ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتىغا بەرداشلىق بېرىش ۋە ئىممۇنىتېتنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىچكى مۇھىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ، گەرچە ساغلام ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئورنىنى ئالغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا كېيىن ئۈنۈمىنى يوقىتىشى  مۇمكىن.



2.كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىممۇنىتېت كۈچى قانداق بۇزغۇنچىلىققا  ئۇچرايدۇ؟

يېمەك-ئىچمەك ئادىتى :ماي ۋە تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، باكتېرىيەگە قارشى رېئاكسىيەنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش يەنە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سۇنى كۆپ ئىچىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، سۇ ئىچىش بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق :بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت فاكتورى كۆپىنچە ئۇخلىغاندا شەكىللىنىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۇيقۇنىڭ مۇھىم ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت تۈنىگەندە چارچاش، روھسىزلىنىش، زۇكام، زىيادە سەزگۈرلۈك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 



تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ رېئاكسىيە ئاقسىلى سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، پۈتۈن بەدەندىكى ياللۇغلىنىش سەۋىيەسىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى، ئۇيقۇ ئۈنۈمى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كىشىلەردە ئىنتېرلېيۇكىن-6 نىڭ سەۋىيەسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى، يەنى ياخشى ئۇيقۇنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بەدەندىكى ياللۇغلىنىش سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.ناچار كەيپىيات :ئىزچىل داۋاملاشقان ناچار كەيپىيات ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، خۇشال كەيپىيات ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋە بەدەندىكى جانلىقلار سىستېمىسىنى تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرغۇزىدۇ.


3.ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك؟

كۈندىلىك ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىش :ھەر كۈنى دانلىق زىرائەت، بەرەڭگە، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ياغ قاتارلىق تۆت چوڭ تۈردىكى يېمەكلىكنى يېيىش كېرەك.

① دانلىق زىرائەت، بەرەڭگە تۈرىدىكىلەر ئادەم بەدىنىنى مول كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە B تۈردىكى ۋىتامىنلار بىلەن تەمىنلەپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ نورمال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، مەسىلەن، سۆسۈن ياڭيۇ، تاتلىقياڭيۇ، سۇلۇ، قارا بۇغداي قاتارلىقلار.


② يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەر، مەسىلەن، كاۋا، سەۋزە، ئالما، لىمون، بانان قاتارلىقلار، ۋىتامىنلار ئادەم بەدىنىنىڭ كۆپ خىل مېتابولىزم جەريانىغا قاتنىشىدۇ، بەدەندىكى نۇرغۇن رېئاكسىيە جەريانىنىڭ مۇھىم كاتالىزلىغۇچىسى، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەر ئادەم بەدىنىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ نورمال سەۋىيەسىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىپ، شۇ ئارقىلىق مېتابولىزمنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.


بۇ يەرنى بېسىڭ

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章