بىيادى تاڭ L ئاپتوموبىلى ئاشكارىلاندى

文摘   2025-01-05 21:31   新疆  

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، بىيادى ئورگان تەرەپ قارمىقىدىكى تاڭ L ئاپتوموبىل تىپىنىڭ لايىھە سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ئاپتوموبىل ھازىرقى تاڭ جەمەتىنىڭ ئەۋلاد ئالماشقان مەھسۇلاتى ئەمەس، ئورۇن بەلگىلەش جەھەتتە ھازىرقى تاڭ جەمەتىدىن يۇقىرى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن.

لايىھە سۈرىتىدىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىگە لازېر نۇرلۇق رادار توپلاشتۇرۇلغان، بۇ تيەنشېن كۆزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدەشنىڭ كەم بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

سالاسۇنغا يەنىلا يېپىق شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، جەمەت لايىھە ئۇسلۇبىغا تەۋە، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسىغا بۆلەكلەرگە ئايرىلغان شەكىل قوللىنىلغان، كۈندۈزلۈك چىراغقا ئىمپۇلس شەكلىدىكى لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئۆتۈشۈش تىپىدىكى خىروم يالىتىلغان تاياقچە بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئالدى يۈزنىڭ كەڭلىكى ئۈنۈملۈك ئۇزارتىلغان، يىراق-يېقىننى يورۇتۇش چىرىغى سالاسۇننىڭ تۆۋەن تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇسلۇبى نىسبەتەن خاسلىققا ئىگە.

سالاسۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قانات تاختىنىڭ ئورنىغا يەنە تىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك ئېقىم باشلاش ئوقۇرى سەپلەنگەن بولۇپ، ئايرودىنامىكا ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، ئاستى تەرىپىگە تىراپېتسىيەلىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى سەپلەنگەن، چېكە قىسمىغا توغرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بېزەك ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئاكتىپ ھاۋا كىرىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ.

ئاپتوموبىلنىڭ يان تەرىپىدىكى سىزىقلارمۇ ھازىرقى تاڭ جەمەتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ چىرايلىق، كىچىك سىيرىلما دۈمبە سىزىقلىرى ۋە لەيلىمە شەكىلدىكى ئاپتوموبىل ئۆگزىسى بىكار قىلىنغان، بەل سىزىقلىرىدا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، خەن Lنىڭ بەل سىزىقلىرى بىلەن نىسبەتەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ ھەمدە ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىنىڭ قاتلام تۈسىنى ئاشۇرغان، ئىشىك تۇتقۇچى سىيرىلما شەكىلدە بولۇپ، شامال قارشىلىقىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ، چاق يايى ۋە يان ئېتەك قىسىمىنىڭ لايىھەسىدە كۆتۈرۈلۈپ چىققان سىزىقلار بار بولۇپ، مۇسكۇل تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈرگەن، چاق گەردىشىدە بەش بالداقلىق تۆۋەن شامال قارشىلىقى ياسىلىش شەكلى قوللىنىلغان، ئۇسلۇبى نىسبەتەن سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ.

ئاپتوموبىل قۇيرۇقىنىڭ لايىھە سۈرىتى ۋاقتىنچە ئېلان قىلىنمىدى، نۆۋەتتە پەقەت ئاپتوموبىل تورۇسى لايىھەسىدە ھاۋا بۆلۈش تاختىسى بارلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، قارىدالغان قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسىغا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان.

رازمېرى جەھەتتە ھازىرقى بىيادى تاڭ DM-iنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4870/1950/1725mm، ئوق ئارىلىقى 2820mm، ئورنى ئوتتۇرا تىپلىق SUV، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىردىن ئېشىشى مۇمكىن، ئوق ئارىلىقى جەھەتتىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، توكقا چاتىدىغان ئارىلاش موتورلۇق ئاپتوموبىل تىپىغا يەنىلا 1.5Tلىق موتور ۋە ئېلېكتىر موتوردىن تەركىب تاپقان بەشىنچى ئەۋلاد DM سىستېمىسى سەپلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە DM-p نۇسخىسى بازارغا سېلىنىشىدىن ئۈمىد بار؛ ساپ توكلۇق نۇسخىسى e سۇپىسى 3.0 Pro ئاساسىدا ياسىلىشى مۇمكىن، ئۈچ ئېلېكتىر سىستېمىسى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.



Maxina汽车网
汽车新闻,二手车信息,违章查询 | نۇر تورى ۋە ئۇچۇر تورىدىكى ماشىنا خەۋەرلىرى، نىمكەش ماشىنا ئۇچۇرلىرى يوللىنىدۇ
 最新文章