بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كۆچمە ئالاقە تورى كۈنسېرى سىڭىپ كىرىۋاتقان دەۋردە ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىستېمال قارىشى ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھەقتە توختالغاندا ئاپتوموبىل ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنى ئۆلچەيدىغان بىر چوڭ ئۆلچەم بولۇپ قالدى، دەپ قارىغان. توردا ھەتتا «ھازىرقى ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى بىلەن، بېنز E دەرىجىلىك ئاپتوموبىلىغا ئىگە بولۇش نورمال ھالەتكە ئايلاندى» دېگەن گەپ تارقالغان. لېكىن بۇنداق سۆزلەر راستتىنلا پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟
شياۋمى ئاپتوموبىلچىلىقى بازارغا سالغان ئەڭ يېڭى SU7 يۇقىرى سەپلىمىلىك نۇسخىسىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭغا بىر قىسىم خاسلاشتۇرۇلغان سەپلىمىلەرنى قوشقاندا، ئومۇمىي باھاسى ئاسانلا 300 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. ئەگەر مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قەرزى ئارقىلىق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمى ئۈستىدە ئىزدەنسە بەلكىم بىزنى بىر قىسىم ئىلھاملار بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.
ئەگەر ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچى قەرز ئېلىش ئۇسۇلىنى تاللىسا، ئالدىن 100 مىڭ يۈەن تۆلەپ، 200 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، ئۈچ يىلغا بۆلۈپ تولۇق قايتۇرىدۇ. قەرز پۇل ئۆسۈمىنى ئويلاشقاندا، ھەر ئايلىق قايتۇرۇش سوممىسى 6000 يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ. توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ سۇغۇرتا ھەققى ئادەتتە بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ھەر يىلى 7000 يۈەن بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 600 يۈەن ئەتراپىدا سۇغۇرتا ھەققىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شياۋمى SU7 يۇقىرى ئىقتىدارلىق توكلۇق ئاپتوموبىل بولۇش سۈپىتى بىلەن گەرچە بىخەتەرلىكى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما رېمونت قىلىش تەننەرخىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى، شۇڭا بۇ سۇغۇرتا ھەققى بەك يۇقىرى ھېسابلانمايدۇ.
كۈندىلىك ئىشلىتىش جەھەتتە، توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ توك پۇلى يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىلىغا قارىغاندا زور ئەۋزەللىككە ئىگە. ئۆيگە توك قاچىلاش ۋە تېز توك قاچىلاش ئايرىم-ئايرىم ھالدا %50نى ئىگىلەيدىغان ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ئايلىق توك ھەققى ئاران 200 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن. لېكىن، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى سەل قاراشقا بولمايدىغان چىقىم بولۇپ، مەيلى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئىجارىگە ئېلىش ياكى ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش بولسۇن، ھەر ئايدا ئاز دېگەندە 500 يۈەن كېتىدۇ.
يۇقىرىقى چىقىملاردىن باشقا، يەنە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش، ئاپتوموبىل ئاسراش قاتارلىق يوشۇرۇن چىقىملارمۇ بار. بۇ خىراجەتلەرنى قوشقاندا، ھەر ئايلىق ئاپتوموبىل ئاسراش تەننەرخى 7300 يۈەنگە يېقىنلاشقان. بۇ ئايلىق مائاشى 8000 يۈەنگە يەتكەن ھالەتتىمۇ بۇ چىقىملارنى ئاسانلا قاپلىۋالالماسلىقتىن دېرەك بېرىدىكەن، نېمىلا دېگەن بىلەن تۇرمۇشتا يەنە باشقا زۆرۈر چىقىملار بار ئىكەن.
300 مىڭ يۈەنلىك شياۋمى SU7 ئاپتوموبىلىمۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئاپتوموبىل ئاسراش بېسىمى يەنىلا كىچىك ئەمەس. شۇڭا، ئىستېمالچىلار ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىگە ئاساسەن مۇۋاپىق ئاپتوموبىل تىپىنى تاللىشى كېرەك. شياۋمى SU 7، BMW 3 يۈرۈشلۈكى، بېنىز C دەرىجىلىك، ئاۋدى A4L قاتارلىق ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ گەرچە ئىقتىدارى قالتىس بولسىمۇ، لېكىن ئاپتوموبىل ئاسراش تەننەرخى ئوخشاشلا يۇقىرى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشچە، دۆلىتىمىزدە ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەندىن 8300 يۈەنگىچە بولغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران %6.4 بولۇپ، 100 ئەمگەكچى ئىچىدە پەقەت يەتتە كىشىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى يېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئەگەر ياشانغانلار، بالىلار قاتارلىق ئەمگەك كۈچى يوقلار نەزەرگە ئېلىنسا بۇ نىسبەت تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، شياۋمى SU7نى بېقىش ئاسان دېيىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.