ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا، تاراتقۇلار روڭۋېي D6 ئاپتوموبىلىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى ۋە ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈردى، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئورنى ئىخچام تىپلىق ساپ توكلۇق پىكاپ بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن.
ئىلتىماس سۈرىتىدىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىدە يېرىم يېپىق شەكىلدىكى سالاسۇن لايىھەسى قوللىنىلغان، ياپىلاق ھاۋا كىرىش ئېغىزىنى ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، ئىچكى قىسىمىدا تورسىمان قۇرۇلما قوللىنىپ زىننەتلەنگەن، ئالدى بۆلمە قاپقىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە كۆتۈرۈلۈپ چىققان سىزىقلار بار بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك مۇسكۇل تۇيغۇسىغا ئىگە.
چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسىغا بۆلەكلىك شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان، يىراق-يېقىننى يورۇتۇش چىرىغى سالاسۇننىڭ تۆۋەن تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىنتايىن مودا بولغان لايىھەگە تەۋە، ئاستى ئورالمىسىغا رازمېرى نىسبەتەن چوڭ تىراپېتسىيەلىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى سەپلەنگەن، ئىچكى قىسىمىغا لوزۇنكا شەكلىدىكى قۇرۇلما ئىشلىتىلىپ بېزەلگەن.
يان تەرىپىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئاپتوموبىل تورۇسىغا كىچىك سىيرىلما دۈمبە ياسىلىش شەكلى قوللىنىلغان، بەل سىزىقىدا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىنىڭ قاتلام تۈسىنى ئاشۇرغان، چاق يايى ۋە يان ئېتەك قىسىمىنىڭ لايىھەسىدە كۆتۈرۈلۈپ چىققان سىزىقلار بار بولۇپ، بەلگىلىك كۈچ تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن، چاق بۇلىغا قوش بەش بالداقلىق شەكىل قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇسلۇبى ئاددىي ھېسابلىنىدۇ.
قۇيرۇق قىسىمىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئارقا كوزۇپ ئۈستى قىسىمىدا سەل يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەن ئۆردەك قۇيرۇقى لايىھەسى قوللىنىلغان، قارىدالغان قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسىدا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان، قۇيرۇق ئىشىك ئاستى تەرىپىدىكى كۆتۈرۈلۈپ چىققان سىزىقچىلار ئاپتوموبىل قۇيرۇقىنىڭ قاتلام تۈسىنى گەۋدىلەندۈرگەن، ئاستى ئورالما قىسىمىغا ئىستېرېئولۇق تۈسكە ئىگە قارا رەڭلىك بېزەك تاختا سەپلەنگەن، ئىككى تەرىپىگە ياپىلاق تۇمان چىرىغى توپلاشتۇرۇلغان.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى ئاپتوموبىلدا ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 95kW ۋە 105kWلىق ئېلېكتىرموتورنى تاللاشقا تەمىنلىگەن، ھەممىسىگە تۆمۈر فوسفات لىتىي باتارېيە گۇرۇپپىسى ماسلاشتۇرۇلغان. ئەڭ يېڭى ئىلتىماس ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، باتارېيە گۇرۇپپىسىنىڭ سىغىمى 42.8kWh ۋە 53.9kWhدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولۇپ، ماس كېلىدىغان CLTC خىزمەت ھالىتىدىكى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 450 كىلومېتىر ۋە 520 كىلومېتىر.