ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا، جىلى يىنخې ماركىسى ئۆز قارمىقىدىكى يىنخې L7 EM-i ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
ئورگان سۈرەتتىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش بولغان، ئورگان تەرەپ ئۇنى «سامانيولى ئېستېتىكىسى لايىھەسى» دەپ ئاتىغان، ئالدى بۆلمە قاپقىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى لايىھەدە كۆتۈرۈلۈپ چىققان سىزىقلار بار بولۇپ، بەلگىلىك مۇسكۇل تۇيغۇسىغا ئىگە، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسىغا بۆلەكلىك لايىھە قوللىنىلغان، كۈندۈزلۈك چىراغنىڭ شەكلى نىسبەتەن ئۆتكۈر بولۇپ، قارا رەڭلىك بېزەك تاياقچە بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان.
ئاستى ئورالما قىسىمىغا رازمېرى بىر قەدەر چوڭ تىراپېتسىيە شەكىللىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى سەپلەنگەن، ئىچكى بېزىكى خىروم يالىتىلغان قۇرۇلما بىلەن زىننەتلىنىپ، ئاپتوموبىل بېشىنىڭ قاتلام تۇيغۇسىنى نامايان قىلغان.
ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىنىڭ ياسىلىش شەكلىدە ئۆزگىرىش يوق، ئۆگزىسى روشەن ياي گىرادۇسقا ئىگە، قوش رەڭلىك ئاپتوموبىل گەۋدىسى يەنە لەيلىمە شەكىلدىكى ئاپتوموبىل ئۆگزىسى ھاسىل قىلغان، بەل سىزىقلىرىنىڭ ئالدى تۆۋەن، كەينى ئېگىز بولۇپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىنىڭ قاتلام تۇيغۇسىنى زىننەتلىگەن، چاق يايى ۋە يان ئېتەك قىسمى توم قارا رەڭلىك بېزەك تاختا لايىھەلىنىپ، بىر قەدەر كۈچلۈك كۈچ تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن.
قۇيرۇق قىسىمىنىڭ ياسىلىش شەكلىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمىگەن، ئاپتوموبىل ئۈستىگە كىچىك رازمېرلىق ھاۋا بۆلۈش تاختىسى ھەمدە تورمۇز چىرىغى سەپلەنگەن، قارىدالغان قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسىدا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان. ئاستى ئورالما قىسىمىغا ئىستېرېئولۇق تۈسكە ئىگە قارا رەڭلىك بېزەك تاختا سەپلەنگەن.
ئىچكى بېزەك جەھەتتە ئورگان سۈرەتتىن قارىغاندا پۈتكۈل ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۆزگىرىش يوق، تۆت شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، تولۇق سۇيۇق كىرىستاللىق ئۆلچەش سائىتى تەخسىسى، تىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەركىزىي كونترول ئېكرانى، ياردەمچى شوپۇر كۆڭۈل ئېچىش ئېكرانى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق خوت تۇتقۇچى قاتارلىقلار سەپلەنگەن، رەڭ ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە قوڭۇر ۋە كۈل رەڭنى تاللاشقا بولىدۇ، ئاپتوموبىل سېستىمىسىغا Flyme Auto سىستېمىسى سەپلەنگەن، خەرىتە، كىچىك كۆزنەك ھالىتى، Smartbar قاتارلىق ئىقتىدارلار سەپلەنگەن.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا لېيشېن EM-i توكلۇق ئارىلاشما سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، 1.5Lلىق موتور ۋە ئېلېكتىر موتوردىن تەركىب تاپقان، DHT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ماسلاشتۇرۇلغان، ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان 0-100km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى 4.5 سېكۇنت.