10-ئايدا بازارغا سېلىنىدىغان يېڭى ئاپتوموبىللار

文摘   2024-09-30 23:25   新疆  

دىلكان كىنوخانىسىدىن ھەقسىز vip ئالىي ئەزالىق ئېلىۋېلىڭ



ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يىل ئاخىرى بولاي دەپ قالدى، نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىدۇ، 10-ئايدا 9 خىل يېڭى ئاپتوموبىل بازارغا سېلىنىدۇ، شۇ چاغدا بازار رىقابىتى يەنىمۇ كەسكىنلىشىدۇ، ئىستىمالچىلار تاللاشقا بولىدىغان ئاپتوموبىل تىپلىرىمۇ تېخىمۇ مول، ئۇنداقتا بۇ 9 خىل ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئىچىدە سىز ياقتۇرىدىغىنى بارمۇ-يوق قاراپ باقايلى؟

1. شېنلەن S 05

شېنلەن S 05 بولسا پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئىخچام تىپتىكى دالا ئاپتوموبىلى، بۇ ئاپتوموبىل يېقىندا ئالدىن زاكاز قىلىشقا باشلىغان ، ئەمما ئالدىن سېتىش باھاسى تېخى ئېلان قىلىنمىدى، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بىر قەدەر ئاددىي، ئالدى تەرىپىگە يېپىق ئوتتۇرا تور لايىھەسى قوللىنىلغان، گەۋدىسىنىڭ رازمېرى 4620/1900/1600mm، ئوق ئارىلىقى 2880mm، ئۇزارتىلغان مۇساپىلىق نۇسخىسى ۋە ساپ توكلۇق نۇسخىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىپىنى تاللاشقا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزارتىلغان مۇساپىلىق نۇسخىسىغا 1.5L مۇساپە كېڭەيتكۈچ+ئېلېكتىر موتور سەپلەنگەن، ساپ توكلۇق ھالەتتىكى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 100 كىلومېتىر ۋە 155 كىلومېتىر، ساپ توكلۇق نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ساپ توكلۇق ھالەتتىكى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 510 كىلومېتىر.

2. خەيباۋ 06 GT

خەيباۋ 06 GT بولسا بىيادى OCEAN-M ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تىپى، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىن سېتىلىش باھاسى 150 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگىچە، ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4630/1880/1490mm، ئوق ئارىلىقى 2820mm، ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ساپ ئېلېكتىر سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، يەككە ئېلېكتىر موتور ۋە قوش ئېلېكتىر موتوردىن ئىبارەت ئىككى خىل نۇسخىسىنى تاللاشقا بولىدۇ، ساپ توكلۇق ھالەتتىكى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 505 كىلومېتىردىن باشلىنىدۇ.

3. جىلى شىڭيۈەن

شىڭيۈەننىڭ سىرتقى شەكلى قارىماققا «Smart» ئاپتوموبىل تىپىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، يېڭى ئاپتوموبىل كىچىك تىپتىكى ئىككى كوزۇپلۇق ئاپتوموبىل قىلىپ بېكىتىلگەن، ئالدىن سېتىلىش باھاسى 78 مىڭ 800 يۈەندىن 107 مىڭ 800 يۈەنگىچە، ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4135/1805/1570mm، ئوق ئارىلىقى 2650mm، ساپ توكلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ سىستېمىسى سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 58KW ۋە 85KW، ساپ توكلۇق ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 310 كىلومېتىر ۋە 410 كىلومېتىر.

4. جېىتۇ ئەركىنلىك

جيېتۇ ئەركىنلىك ئاپتوموبىلىنىڭ ئورنى جيېتۇ ساياھەتچىسىدىن سەل تۆۋەن بولىدۇ، بۇ ئاپتوموبىل تىپىدا يەنە كۆپچىلىك ياقتۇرىدىغان «چاسا قۇتا» لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلغان، ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4706/1967/1845mm، ئوق ئارىلىقى 2810mm. دەسلەپكى دەرىجىلىك تىپىغا 1.5Tلىق موتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 135KW، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك تىپىغا 2.0Tلىق موتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 187KW.

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

5. شەنخەي T1

شەنخەي T1نى جيېتۇ ساياھەتچىنىڭ قىستۇرما ئارىلاش موتورلۇق نۇسخىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئاساسىي جەھەتتىن ساياھەتچى نۇسخىسىنىڭ لايىھەسىنى داۋاملاشتۇرغان، ئەمما ئاپتوموبىل بەلگىسىنىڭ LOGOسى ئوخشىمايدۇ. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، چىرۈي كۈنپېڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئارىلاشما C-DM سىستېمىسى سەپلىنىدۇ، بۇ سىستېما 1.5Tلىق موتور+ئېلېكتىر موتوردىن تەركىب تاپقان، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 435KW.

6. مازدا EZ-6

مازدا EZ-6 بولسا مازدا بىلەن چاڭئەن بىرلىكتە ياسىغان ئوتتۇرا تىپلىق ئاپتوموبىل، يېڭى ئاپتوموبىل شېنلەن SL 03 بىلەن ئوخشاش سۇپىدىن چىققان، مازدا بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، ئىچىنىڭ بېزىلىشىگە مەسئۇل، چاڭئەن ئاپتوموبىل شىركىتى بولسا ئىشلەپچىقىرىش سۇپىسى ۋە يېڭى ئېنىرگىيە تېخنىكىسىغا مەسئۇل، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ مۇساپىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىسى ۋە ساپ ئېلىكتىر موتورلۇق نۇسخىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىپى چىقىرىلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، سېتىلىش باھاسى 150-200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن.

7. لەنتۇ جىيىن

لەنتۇ جىيىن ئوتتۇرا تىپلىق SUV دەپ بېكىتىلگەن، بۇ ئاپتوموبىل ئىلگىرى ئالدىن سېتىلىشقا باشلىغان، ئالدىن سېتىلىش باھاسى 209 مىڭ 900 يۈەندىن 266 مىڭ 900 يۈەنگىچە، يېڭى ئاپتوموبىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى رەسمىي بازارغا سېلىنىدۇ. لەنتۇ جىيىننىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4725/1900/1636mm، ئوق ئارىلىقى 2900mm، بۇ ئاپتوموبىل 800V سۇپىسىدا ياسالغان، يەككە ئېلېكتىر موتور ۋە قوش ئېلېكتىر موتوردىن ئىبارەت ئىككى خىل نۇسخىسى بار بولۇپ، ساپ توكلۇق ھالەتتىكى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 570 كىلومېتىردىن باشلىنىدۇ.

8. Smart#5

Smart#5نىڭ نۆۋەتتىكى ئالدىن سېتىلىش باھاسى 245 مىڭ يۈەن، يېڭى ئاپتوموبىل ئوتتۇراھال چوڭ تىپلىق SUV دەپ بېكىتىلگەن، تاشقى قىياپەتتە نىسبەتەن چاسا لايىھە تىلى قوللىنىلغان، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ رازمېرى 4705/1920/1705mm، ئوق ئارىلىقى 2900mm بولۇپ، 800Vلىق يۇقىرى بېسىملىق سۇپا سەپلىنىدۇ، يەككە ئېلېكترموتور ۋە قوش ئېلېكترموتور نۇسخىسىنى تاللاشقا بولىدۇ، ساپ توكلۇق ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 570 كىلومېتىر.

9. چىيۈەن E 07

چىيۈەن E 07 ئوتتۇرا، چوڭ تىپتىكى SUV بولۇپ، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىن سېتىلىش باھاسى 249 مىڭ 900 يۈەندىن 319 مىڭ 900 يۈەنگىچە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، قۇيرۇق ساندۇق قاپقىقىنى توكلۇق ئاچقىلى بولىدۇ، ئېچىلغاندىن كېيىن ئاپتوموبىل پىكاغا «ئۆزگىرىپ» كېتىدۇ، كۈچلۈك يۈك قاچىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە مەجبۇرىي بىراك قىلىش سىياسىتى، يۈرۈشنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، يەنە مۇساپىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىسى، ساپ توكلۇق نۇسخىسىنى تاللىسا بولىدۇ.

يۇقىرىقى توققۇز خىل ئاپتوموبىل بۇ يىل 10-ئايدا بازارغا سېلىنىدۇ، نۆۋەتتە بىر قەدەر كۆپ ئېتىبارغا ئېرىشىۋاتقان ئاپتوموبىل تىپلىرىدىن ئاساسلىقى خەيباۋ 06 GT، جىلى شىڭيۈەن قاتارلىقلار بار، ئۇنداقتا قايسى سىزنى ئەڭ جەلپ قىلدى؟

تۈگىدى.

بۇ يەرنى بېسىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ
ماشىنا سودىسى، ئۆي سودىسى، نەرسە-كېرەك سودىسى، ھەرخىل سودىلار جەملەشكەن، ئۇچۇر ئەپچاقنى چۈشۈرۋېلىپ قۇلاي بولغان سودىنى باشىۋېلىڭ



Maxina汽车网
汽车新闻,二手车信息,违章查询 | نۇر تورى ۋە ئۇچۇر تورىدىكى ماشىنا خەۋەرلىرى، نىمكەش ماشىنا ئۇچۇرلىرى يوللىنىدۇ
 最新文章