بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 34-قىسىم (ئەپچىدە 56قىسىم)

文摘   2024-09-25 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
-ئۇ مۇخپىر دەل مېنىڭ ئالدىنقى ئايالىم..
داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قالدىم.
- مۇخبىر سىزنىڭ ئايالىڭىز؟بۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ توي قىلمىغان قىزغۇ.. يەنە كېلىپ سىزدىن كۆپ كىچىك..
- سىزگە ئۇ ئۆزىنى توي قىلمىغان دېدىما؟
- ياق. ساياھەتكە يالغۇز كەلدى. ھەر قېتىم بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندىمۇ يالغۇز كېلىدۇ، مەن ئۇنى ئائىلىسى يوق دەپ ئويلاپتىمەن..
- ئۇ نەچچە يىل بۇرۇن مەن بىلەن توي قىلغان، ئۇ چاغدا ئۇ مۇخبىر ئەمەس ئىدى، مۇخبىرلىق خىزمىتىنى مەن ئۇنىڭغا تونۇشتۇرغان .. ئۇنىڭ كەيگەن كىيىملىرى تۇرغان ئۆيى، ھەممە نەرسىنى مەن بەرگەن..
- توغرا ئەمەسقۇ! ھازىر سىز 30 نەچچە ياشقا كىرگەن بولسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىمۇ يېشىڭىز خېلى چوڭ بولىدۇ. مېنىڭچە ئۇ تۇنجى ئايالىڭىز ئەمەسقۇ دەيمەن..
- شۇنداق، ئۇ مېنىڭ ئىككىنچى ئايالىم. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كاللامنى قايدۇرغاچقا تۇنجى ئايالىمنى قويۇۋېتىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانىدىم..
- باي ئەرلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداقكەندە، ياش قىزلارنى كۆرگەندە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئايالىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن..
- شۇنداق دېسەممۇ بولىدۇ، لېكىن مەن تاللىشىمغا پۇشايمان قىلدىم..
- باشتىكى ئايالىڭىزدىن كەچۈرۈم سوراشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟!..
- كەچۈرۈم سورىساممۇ بىكار، ئۇ بەرىبىر باشقا ئەر بىلەن توي قىلىپ بولدى، ھازىر ئائىلىسى شۇنچىلىك بەختلىك.. ئۇ مەندىن ئايرىلىپ بەخىتلىك بولدى، لېكىن مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ھەممە نەرسەمنى يوقىتىپ قويدۇم..
- شۇ تاپتا سىزگە ئىچ ئاغرىتىش ياكى نەپرەتلىنىشنى بىلەلمەي قېلىۋاتىمەن ئايالىڭىزنىڭ مەيدانىدا تۇرسام سىزگە نەپرىتىم كېلىدۇ،لېكىن سىزنىڭمۇ ۋاپاسىزلىققا دۇچار بولغىنىڭىزنى ئويلىسام يەنە ئىچىم ئاغرىيدۇ..
- ماڭا ئىچىڭىزنى ئاغرىتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز ئەمەس، ئۆزۈممۇ ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن..
- بولدى ئۆتكەن كۈنلەرنى ئۇنتۇپ كېتەيلى.. ئادەم دېگەن بەزىدە نادان بولىدىكەن، مەنمۇ ئەقىللىق بولغان بولسام، ئەينى ۋاقىتتا يولدىشىمنىڭ يالغان گەپلىرىگە ئىشىنىپ ئۇنى تاللىمىغان بولاتتىم..
- توردىكى خەۋەرنى كۆرمىگەن بولسام ئۇنىڭ سىزنىڭ يولدىشىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلمەسكەنمەن.. مەن ئايالىمنىڭ يولدىشىڭىزنىڭ ماشىنىسىدا تۇرغىنىنى كۆرگەن ئۇلار جىددىي بىر ياققا مېڭىپتىكەن، لېكىن سىز دېگەن كىشىلەرنىڭ ئۇلار ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن..
- ھېچقىسى يوق، بەلكى ئورۇنلاشتۇرۇش شۇنداقتۇ.. شۇ كۈنى دوختۇرخانىغا بارغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۆزۈمنى ئاقلىيالمايتتىم..
- شۇنداق، بەزى تاللاشلىرىمىزغا پۇشايمان قىلىدىكەنمىز، لېكىن شۇ ۋاقىتتا قايتۇرۇپ قويسا، يەنە ئوخشاش شۇ تاللاشنى قىلىشىمىز مۇمكىن، ئادەم دېگەن شۇنداق بولىدىكەن، پۇشايمان بىلەن ئۆتىدىكەنمىز. ئەگەر ماڭىمۇ قايتا تاللاش بولغان بولسا، ھەرگىز بۇرۇنقى ئايالىمنى قولدىن بەرمىگەن بولاتتىم.. بۈگۈنكىدەك كۈنگە قېلىشىمنى بىلگەن بولسام ئۇنىڭغا ھەرگىز ۋاپاسىزلىق قىلمىغان بولاتتىم..
- لېكىن سىزنىڭ قەرز بولغىنىڭىزغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ قولىڭىزدا 5 ئاشخانىڭىز بار ئىكەن، يەنە نېمىشقا؟! قارىماققىمۇ قەرزى باردەك كۆرۈنمەيسىز..
- سانى كۆپ بولغان بىلەن ھەممىسى قەرزگە مېڭىۋاتىدۇ.. كىرگەن كىرىم چىقىمغا بويلاشماي، بانكىدىن قەرز ئېلىپ بېقىۋاتىمەن..
- سانىنى ئازايتىۋەتسىڭىز بولمامدۇ..
- ئۇزۇن يىللىق خىزمەتچىلىرىم بار ئىدى، ئۇلارنى خىزمەتتىن بوشىتىشقا كۆزۈم قىيمىدى.. بۇ دەردىمنى ھېچكىمگە تۆكەلمەيمەن ھەممىسى مېنى باي دەپ ئويلايدۇ، لېكىن كۈنۈم قەرز بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ..
- قائىدە بويىچە بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ، نەچچە ئاشخانىسى بار ئادەم قەرز تۆلەيمەن دېسىڭىز ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكەن..
- ئادەم بەزىدە شۇنداق بولۇپ قالىدىكەن،ئۆزىمىزمۇ بىلمەي يامان ئىشتىن بىرنى قىلىدىكەنمىز، شۇنىڭ بىلەن ئىشلىرىمىز كەينىگە قاراپ ماڭىدىكەن.. بۇ ئايالىمنى ئالغاندىن بېرى ئىشلىرىم ياخشى بولۇپ باقمىدى.. بەلكى بۇ بۇرۇنقى ئايالىمنىڭ دىلىنى رەنجىتكىنىمدىن بولسا كېرەك.. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماستا ئىشلىرىم ياخشى ئىدى، توي قىلغاندىن كېيىن ئىشلىرىم كاساتلاشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇلداردىن بىرنى تاپتى.. ئەسلىمۇ پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەت پۇل سەۋەبىدىن بۇزۇلىدىكەن..
- ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز 5 ئاشخانىنى باشقۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەسقۇ..
- توردا سىزدىن قارىلانغان ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن ئىزچىل سىزنى ئىزدەشكە باشلىدىم، ئەسلى سىزنى ئاقلاش،سىز بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق توردا بولسىمۇ، بىر ئاز تەسىر پەيدا قىلاي، دەپ ئويلىغان ئىدىم.. لېكىن، ئويلىسام بۇ توغرا ئۇسۇل ئەمەسكەن..
- ئەمىسە يەنە نېمىشقا مېنى ئىزدەيسىز؟
- بىلمەيمەن، بەلكى سىز ئەڭ ئۈمىدسىز ۋاقتىمدا ئۇچراپ قالغاچقا شۇنداقتۇ.. مېنىڭ تونۇشۇم جىق. لېكىن سىر بەرگۈدەك يېقىن دوستۇم يوق مۇمكىن بولسا..
ئۇ ماڭا قولىنى سۇندى. ئۇنىڭ قول سۇنۇش سۇنماسلىقنى بىلمەي تۇراتتىم.
- ھا ھا.. - ئۇ تەنە ئارىلاش كۈلۈشكە باشلىدى،- سىزمۇ مېنىڭ قەرزىم بارلىقىنى ئاڭلاپ دوست بولۇشنى خالىماي قالدىڭىز، شۇنداقمۇ؟!
- ياقەي!ئۇنداق ئەمەس، مەن ئىلگىرى ئەرلەر بىلەن دوست بولۇپ باقمىغان..
- نېمىشقا؟! يولدىشىڭىز يول قويمىغان شۇنداقمۇ..
- شۇنداق، دېسەممۇ بولىدۇ، ئۇ مېنىڭ تۇنجى يىگىتىم ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئەرلەرگە دىققەت قىلىپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن..
- مەيلى دوست بولۇشنى خالىمىسىڭىز مەنمۇ سىزنى زورلىمايمەن..
- ئۇنداق ئەمەس، مېنى خاتا چۈشەنمەڭ.. ماڭا ئىككى قېتىم ياردەم قىلغان ئادەم.دوستلۇقىڭىزنى رەت قىلىش ھەققىم يوق..
- ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماڭ.مەن ئەسلىمۇ باھاسى مۇۋاپىق يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا مۇھتاج ئىدىم، چۈنكى ئاشخانىغا داۋاملىق سىرتنىڭ مەھسۇلاتىنى ئېلىۋەرسەك چىقىم ئارتىپ كېتىدىكەن،شۇڭا سودىڭىزنى داۋاملىق قوللاۋېرىمەن..
- لېكىن قەرزىڭىزنى قانداق قىلىسىز؟
- بۇنچىلىك پۇل بىلەن قەرزىمنى قايتۇرغىلى بولمايدۇ.. بۇ پۇلنى مەن ھامان خەجلەيمەن.. ئاشخانا دېگەندە قاچا يۇيۇش كېتىدۇ، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى داۋاملىق لازىم بولۇپ تۇرىدۇ..
- 5 ئاشخانىنى ئازايتىپ ئىككى ياكى ئۈچ قىلغان بولسىڭىز، بەلكى چىقىمىڭىز ئازىيىپ قالار ئىدى..
- 5 ئاشخانىنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق،بىر يەردىكى خىزمەتچىنى يەنە بىر يەرگە يۆتكىگىلى بولمايدۇ،ھەممىسى مۇشۇ ئاشخانىدىن تاپقان كىرىمى بىلەن ئائىلىسىنى بېقىۋاتقانلار ئۇلارنى خىزمەتتىن توختىتىپ قويسام باشقا يەردىن خىزمەت تېپىشى قىيىنغا توختايدۇ ..
- سىز ئەسلى دىلى ئاق كىشى ئىكەنسىز..
- مەن دىلى پاك كىشى ئەمەس، ئەگەر نېمە راستىنلا پاك بولغان بولسام ھېسسىياتقا ئۇتتۇرۇپ قويمىغان بولاتتىم، شۇنچە ياخشى ئايالىمنى قويىۋېتىپ، ۋاپاسىز ئايالنى ئالمىغان بولاتتىم..
- ئادەم دېگەن خاتالىشىدۇ ئۆزىڭىز كەچۈرۋېتىڭ.. مېنىڭچە بۇرۇنقى ئايالىڭىزمۇ سىزنى كەچۈرۈپ بولدى..
- بەلكى كەچۈرگەندۇ.. ،- دېدى ئۇ ئېغىر تىنىپ.
- دېمەك شۇ كۈنى ھاياتىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرۇش يالغۇز ۋاپاسىزلىق سەۋەبىدىن ئەمەسكەن دە..
- شۇنداق. ئۇ سەۋەبچى بولۇپ قالدى خالاس.قەرز ئىشىمۇ مېنى بەك قىينىۋەتتى. ئەسلىمۇ چارچاپ قالغانىدىم.. بىراقلا بولدى قىلاي دېگەن.. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن سىز ئۇچراپ قالدىڭىز.. ھېچ بولمىسا سىزنى قۇتقۇزۇپ ئاندىن ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇراي دەپ ئويلىدىم.. لېكىن سىزنى قۇتقۇزۇپ بولۇپ، داۋاملىق ياشىغۇم كېلىپ قالدى.بىزنىڭ ياشىشىمىز يالغۇز ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس ئىكەن.. ئۆزىمىزنىڭ قايسى بىر ۋاقىتلاردا باشقىلارغا ئەسقېتىپ قالىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيدىكەنمىز.. مېنىڭ ئارقامدا نۇرغۇن خىزمەتچىلىرىم بار،قېرىندىشىم بار، ھېسسىياتىم،قەرزىم ئۈچۈنلا ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرسام بولمايدىكەن ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرسام بولمايدىكەن..
- شۇ ئەمەسمۇ، سىزدەك ياخشى ئادەملەر ياشىشى كېرەك.. ھېسسىيات ئىچىدە كىم خاتالاشمايدۇ دەيسىز.. قىلغان ئادەم خاتالا ئادەمنى تاللاپ قالغىنى ئۈچۈن ئازابتا قالمىغان.. مەنمۇ ئۆز ئوغلۇمنى يولدىشىمنىڭ يېنىدا قالدۇردۇم،ئۇ يىغلاپ كەتمە دەپ يالۋۇرسىمۇ ئۇنىڭغا قاراپ قويمىدىم.. خاتالىق ئۈچۈن سېنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرا كەلسە مەن ياشىمىغان بولاتتىم..
كۆزۈمگە يىغىلغان ياشنى زورىغا تۇتىۋالدىم.
- توردىكى سىننى كۆردۈم. سىز ئۇنىڭغا ئېسىلىۋاپسىز، لېكىن ئۇ قولىڭىزدىن چىقىپ كېتىپتۇ.. ھازىرقى ئادەملەر توردا ئاق قارىنى ئايرىمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ كىمنىڭ پۇلى كۈچى بولسا شۇنىڭكىنىلا راست دەيدىكەن.. لېكىن مەن ئۇ سىزنىڭ، ئۇ كۈندىكى جىددىيلەشكەن ھالىتىڭىزنى كۆردۈم.مەن سىزنى ئوغلىنى قەستلەيدىغان ئانا دەپ قارىمايمەن..
- سىزنىڭ ماڭا ئىشەنگىنىڭىزگە رەھمەت. يولدىشىم بۇ ئىسپات بىلەن ئوغلۇمغا ئېرىشتى.. مېنىڭ ھېچنېمەم قالمىدى.. شۇ كۈنى مېھمانخانىغا قايتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئاھانىتىنى ئاڭلىدىم، ھېچكىم مېنىڭ خەتەرگە يولۇققىنىمغا ئىشەنمىدى..
- مېنىڭچە سىزگە يامان نىيەتتە بولغان شوپۇرنىمۇ ئۇلار تاپقان..
- بىلمەيمەن. لېكىن ئەمدى بىلگىنىمنىڭمۇ پايدىسى يوق.. ئىشقىلىپ مەن ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلىپ بولدۇم.. ئۆزۈمنىمۇ ئاقلىيالمايمەن..
- تۈنۈگۈن خىزمەتچىلەرگە سىز ياسىغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتكۈزدۈم.. ھەممىسى بەك ياخشىكەن دەپ ماختىشىپ كەتتى.. مېنىڭچە سودىڭىز ياخشى بولۇپ كېتىدۇ..
- نەدىكىنى دەيسىز،ئايرىم ئۇچۇر قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مېنى تىللايدىغانلار ئىكەن، پەقەت سىزلا مەھسۇلاتنى سوراپ ئۇچۇر قىپسىز..
- مەن مەھسۇلاتىڭلارنى ئىشلەتكەن فىلىمنى ئىشلەپ توردا تارتقۇزاي.. مېنىڭچە چوقۇم ئۈنۈمى بولىدۇ ..
- سىزگە كۆپ رەھمەت! سودامنى تۇنجى بولۇپ قوللاپ بەردىڭىز..
- ھېچقىسى يوق. مەن سىز ئارقىلىق ئۆزۈمنى قۇتقۇزىۋاتىمەن خالاس..
- قەرزنىڭ ئىشىنى بۇندىن كېيىن قانداق قىلاي دەيسىز؟!
- ئىككىمىز دوست بولمىساق مەيلى ھەمكارلىقنى سۆزلىشىپ باقساق بولامدۇ..
- قانداق ھەمكارلىشىمىز؟
- مېنىڭ ئاشخانام ئۈچۈن فىلىم ئىشلەپ بەرسىڭىز..
- ئەلۋەتتە بولىدۇ. لېكىن بۇنى مەن بىلەن ئەمەس، ھەدەم بىلەن پاراڭلىشىسىز.. چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئادىمى.. ھازىرقى خىزمەتنى،ئېكرانغا چىقىش پۇرسىتىنى ماڭا ئۇ بەرگەن.. ئالدىمغا باشقىلار بىلەن ھەمكارلاشسام بولمايدۇ..
- تامامەن بولىدۇ.. ئەمىسە ئىككىڭلار بىلەن تەڭ ھەمكارلىشاي قانداق؟ مەن سوداڭلارنى قوللاپ بېرەي مەھسۇلات ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن سىننى يوللاپ بېرەي.. سىلەر چىن خاننىڭلاردا مېنىڭ ئاشخانىلىرىمنىڭ ئېلانىنى ئىشلەپ بېرىڭلار.. مۇشۇنداق قىلساق بولامدۇ؟ سىلەر ئارقىلىق خېرىدار كەلسە، مەن 5پىرسەنت پايدىسىنى ئايرىپ بېرەي..
- بۇ بولىدىغان ھەمكارلىشىش ئۇسۇلىدەك قىلىدۇ، ئۇ چاغدا بىزنىڭ مەھسۇلاتقىمۇ سىزگىمۇ پايدىسى بولىدىكەن، مېنىڭچە ھەدەم چوقۇم قوشۇلىدۇ..
- بىز راستىنلا قىسمەت ئۇچراشتۇرغان ئادەملەر ئىكەنمىز..
- شۇنداق. سىزنى تونۇغىنىمدىن خۇشالمەن..
قولۇمنى سۇنماقچى بولۇپ يەنە خىجىلچىلىقتا توختاپ قالدىم.
- يەنە مەن بىلەن دوست بولۇشنى رەت قىلامسىز؟
- ئۇنداق ئەمەس.. مېنىڭ كۈچۈم يېتىدىغانلا ئىش بولسا ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.. بۇ دوستلۇققا تەۋەمۇ ئەمەسمۇ مەنمۇ بىلمەيمەن..
- مېنىڭچە بۇمۇ دوستلۇققا تەۋە.. - ئۇ كۈلۈپ ئورنىدىن تۇردى.
ئۇ ھېساباتنى قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئالدىمغا كەلدى.
- ئەسلى بۇ تاماقنىڭ پۇلىنى مەن تۆلىشىم كېرەك ئىدى تولىمۇ خىجىلمەن ..
- بىز دوست بولۇپ قالدۇق تەكەللۇپ قىلماڭ، نەگە بارىسىز مەن ئاپىرىپ قوياي..
ئۇنىڭغا ئاستاغىنە شىركەتنىڭ ئادرېسىنى يوللاپ قويدۇم.
- 12كىلومېتىر؟ بايا مۇشۇ يەردىن كەلدىم دېمەيدىغانسىز ھە..
- شۇ يەردىن كەلدىم سىزنى ئالدىمغا بېرىڭ دېيىشتىن خىجىل بولدۇم..
- شۇنچە ئۇزۇن يولنى پىيادە باسمىغانسىز..
ئۇنىڭغا قاراپ ئېنىق كۈلۈپ قويدۇم. ئۇمۇ مەندىن ئارتۇق سوئال سورىماي ماشىنىغا قاراپ ماڭدى. ئاستاغىنە ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا چىقتىم.
- شۇنچە قەرزى تۇرۇپ، نېمىشقا ئېسىلماي ماشىنا ھەيدىۋالىدىغاندۇ دەپ ئويلاۋاتقانسىز ھە..
- ياقەي، مەن ئېسىل ماشىنىنىمۇ تونۇپ كەتمەيمەن.. سىزدەك سودا قىلىدىغانلارنىڭ ماشىنىسى بولۇش تەبىئىي ئىشقۇ؟!
- ئېسىل ماشىنىنى تونۇمايمەن؟ يولدىشىڭىز شۇنچە باي تۇرۇپما؟
- ئۇ ماشىنىسىغا مېنى كەمدىن كەم چىقىراتتى، ئۇنىڭ نېمە ماشىنا ھەيدەپ، نېمىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن بىلمەيتتىم.. ماركىلىق نەرسىلەرنىمۇ بەك تونۇپ كەتمەيمەن.
- كەچۈرۈڭ بۇ سوئالنى سورىمىسام بوپتىكەن..
- ھېچقىسى يوق.. بۇنداق سۇئاللارغا كۆنۈپ قالدىم..
- ھە راست. ئۇ ئىككىسىنىڭ توي خەۋىرىنى كۆردىڭىزمۇ؟
- كۆردۈم.. تور دۇنياسىنى بىر قاپلاپ كېتىپتۇ..
- ھەممەيلەن ئۇلارغا بەخت تىلەپتۇ.. ھاھا.. قىزىق..
- شۇنداق، ھەممەيلەن يولدىشىمنى توغرا چۈشىنىپ كېتىپتۇ. ھە راست، تورداشلار مۇخپىرنىڭ ئىككىنچى تويى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغاندەك قىلىدىغۇ..
- بىلمەيدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن يوشۇرۇن توي قىلغان. خەتلا ئېلىپ چوڭ توي قىلمىدۇق.. لېكىن ئۇنى ساياھەتكە ئەچىقىپ دېگىنىنى قىلىپ بەرگەنىدىم.. توي مۇراسىمىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى بەردىم.. ئۆي، ماشىنا ئېپ بەردىم..
- مېنىڭمۇ بىلمىگىنىم شۇ سەۋەپكەندە.. ئۇنى توي قىلمىغان قىز دەپلا ئويلىغانىدىم.. بالاڭلار يوقمۇ؟
- ياق. بۇرۇنقىسىدىنمۇ، ھازىرقىسىدىنمۇ بالام يوق.. بالا بېقىۋېلىشنى ئويلاۋاتىمەن، لېكىن بۇ شارائىتىمدا ئۇنى ياخشى باقالماي قېلىشتىن قورقىمەن..
- بوپتۇ. بىركۈنى چوقۇم ئەڭ ياخشى چارە چىقىدۇ..
- تويغا مەن بىلەن بىرگە بارامسىز؟- دېدى ئۇ ماڭا ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن قاراپ.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章