ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
1-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، شەرق شامىلى فېڭشېن ئورگان تەرەپ بايرىقى ئاستىدىكى 2025-يىللىق شەرق شامىلى فېڭشېن خاۋخەن ئاپتوموبىلىنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يېقىلغۇ ماي نۇسخىسى ۋە ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك نۇسخىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت خىل سەپلىمىلىك تىپىنى تاللاشقا بولىدۇ، ئورگان تەرەپ يېتەكچى باھاسى 89 مىڭ 900 يۈەندىن 125 مىڭ 900 يۈەنگىچە.
ئۆزگەرتىلگەن تىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى قىياپەت جەھەتتە ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەس، ئالدى يۈزىدە تەتۈر تىراپېتسىيە شەكىللىك سالاسۇن لايىھەسى قوللىنىلغان، ئىچكى قىسىمىدا V شەكىللىك نەقىش قوللىنىلغان، ئىككى تەرەپتە يەنە LEDلىق چىراغ بەلبېغى توپلاشتۇرۇلغان، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسىنىڭ شەكلى نىسبەتەن ياپىلاق بولۇپ، كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى كۈندۈزلۈك چىراغ بىلەن تۇتاشقان.
ئاستىنقى ئورالما قىسمىغا ئۈچ بۆلەكلىك لايىھە قوللىنىلغان، ئىككى تەرەپتىكى قانات تاختىنىڭ ئورنىغا رازمېرى بىر قەدەر چوڭ بولغان ئېقىم باشلاش ئوقۇرى ئورنىتىلغان، ئىچكى قىسىمىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب يارىتىلغان، ئۇسلۇبى نىسبەتەن ياۋۇز؛ ئاستى قىسىمىغا رازمېرى بىر قەدەر چوڭ تىراپېتسىيە شەكىللىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى سەپلەنگەن، ئىچكى قىسىمىغا رادىيوئاكتىپ شەكىللەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان سىزىقچىلار ئىشلىتىلىپ بېزەلگەن، ئالدى يۈزىنىڭ قەۋەت تۈسىنى ھاسىل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىپورت پۇراققا تولغان.
يان تەرەپ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئاپتوموبىل تورۇسى ئازراق يايسىمان بولۇپ، يۈك-تاق جازىسى سەپلەنگەن، يەنە كېلىپ لەيلىمە شەكىلدىكى ئاپتوموبىل ئۆگزىسى ھاسىل قىلغان، بەل سىزىقىدا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان، ئىشىك تۇتقۇچىغا سىيرىلما لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، شامال قارشىلىقىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ، چاق يايى ۋە يان ئېتەك قىسمىغا كۆتۈرۈلۈپ چىققان قارا رەڭلىك بېزەك تاختا لايىھەلىنىپ، بەلگىلىك كۈچ تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن، چاق بۇلىغا بەش بالداقلىق قارىدالغان شەكىل قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇسلۇبى نىسبەتەن سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ.
قۇيرۇق قىسىمىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا كىچىك رازمېرلىق ھاۋا بۆلۈش تاختىسى سەپلەنگەن، قارىدالغان قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسىدا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان، ئاستى ئورالما قىسمىغا ئىستېرېئولۇق تۈسكە ئىگە قارا رەڭلىك بېزەك تاختا سەپلەنگەن، ئىككى تەرىپىگە ياپىلاق تۇمان چىرىغى توپلاشتۇرۇلغان.
ئىچكى بېزەكتە، قوش شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، لەيلىمە شەكىلدىكى پۈتۈن سۇيۇق كىرىستاللىق ئۆلچەش سائىتى تەخسىسى، لەيلىمە شەكىلدىكى ئوتتۇرا كونترول ئېكران ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق خوت تۇتقۇچى بىلەن تەمىنلىگەن.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى تەرەپتە، يېقىلغۇ مايلىق ئاپتوموبىل تىپىغا 1.5Tلىق موتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 150kW، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 305N·m بولۇپ، 7 خوتلۇق قوش مۇفتىلىق سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ماسلاشتۇرۇلغان، WLTC خىزمەت ھالىتىدىكى ئۇنىۋېرسال ماي سەرپىياتى 7.09L/100km.
ئارىلاش موتورلۇق ئاپتوموبىل تىپىغا 1.5Tلىق موتور ۋە ئېلېكتىر موتوردىن تەشكىل قىلىنغان ماي-توك ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى سەپلەنگەن، موتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 150kW، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 305N·m، سېستىمىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 215kW، ئۇنىۋېرسال ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 565N·m بولۇپ، 4 خوتلۇق DHT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ماسلاشتۇرۇلغان، WLTC خىزمەت ھالىتىدىكى ئۇنىۋېرسال ماي سەرپىياتى 4.97L/100km.