ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا، GMC ئورگان تەرەپ ئۆز قارمىقىدىكى 2025-يىللىق GMC Terrain ئاپتوموبىل تىپىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، ئىككى چاق سۆرەش نۇسخىسىنىڭ باشلىنىش باھاسى 31 مىڭ 395 دوللار، تۆت چاق سۆرەش نۇسخىسىنىڭ باشلىنىش باھاسى 33 مىڭ 395 دوللار، كونا نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىغا سېلىشتۇرغاندا، يېتەكچى باھاسى 1300 ئامېرىكا دوللىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
يېڭى ئاپتوموبىلدا تاشقى قىياپەت جەھەتتە ئۆزگىرىش يوق، ئالدى يۈزىدە يەنىلا جەمەت شەكلىدىكى ياسىلىش شەكلى قوللىنىلغان، چوڭ ئېغىزلىق سالاسۇننىڭ ئىچكى قىسمى توغرىسىغا تىزىلغان قۇرۇلما قوللىنىپ زىننەتلەنگەن، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان، ئىچكى قىسىمىدا لىنزا ھەمدە ئورالما شەكىللىك كۈندۈزلۈك چىراغ بىر گەۋدىلەشكەن.
ئاستى ئورالما قىسىمىغا توم بىخەتەرلىك لىمى سەپلەنگەن، ئاستى قىسىمىدا كۆپ تەرەپلىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى ساقلاپ قېلىنغان، ئىچكى قىسىمىدا لوزۇنكا شەكلىدىكى قۇرۇلما قوللىنىپ زىننەتلەنگەن.
يان تەرەپ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئاپتوموبىل تورۇسى ئازراق يايسىمان بولۇپ، توم يۈك-تاق جازىسى ھەمدە لەھەڭ پالاقچىسى سەپلەنگەن، ئاپتوموبىل تورۇسىدا يەنە لەيلىمە شەكىلدىكى ئاپتوموبىل ئۆگزىسى ھاسىل بولغان، چاق يايى ۋە يان ئېتەك قىسمىغا توم قارا رەڭلىك بېزەك تاختا لايىھەلەنگەن بولۇپ، كۆرۈش ئۈنۈمىنى نىسبەتەن ھەيۋەتلىك كۆرسىتىدۇ، چاق بۇلىغا كۆپ شادىلىق قارىدالغان شەكىل قوللىنىلغان.
قۇيرۇق قىسىمىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا كىچىك رازمېرلىق ھاۋا بۆلۈش تاختىسى ھەمدە تورمۇز چىرىغى سەپلەنگەن، قارىدالغان قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسىنىڭ ياسىلىش شەكلى چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى بىلەن ماسلاشقان، يورىغاندىن كېيىنكى پەرق ئېتىشچانلىقى يۇقىرى. تىراپېتسىيە شەكىللىك نومۇر تاختا رايونى ئىچىگە پېتىنقى لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل قۇيرۇقىنىڭ قاتلام تۈسىنى ئاشۇرغان، كېرەكسىز گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىغا يوشۇرۇن شەكىلدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش قوللىنىلغان.
ئىچكى بېزەكتە ئۆزگىرىش يوق، ئۈچ شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، تولۇق سۇيۇق كىرىستاللىق ئۆلچەش سائىتى تەخسىسى، تولۇق سۇيۇق كىرىستاللىق ئۆلچەش سائىتى تەخسىسى، تىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوتتۇرا كونترول ئېكران ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق خوت تۇتقۇچى قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن، رەڭ ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە قارا رەڭنى ئاساس قىلغان.
سەپلىمە جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا ئۆلچەملىك سەپلىمە سۈپىتىدە 17 دىيۇملۇق چاق گەردىشى سەپلەنگەن، يۇقىرى سەپلىمىلىك تىپىدا 19 دىيۇمغا كۆتۈرۈلگەن، 20 دىيۇملۇق چاق گەردىشىنى تاللاپ ئورناتقىلى بولىدۇ، ئىچكى بېزەك جەھەتتە 11 دىيۇملۇق سۇيۇق كىرىستاللىق سۈرئەت كۆرسىتىش ئېكرانى ۋە 15 دىيۇملۇق مەركىزىي كونترول ئېكرانىمۇ ئۆلچەملىك سەپلىمە ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك تەسۋىر، Google Assistant، ئاقما مېدىيا ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى، ئالدى رەت يانفونغا سىمسىز توك قاچىلاش تاختىسى قاتارلىقلار سەپلەنگەن.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى تەرەپتە، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ھەممە تىپىغا 1.5Tلىق موتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 177 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 275N·m بولۇپ، 8AT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ھەمدە تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسى ماسلاشتۇرۇلغان، كېيىن يەنە ئىككى چاق سۆرەش نۇسخىسىنى تاللاشقا تەمىنلىشى مۇمكىن.