ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا، گۇاڭجۇ ئاپتوموبىلچىلىقى ئەيئەن ئورگان تەرەپ بايرىقى ئاستىدىكى ئەيئەن AION UT ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىن سېتىلىشقا باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى، يېڭى ئاپتوموبىل ئۈچ خىل سەپلىمىلىك تىپىنى تاللاشقا تەمىنلىگەن، ئورگان تەرەپ ئالدىن سېتىلىش باھا دائىرىسى 89 مىڭ 800 يۈەندىن 109 مىڭ 800 يۈەنگىچە.
تاشقى قىياپەت جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىدە نىسبەتەن يۇمىلاق بولغان يېپىق شەكىلدىكى سالاسۇن لايىھەسى قوللىنىلغان، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان، ئىچكى قىسىمىدا لىنزا ھەمدە كۈندۈزلۈك چىراغ بىر گەۋدىلەشكەن، ئۇسلۇبى نىسبەتەن سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ.
ئاستىنقى ئورالما قىسىمىدا ئۈچ بۆلەكلىك لايىھە قوللىنىلغان، ئىككى تەرەپتە كىچىك ماترىتسا شەكلىدىكى تۇمان چىراغ، ئوتتۇرا قىسىمىدا كۆپ تەرەپلىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى لايىھەسى قوللىنىلغان، ئىچكى قىسىمىغا يانتۇ قارا رەڭلىك بېزەك تاياقچە ئىشلىتىلگەن.
يان تەرىپىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئاپتوموبىل تورۇسىنىڭ سىزىقلىرى نىسبەتەن سىپتا بولۇپ، لەيلىمە شەكىلدىكى ئاپتوموبىل ئۆگزىسى ھاسىل قىلغان، بەل سىزىقلىرىنىڭ ياسىلىش شەكلىمۇ نىسبەتەن يۇمىلاق بولۇپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىنىڭ قاتلام تۈسىنى ئاشۇرغان، ئىشىك تۇتقۇچىغا ئويمان لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، شامال قارشىلىقىنى ئازراق تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ، چاق يايى ۋە يان ئېتەك قىسمىغا كۆتۈرۈلۈپ چىققان قارا رەڭلىك بېزەك تاختا لايىھەلىنىپ، كۈچ تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈرگەن، چاق بۇلىغا ئۈچ شادىلىق قوش رەڭلىك تۆۋەن شامال قارشىلىقى شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇسلۇبى نىسبەتەن خاسلىققا ئىگە.
قۇيرۇق قىسىمىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، كىچىك رازمېرلىق ھاۋا بۆلۈش تاختىسى ھەمدە تورمۇز چىراغ سەپلەنگەن، قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان، قۇيرۇق ئىشىكىگە كۆتۈرۈلۈپ چىققان سىزىقچىلار لايىھەلىنىپ، ئاپتوموبىل قۇيرۇقىنىڭ قاتلام تۈسىنى نامايان قىلغان، ئاستى ئورالما قىسمىغا ئىستېرېئولۇق تۈسكە ئىگە قارا رەڭلىك بېزەك تاختا سەپلەنگەن، ئىككى تەرىپىگە ياپىلاق تۇمان چىرىغى توپلاشتۇرۇلغان.
رازمېرى جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4270/1850/1575mm، ئوق ئارىلىقى 2750mm، ئورنى كىچىك تىپتىكى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل.
ئىچكى بېزىكىدە نىسبەتەن ئاددىي لايىھە تىلى قوللىنىلغان، قوش شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، لەيلىمە شەكىلدىكى پۈتۈن سۇيۇق كىرىستاللىق ئۆلچەش سائىتى تەخسىسى، لەيلىمە شەكىلدىكى ئوتتۇرا كونترول ئېكران ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق خوت تۇتقۇچى قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن.
سەپلىمە جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا ئۆلچەملىك سەپلىمە سۈپىتىدە ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل توختىتىش، ئارقىغا ياندۇرۇش تەسۋىرى، ئاپتوماتىك LEDلىق چوڭ چىراغ، ئارقا رەت ئورۇندۇق نىسبىتىنى ياتقۇزۇش ھەمدە ئىسسىقلىق پومپىلىق ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىقلار سەپلەنگەن.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 100kW بولغان ئېلېكتىر موتور سەپلەنگەن، باتارېيە گۇرۇپپىسىنىڭ سىغىمى 44.12kWh بولۇپ، CLTC خىزمەت ھالىتىدىكى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 420 كىلومېتىر.