سكودانىڭ بۇ يېڭى ئاپتوموبىللىرىمۇ خېلى قالتىس جۇمۇ!

文摘   2025-01-11 18:39   新疆  

دىلكان كىنوخانىسىدىن ھەقسىز vip ئالىي ئەزالىق ئېلىۋېلىڭ


ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، سكودا ئورگان تەرەپ چەتئەلدە ئۆز قارمىقىدىكى 2025-يىللىق سكودا Enyaq ئاپتوموبىل تىپىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، يېڭى ئاپتوموبىل ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىغا تەۋە.

ئورگان سۈرەتتىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىل يەنىلا سكودا Enyaq ۋە سكودا Enyaq Coupeدىن ئىبارەت ئىككى خىل نۇسخىسىنى تەمىنلىگەن، يەنە سىپورت يۈرۈشلۈك زاپچىسى سەپلەنگەن Sportline نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تاشقى قىياپەت جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىدە يېپىق شەكىلدىكى سالاسۇن لايىھەسى قوللىنىلغان، ئۇسلۇبى نىسبەتەن ئاددىي، ئالدى بۆلمە قاپقىقىدا كۆتۈرۈلۈپ چىققان سىزىقچىلار بار بولۇپ، نىسبەتەن كۈچلۈك مۇسكۇل تۈسىگە ئىگە، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسىدا بۆلەكلىك لايىھە قوللىنىلغان، كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى كۈندۈزلۈك چىراغنىڭ ئىچكى قىسمىغا چېكىتلىك ماترىتسا شەكلىدىكى LEDلىق يورۇقلۇق مەنبەسى توپلاشتۇرۇلغان، يورۇغاندىن كېيىن پەرق ئېتىشچانلىققا ئىگە.

ئاستىنقى ئورالما قىسمىغا ئۈچ بۆلەكلىك لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپتىكى قانات تاختىنىڭ ئورنىغا تىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېقىم باشلاش ئوقۇرى ئورنىتىلغان، ئاستى قىسمى بىر قەدەر چوڭ بولغان كۆپ تەرەپلىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى بولۇپ، ئىچكى قىسمى تۈز شارقىراتما شەكلىدىكى قۇرۇلما بىلەن زىننەتلەنگەن، ئالدى كالپۇك قىسىمىغا يەنە ياپىلاق ھاۋا كىرىش ئېغىزى سەپلەنگەن بولۇپ، ئاپتوموبىل بېشىنىڭ قاتلام تۈسىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

يان تەرىپىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، سكودا Enyaq ئاپتوموبىلىغا ئەنئەنىۋى SUV ياسىلىش شەكلى قوللىنىلغان، ئاپتوموبىل ئۆگزىسى سەل يايسىمان بولۇپ، يۈك-تاق جازىسى ۋە لەھەڭ پالاقچىسى سەپلەنگەن. سكودا Enyaq Coupe ئاپتوموبىلىغا كوزۇپلۇق SUV شەكلى قوللىنىلغان، بەل سىزىقىغا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، كۆرۈش ئۈنۈمىنى ئۇزۇن ۋە ھەيۋەتلىك كۆرسىتىدۇ، چاق يايى ۋە يان ئېتەك قىسمىغا كۆتۈرۈلۈپ چىققان سىزىقلار لايىھەلىنىپ، بەلگىلىك مۇسكۇل تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىنغان.

قۇيرۇق قىسىمىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، سكودا Enyaq ئاپتوموبىلىنىڭ تورۇسىغا كىچىك رازمېرلىق ھاۋا بۆلۈش تاختىسى سەپلەنگەن، قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان، نومۇر تاختا رامكىسى رايونىدا پېتىنقى لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل قۇيرۇقىنىڭ قاتلام تۈسىنى زىننەتلىگەن، ئاستى ئورالما قىسىمىغا ئىستېرېئولۇق تۈسكە ئىگە كۈلرەڭ بېزەك تاختا سەپلەنگەن، ئىككى تەرىپىگە ياپىلاق تۇمان چىراغ توپلاشتۇرۇلغان.

Sportline نۇسخىسىدا ئاساسلىقى گەۋدىسىگە قارىدالغان يۈرۈشلۈك زاپچاس قوشۇلغان، رازمېرى تېخىمۇ چوڭ بولغان كۆپ شادىلىق چاق بۇلى ئالماشتۇرۇلغان، قالغان تەپسىلاتىدا ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەس.

ئىچكى بېزەك جەھەتتە يەنىلا نىسبەتەن ئاددىي لايىھە تىلى قوللىنىلغان، ئۈچ شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، سۇيۇق كىرىستاللىق ئۆلچەش سائىتى تەخسىسى، لەيلىمە شەكىلدىكى ئوتتۇرا كونترول ئېكران ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق خوت تۇتقۇچى قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىل يەنىلا 60، 85 ۋە 85xتىن ئىبارەت ئۈچ خىل تاللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ، 60 نۇسخىسىنىڭ ئېلېكتىر موتورىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 132kWدىن 150kWقا كۆتۈرۈلگەن، 85/85x تىپىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 210kW.

باتارېيە گۇرۇپپىسىنىڭ سىغىمى جەھەتتە يەنىلا 59kWh ۋە 77kWhلىق ئىككى خىل نۇسخىسى بار، WLTP خىزمەت ئەھۋالىدىكى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى كونا نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنىڭ 340-565kmدىن 431-587kmغا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

بۇ يەرنى بېسىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ

ماشىنا سودىسى، ئۆي سودىسى، نەرسە-كېرەك سودىسى، ھەرخىل سودىلار جەملەشكەن، ئۇچۇر ئەپچاقنى چۈشۈرۋېلىپ قۇلاي بولغان سودىنى باشىۋېلىڭ


Maxina汽车网
汽车新闻,二手车信息,违章查询 | نۇر تورى ۋە ئۇچۇر تورىدىكى ماشىنا خەۋەرلىرى، نىمكەش ماشىنا ئۇچۇرلىرى يوللىنىدۇ
 最新文章