باۋجۈننىڭ بۇ يېڭى ئاپتوموبىلىغا باھا قويۇپ بېقىڭ

文摘   2025-01-09 17:56   新疆  

دىلكان كىنوخانىسىدىن ھەقسىز vip ئالىي ئەزالىق ئېلىۋېلىڭ


ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، باۋجۈن ماركىسى ئۆز قارمىقىدىكى باۋجۈن شياڭجىڭ ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، يېڭى ئاپتوموبىلغا ئىلگىرى باۋجۈن يۈنگۇاڭ دەپ نام بېرىلگەن، ئەمما تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنماي تۇرۇپلا ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ توكلۇق نۇسخىسى ۋە توكقا چېتىش تىپىدىكى ئارىلاش موتورلۇق نۇسخىسىنى تاللاشقا بولىدىغان بولۇپ، 2025-يىلى ئىچىدە بازارغا سېلىنىدۇ.

ئورگان سۈرەتتىن قارىغاندا، ساپ توكلۇق نۇسخىسىدا يېپىق شەكىلدىكى سالاسۇن لايىھەسى قوللىنىلغان، ئالدى بۆلمە قاپقىقىنىڭ ئىككى تەرىپىگە كۆتۈرۈلۈپ چىققان سىزىقچىلار لايىھەلەنگەن، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان، ئىچكى قىسىمىدا لىنزا ھەمدە ئۈچ نۇقتىلىق كۈندۈزلۈك چىراغ توپلاشتۇرۇلغان.

ئىككى تەرىپىگە تىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېقىم باشلاش ئوقۇرى سەپلەنگەن بولۇپ، ئايرودىنامىكا ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ، ئاستى قىسىمىغا تەكشى تىراپېتسىيە شەكىللىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى سەپلەنگەن، ئىچكى قىسمى چېكىتلىك قۇرۇلما قوللىنىپ زىننەتلەنگەن.

توكقا چېتىش تىپىدىكى ئارىلاش موتورلۇق نۇسخىسىغا ياپىلاق ھاۋا كىرىش سالاسۇنى سەپلەنگەن، ئىچكى قىسمىغا قارا رەڭلىك بېزەك تاختا ئىشلىتىلگەن، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان، شەكلى ساپ توكلۇق نۇسخىسىغا قارىغاندا كىچىك بولۇپ، كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى كۈندۈزلۈك چىراغ بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان.

ئاستىنقى ئورالما قىسمىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ بۆلەكلىك لايىھەلەنگەن، ئىككى تەرەپتىكى قانات تاختىنىڭ ئورنىدىمۇ ئوخشاشلا تىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېقىم باشلاش ئوقۇرى بار، ئاستى تەرىپىگە كۆپ تەرەپلىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى سەپلەنگەن، ساپ توكلۇق نۇسخىسىغا سېلىشتۇرغاندا ئىستېرېئولۇق تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك.

يان تەرىپىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئاپتوموبىل تورۇسىغا سىيرىلما دۈمبە شەكلىدىكى ياسىلىش شەكلى قوللىنىلغان، بەل سىزىقىدا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئالدى قانات تاختىدىن ئاپتوموبىل قۇيرۇقىغىچە ئۇزىراپ، كۆرۈش ئۈنۈمىنى ئۇزۇن ۋە ھەيۋەتلىك كۆرسىتىدۇ، ئىشىك تۇتقۇچىغا سىيرىلما لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، شامال قارشىلىقىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ، چاق بۇلىغا كۆپ شادىلىق شەكىل قوللىنىلغان.

قۇيرۇق قىسىمىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە ساپ توكلۇق نۇسخىسى بىلەن توكقا چېتىش تىپىدىكى ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرۈش نۇسخىسى ئاساسىي جەھەتتىن بىردەكلىكنى ساقلىغان، ئاپتوموبىل ئۆگزىسى لايىھەسىدە ئۆردەك قۇيرۇقى لايىھەسى قوللىنىلغان، قارىدالغان قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسىدا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان، قۇيرۇق ئىشىكىگە كۆتۈرۈلۈپ چىققان سىزىقچىلار لايىھەلىنىپ، ئاپتوموبىل قۇيرۇقىنىڭ قاتلام تۈسىنى نامايان قىلغان.

رازمېرى جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5005/1900/1505mm، ئوق ئارىلىقى 2900mm، ئورنى ئوتتۇرا، چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى ئاپتوموبىل ساپ توكلۇق نۇسخىسى ۋە توكقا چاتىدىغان ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك نۇسخىسىنى تاللاشقا تەمىنلىگەن، ساپ توكلۇق نۇسخىسىغا ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 186kW بولغان ئېلېكتىر موتور سەپلەنگەن. ئارىلاش موتورلۇق نۇسخىسىغا 1.5Tلىق موتور ۋە ئېلېكتىر موتوردىن تەركىب تاپقان توكقا چاتىدىغان ئارىلاش موتور سىستېمىسى سەپلەنگەن، موتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 105kW.

بۇ يەرنى بېسىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ
ماشىنا سودىسى، ئۆي سودىسى، نەرسە-كېرەك سودىسى، ھەرخىل سودىلار جەملەشكەن، ئۇچۇر ئەپچاقنى چۈشۈرۋېلىپ قۇلاي بولغان سودىنى باشىۋېلىڭ


Maxina汽车网
汽车新闻,二手车信息,违章查询 | نۇر تورى ۋە ئۇچۇر تورىدىكى ماشىنا خەۋەرلىرى، نىمكەش ماشىنا ئۇچۇرلىرى يوللىنىدۇ
 最新文章