كىيا K5 ھازىر 80 مىڭ يۈەنگە تاقاپ ئېتىبار قىلىدىغان بولۇپ كەتتى

文摘   2025-01-09 17:56   新疆  

دىلكان كىنوخانىسىدىن ھەقسىز vip ئالىي ئەزالىق ئېلىۋېلىڭ


بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھازىر كورېيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ناھايىتى تۆۋەن، يولۇچىلار ئاپتوموبىل بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، كورېيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 138 مىڭ 364 دانە بولۇپ، سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.9 تۆۋەنلىگەن، بازار ئۈلۈشى ئاران  %0.8 بولغان. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى تەرەپتە، كىيا بىلەن خيۇنداينىڭ تەرەققىياتى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى، بىر تەرەپتىن ئۇلار تايىنىدىغان يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىلىنىڭ سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىدا ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىمۇ كۆپ بولمىدى، ئوتتۇرىدا بارا-بارا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور دەرىجىدە ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق بازارغا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، كىيا K5نى مىسالغا ئالساق، بۇ ئاپتوموبىل B دەرىجىلىك ئاپتوموبىل بازىرىدا ئاساسەن دېگۈدەك «ھېچكىمنىڭ كارى يوق» ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، سېتىلىش مىقدارىمۇ بىر ياقتا قالدى.


ئەمەلىيەتتە كىيا K5نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى يەنىلا چىرايلىق، ئالدى يۈزى ھۇجۇم خاراكتېرىگە تولغان بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن ياۋۇز كۆرۈنىدۇ، بەلگىلىك سىپورت تۇيغۇسى ۋە مودا ئۇسلۇبنى نامايان قىلالايدۇ بىر قاراپلا ئۇنىڭ ياشلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئاپتوموبىل تىپى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ، بەزى يېشى سەل چوڭ كىشىلەر بۇ خىل رادىكال لايىھە تىلىنى قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن.

يەنە بىر تەرەپتىن، كىيا K5 خيۇنداي سوناتانىڭ «ئاكا-ئۇكا» ئاپتوموبىل تىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوخشاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى، تەگلىك ئاسما جازىسى ۋە سۇپا قۇرۇلمىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ.

كىيا K5 ئاپتوموبىلىدا «چوڭ سىيرىلما دۈمبە» شەكلىدىكى كوزۇپلۇق ياسىلىش شەكلى قوللىنىلغان، ئاپتوموبىل قۇيرۇقىدا يەنە تۆت كېرەكسىز گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى بار، ھېچ بولمىغاندا شېرىكلەشكەن ماركىدىكى ئوخشاش دەرىجىلىك ئاپتوموبىل تىپلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئانچە ئارقىدا قالمىدى.

K5نىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4980/1860/1445mm، ئوق ئارىلىقى 2900mm ئۇ B دەرىجىلىك ئاپتوموبىللار ئىچىدە يەنىلا ناھايىتى چوڭ، بولۇپمۇ بەش مېتىرغا يېقىن كېلىدىغان ئاپتوموبىللار ئىچىدە تېخىمۇ شۇنداق.

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە كىيا K5 ئاپتوموبىلىدا 1.5Tلىق ۋە 2.0Tلىق موتور تەمىنلەنگەن، 1.5Tلىق موتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 170 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 253N·m، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىدا يەتتە خوتلۇق قۇرغاق قوش مۇفتىلىق سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ماسلاشتۇرۇلغان، WLTC ئۇنىۋېرسال ماي سەرپىياتى 5.95L/100km شۇنداقلا 2.0Tلىق موتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 240 ئات كۈچى، بۇرۇلۇش مومېنتى 353N·m، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىغا 8 AT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ماسلاشتۇرۇلغان، WLTC ئۇنىۋېرسال ماي سەرپىياتى 6.74L/100km. مەيلى 1.5Tلىق موتور بولسۇن ياكى 2.0Tلىق موتور بولسۇن، ھەممىسىگە 92-نومۇرلۇق بېنزىن قاچىلىغىلى بولىدۇ، بەلگىلىك يېقىلغۇ تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. تەگلىك قىسمىغا كەلسەك، ئالدى ماكفېرسون+ئارقا كۆپ ئۇلانما دەستە ئورنىتىلغان بولۇپ، قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئاساسىي ئېقىم ھېسابلىنىدۇ.

ئىچكى بېزەك جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىل ئىنتايىن ئاددىي-ساددا كۆرۈنىدۇ، ھەم ھەشەمەت تۇيغۇسى، ھەم پەن-تېخنىكا تۇيغۇسى يوق، ئۇ 12.3 دىيۇملۇق ئىككى ئېكران ئارقىلىق «قوش تۇتاش ئېكران»نى شەكىللەندۈرگەن، ئېكران رامكىسى بىر رامكىغا ئىگە مۇقىم ئەگرىلىكى جەھەتتە يەنە بۇرىما كۇنۇپكا شەكلىدىكى خوت ئالماشتۇرۇش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن.

بوشلۇق جەھەتتە، ئارقا رەت پۇت بوشلۇقى ئىنتايىن كەڭ، ئارقا رەت پولمۇ بىر قەدەر تەكشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياستۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە يۆلەنچۈكىنىڭ بۇلۇڭى ناھايىتى مۇۋاپىق، ئولتۇرۇش راھەتلىكى يامان ئەمەس. يېتەرسىزلىكىنى ئېيتقاندا، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئاۋاز توسۇش، شاۋقۇن پەسەيتىش ئۈنۈمى ئادەتتىكىچە بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرگەندە موتورنىڭ شاۋقۇنى، شامال شاۋقۇنى، بالون شاۋقۇنى چوڭ بولىدۇ، «تىنچ يۈرۈش» تۇيغۇسى بولمايدۇ.

206 مىڭ 800 يۈەندىن 125 مىڭ 900 يۈەنگە چۈشتى، 2.0 T+8 AT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى سەپلىنىدۇ، باھانى چۈشۈرگەن ھالەتتىمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتمايدۇ

باھا جەھەتتە، بىز شەندوڭ جىنەندىكى ئىككى ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ ئاپتوموبىل ئېلىش باھاسىغا ئېرىشتۇق، ئۇلارنىڭ تاللىغانلىرىنىڭ ھەممىسى 380T GT-Line بايراقدار نۇسخىسى بولۇپ، كىيا K5نىڭ ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك ئاپتوموبىل تىپى، بۇ ئاپتوموبىلغا 2.0T+8AT ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى سەپلەنگەن، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى 206 مىڭ 800 يۈەن، بىر ئاپتوموبىل ئىگىسىگە 80 مىڭ 900 يۈەن، يەنە بىر ئاپتوموبىل ئىگىسىگە 80 مىڭ 800 يۈەن ئېتىبار قىلغان، ئەمەلىي باھاسى 125 مىڭ 900 يۈەن/126 مىڭ يۈەنگە ئۆزگەرگەن، شېرىكلەشكەن B دەرىجىلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك ئاپتوموبىل تىپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق باھانى يەنىلا قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. ئاخىرىدا كىيا K5كە قانداق قارايسىز؟

بۇ يەرنى بېسىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ
ماشىنا سودىسى، ئۆي سودىسى، نەرسە-كېرەك سودىسى، ھەرخىل سودىلار جەملەشكەن، ئۇچۇر ئەپچاقنى چۈشۈرۋېلىپ قۇلاي بولغان سودىنى باشىۋېلىڭ


Maxina汽车网
汽车新闻,二手车信息,违章查询 | نۇر تورى ۋە ئۇچۇر تورىدىكى ماشىنا خەۋەرلىرى، نىمكەش ماشىنا ئۇچۇرلىرى يوللىنىدۇ
 最新文章