ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا، Genesis ئورگان تەرەپ يېڭى نۇسخىدىكى GV 60 ئاپتوموبىلىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە ئىچكى بېزىكى جەھەتتە ئازراق ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، بىرىنچى پەسىل ئىچىدە كورېيە بازىرىدا تۇنجى بولۇپ بازارغا سېلىنىدۇ. پايدىلىنىش ئۈچۈن، ھازىرقى جېنىسىس GV 60نىڭ دۆلىتىمىز بازىرىدىكى يېتەكچى باھا دائىرىسى 286 مىڭ 800 يۈەندىن 373 مىڭ 300 يۈەنگىچە.
ئورگان سۈرەتتىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، ئەڭ يېڭى جەمەتلەشكەن لايىھە شەكلىگە تېخىمۇ يېقىنلاشقان، سالاسۇندا يېپىق شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان، ئۇسلۇبى نىسبەتەن ئاددىي، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسىدا بۆلەكلەرگە ئايرىلغان لايىھە قوللىنىلغان، ئىچكى قىسىمىغا چېكىتلىك ماترىتسا شەكلىدىكى LEDلىق يورۇقلۇق مەنبەسى ئىشلىتىلگەن.
ئاستىنقى ئورالما قىسمىغا ئۈچ بۆلەكلىك لايىھە قوللىنىلغان، ئىككى تەرەپتىكى قانات تاختىنىڭ ئورنىغا تىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېقىم باشلاش ئوقۇرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا رەڭلىك بېزەك تاختا قوشۇلغان، ئوتتۇرا قىسمى بولسا رازمېرى بىر قەدەر چوڭ بولغان تىراپېتسىيە شەكىللىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى بولۇپ، ئىچكى قىسمى قارا رەڭلىك ھەرە كۆنىكىسىمان قۇرۇلما بىلەن زىننەتلىنىپ، بىر قەدەر كۈچلۈك تەنھەرىكەت پۇرىقى ئېلىپ كەلگەن.
يان تەرىپىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئاپتوموبىل تورۇسىغا سىيرىلما دۈمبە شەكلىدىكى ياسىلىش شەكلى قوللىنىلغان، كۈچلۈك كوزۇپلۇق SUV ئۇسلۇبىغا ئىگە، بەل سىزىقىغا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسى يان تەرىپىنىڭ قاتلام تۈسىنى ئاشۇرغان، ئىشىك تۇتقۇچىغا سىيرىلما لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، شامال قارشىلىقىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
قۇيرۇق قىسىمىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسى قارىدالغان بولۇپ، ئالدى چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى بىلەن ماسلاشقان، ئارقا كوزۇپنىڭ ئۈستى تەرىپىدە رازمېرى نىسبەتەن چوڭ ھاۋا بۆلۈش تاختىسى بار، ئۈستى تەرىپىگە كۆتۈرۈلۈپ چىققان ئىستېرېئولۇق سىزىق لايىھەسى قوللىنىلغان.
رازمېرى جەھەتتە ھازىرقى تىپىنى پايدىلىنىش قىلساق، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4515/1890/1595mm، ئوق ئارىلىقى 2900mm، ئورنى ساپ توكلۇق ئوتتۇرا تىپلىق SUV.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى تەرەپتە، ھازىرقى نۇسخا ئاپتوموبىل تىپى ئىككى چاق سۆرەيدىغان ۋە تۆت چاقى سۆرەيدىغان ئاپتوموبىل تىپى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىككى چاق سۆرەيدىغان نۇسخىسىغا ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 168kW بولغان ئارقا تاق ئېلېكتىر موتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 350N·m؛ تۆت چاق سۆرەيدىغان نۇسخىسىغا ئالدى-ئارقا قوش ئېلېكتىر موتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 74kW ۋە 160kW، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 255N·m ۋە 350N·m، ئۇنىۋېرسال ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 234kW، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 605N·m بولۇپ، 0-100km/hغا تېزلىنىش ۋاقتى 5.5 سېكۇنت.
تۆت چاق سۆرەيدىغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق نۇسخىسىغا ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 180kW بولغان ئالدى-ئارقا قوش ئېلېكتىر موتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 350N·m، ئۇنىۋېرسال ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 360kW، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 700N·m بولۇپ، 0-100km/hغا تېزلىنىش ۋاقتى 4 سېكۇنت، ھەممە تىپىغا 76.4kWhلىق ئۈچ ئېلېمېنتلىق لىتىي باتارېيە گۇرۇپپىسى ماسلاشتۇرۇلغان، CLTC خىزمەت ئەھۋالىدىكى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 645 كىلومېتىر، 580 كىلومېتىر ۋە 551 كىلومېتىر.