يولدىن چىققان ئايال 🧡 77-قىسىم (ئەپچىدە 116قىسىم)

文摘   2024-10-30 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم
66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم

70-قىسىم

71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم81-قىسىم
82-قىسىم83-قىسىم84-قىسىم
85-قىسىم86-قىسىم87-قىسىم
88-قىسىم89-قىسىم90-قىسىم
91-قىسىم92-قىسىم93-قىسىم
94-قىسىم95-قىسىم96-قىسىم
97-قىسىم98-قىسىم99-قىسىم
100-قىسىم101-قىسىم102-قىسىم
103-قىسىم104-قىسىم105-قىسىم
106-قىسىم107-قىسىم108-قىسىم
109-قىسىم110-قىسىم111-قىسىم
112-قىسىم113-قىسىم114-قىسىم
115-قىسىم116-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-شۇنداق چىرايلىق، ئوماق چوڭ بوپسىز، شۇڭا، قوزام، مەن ئائىلە قائىدىسى بويىچە سىزنى ئىككى قېتىم مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدىم، ھازىرلا مۇكاپات تارقىتىمىز!

قەيسەر شۇنداق دېگىنىچە گۈلزىرەگە يېقىنلاشتى...

گۈلزىرەنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ھېچقانداق ئىمكانىيەت يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قالايمىقان ھەرىكەت قىلسا ئۇنىڭ ئەمدى ساقايغان يارىسىغا تېگىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى، شۇڭا ئۇ ياۋاشلىق بىلەن ئىتائەت قىلىپ، خۇشال - خۇرام ھالدا مۇكاپات ئالغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالدى.

ئاخىرلىشىدىغان چاغدا، گۈلزىرە سائەت 10 دىن ئاشقانلىقىنى بايقىدى.

ئۇنىڭ ئىچى پۇشۇپ:

-ھازىر سىز دېمىسىڭىزمۇ، مەن ھەممىنى بىلەلەيدىغان بولدۇم!

گۈلزىرە ھەممە ئادەمنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئۇنى تەبرىكلەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ئۇ بىردىنلا كەينىگە بۇرۇلۇپ قەيسەرگە قاراپ:

- سىز ئايال باش پېرسوناژنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدىڭىزمۇ؟مەنمۇ؟

-ئەقىللىق خوتۇن!

قەيسەر بۇ سۆزنى ئەمدىلا ئېغىزدىن چىقىرشىغا، گۈلزىرە تۈگۈلۈپ تۇرۇپ:

-مەن ئەقىللىق ئەمەس، مەن باشقىلارنىڭ باھا سۆزى يازغانلىقىنى كۆردۈم!-دېدى.

قەيسەر ئۇنىڭ يۈزىنى چىمداپ قويۇپ:

-مۇكاپات ئالغىڭىز يوقمۇ؟-دېدى، ئۇ يەنە كۈلۈپ قويۇپ قەيسەر مەدەنىيەت تارقتىش چەكلىك شېركتىنىڭ مىكرو بىلوگىنى ئېچىپ، -قوزام، بۇ سىزنىڭ كېلەر يىللىق يېڭى تىياتىرىڭىز، سىنارىيىڭىزگە ئىمزا قويۇپ بولدى، سىز پەقەت ئەسلى ھالتىڭىزدە رول ئالسىڭىزلا بولدى!- دېدى.

-كىنونىڭ ئىسمى نېمە؟-گۈلزىرە سورىدى.

-چوڭقۇر مۇھەببىتىم سىز بىلەن بىللە.

قەيسەر ئۇنىڭغا ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ:

-ئىچىدە سۆزلەنگىنى، شۇنداق بىر گۈزەل، ئاق كۆڭۈل قىزنىڭ ئۆز دادىسى نامەلۇم بىر بالىنى ئۆزى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنى توغرىسىدىكى ھېكايە ...

ئۇ ھەيران قالدى.

قەيسەر ئۇنى سۆيۈپ قويۇپ:

-مەن ئادەم تېپىپ، مەخسۇس سىز ئۈچۈن يازغۇزدۇم!

گۈلزىرەنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسياتنى پەقەت ئۆزىلا بىلەتتى.

مىكرو بىلوگمۇ قايناپ كەتكەن ئىدى.

مەستانىلەرنىڭ ھەممىسى ئوبزورلارنى يېزىپ توشتۇرۋەتتى.

-قەيسەر گۇرۇھى جالال گۇرۇھى بىلەن رەسمىي تىركىشۋاتامدۇ؟

-بۇ گۈلزىرە بىلەن شەمسىيەنىڭ يۈزمۇيۈز تۇتۇشىشىمۇ؟

-مەن گۈلزىرەنىڭ ناخشىنى ياخشى ئېيتىپلا قالماي، رول ئېلىشىنىمۇ چوقۇم قاملاشتۇردىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!

-گۈلزىرە ئۈچۈن مەدەت بىرەيلى!

- شەمسىيەدەك ئاياللارنى قانداقمۇ بىزنىڭ نىلۇپەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولسۇن؟!

-قارىغاندا، جالال گۇرۇھىنىڭ ئەتىياز پەسلىدىكى يېڭى فىلىمى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدىغان ئوخشايدۇ!

-كېلەر يىللىق بېلەت كىرىمىنى پەرەز قىلىپ باقايلى!

گۈلزىرە بۇلارنى كۆرۈپ خوشال بولغان بولسا، شەمىسيەنىڭ ئىچى سىقىلۋاتاتتى.

بۇ چاغدا شەمسىيەنىڭ يان تېلېفونى سايرىدى.

ئۇ جالالنىڭ مەخسۇس كەلگەن تېلېفون قوڭغۇرىقىنى ئاڭلاپ، بىردىنلا كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ كەتتى.

تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، تۇرۇپكىدىن ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئاۋاز سوغۇق ھەم ھارارەتسىز ئىدى.

-ھازىر، مېھمانخانىغا كەل!

-ماقۇل.

بۇ كۈنلەردە، ئۇ ھەر قېتىم ئۇنى مېھمانخانىغا چاقىراتتى.

ئۇلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ئاشىق-مەشۇقلار دەپ، ئېلان قىلغان ۋە شۇ كۈنى توي ئۈزۈكى تاللىغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە  بازارغا چىققاندىن باشقا چاغدا جالال ئۇنىڭ بىلەن تۈزۈك كۆرۈشۈپ باقمىدى، پەقەت يېرىم كېچىدە تېلېفون بېرىپ، ئۇنى مېھمانخانىغا كېلىشكىلا بۇيرۇيتتى.

ئۇ ھەتتا ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ بىر قېتىممۇ كىرىپ باقمىدى.

شەمسيە جالالنىڭ ياتىقى ئالدىغا كېلىپ، ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى.

ئۇ ئىشىكنى ئاچتى، ئۆيدە چىراغ ياندۇرۇلمىغان بولۇپ، قاراڭغۇ ئىدى.

ئۇ ئەمدىلا كىرىشىگە، جالال ئۇنى تارتىپ كىرىپ، ئىشىكنى تاقاپ، ئۇدۇللا ئۇنى كارىۋاتقا ئېلىپ چىقتىھەم مۇقەددىمە يوقلا ئاساسى ۋەقەلىككە كىرىپ كەتتى...

شەمسىيە ئۇنىڭ بەدىنىدىكى قويۇق ھاراق پۇرىقىنى پۇراپ، ئۇنىڭ خەۋەرنى كۆرۈپ ئىچكەن ياكى باشقا سەۋەبى بار يوقلۇقنى بىلەلمەي، يۈرىكى تىترەپ كەتتى.

-جالال، سىز قەيسەر گۇرۇھىنىڭ خەۋىرىنى كۆردىڭىزمۇ؟

-ئاغزىڭنى يۇم!

ئۇ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈۋېتىپ، ئۇنىڭ بەلنىڭ تۆۋىنىدىكى توسالغۇنى ئېلىۋەتتى.

...

ئاخىرى ئاخىرلاشتى، شەمسىيە ماغدۇرسىز ھالدا كارىۋاتقا يىقىلدى، مۇنچىدىن كەلگەن سۇنىڭ ئاۋازىنى جىمجىت ئاڭلىدى.

جالال يۇيۇنۇپ چىققاندىن كېيىن، مۇنچىنىڭ يورۇقىدا كارىۋاتتىكى ئادەمنىڭ سايىسىنى كۆرۈپ:

-كەتسەڭ بولىدۇ، -دېدى.

شەمسىيەنىڭ بەدىنى قاتتىق تىترەپ كەتتى، كالپۇكى مىدىرلىدى، لېكىن يەنىلا «ماقۇل» دېگەن سۆزنى چىقاردى.

ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇنچىغا بېرىپ بەدىنىنى بىر تەرەپ قىلىپ، يەردىكى يوپكىسىنى ئېلىپ كىيدى.

ئۇ شۇندىلا ئۇنىڭ ئۈستى كىيىمىنى مىدىرلاتمىغانلىقىنى بايقىدى.

شۇڭا، شەمسىيە بۇرۇنلا ئۇنىڭ ئىچى -پۇشقۇنى چىقىرىش ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى كېرەك ئىدى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ كۈچەپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئايىغىنى كىيىپ، ئېغىز ئېچىپ ئۇنىڭدىن:

-جالال، بىز ئالدىنقى قېتىم سىناپ باققان ئۈزۈك ...-دەپ سورىدى.

ئۇ پەرۋا قىلمىدى، پەقەت چاقماقنى ئېلىپ، بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى.

ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئىلگىرى ئۇ ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيتتى.

مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، نۇرغۇن ئوغۇللار مودا قوغلىشىش ئۈچۈن تاماكا چېكەتتى.

بىراق گۈلزىرە تاماكا پۇرىقىنى ياقتۇرمىغاچقا، شۇڭا جالال ئەزەلدىن تاماكا چېكىپ باقمىغان ئىدى.

بىراق، ئالدىنقى قېتىم قەيسەر كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا گۈلزىرەگە توي تەكلىپى قويغاندىن كېيىن، جالال ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرۈپلا قالماي، يەنە تاماكا چېكىشكە باشلىدى.

بۈگۈن يەھيا چىمەنگۈلنى مەجبۇرلاپ بازارغا ئېلىپ چىقتى، چىمەنگۈل ئۈزۈكنى ياقتۇرمسا، باشقا نەرسە ئېلىپ بەرمەكچى بولدى.

-چىمەنگۈل كۆرۈپ بېقىڭە، ياقتۇردىغىنىڭىز بارمىكىن؟

-قىزىقمايمەن!

يەھيانىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى، بىراق ئۇ تۈنۈگۈن بىر قارارغا كېلىپ بولغان ئىدى.

تۈنۈگۈن، چىمەنگۈل ئۇنىڭ قۇچىقىدا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى، ئۇ ئاجىز نۇردا ئۇنىڭغا قارىدى، كۆڭلىدە قوبۇل قىلالمىسىمۇ،  لېكىن يەنىلا ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى، ئۇنىڭ پەقەت چىمەنگۈل بىلەن بىللە بولغۇسى بار..

گەرچە ئۇ ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغان،  ھازىر باشقىلارنىڭ ئايالى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى چىمەنگۈلگە بولغان ئېرىشش ئىستكى بىر تالمۇ كېمەيمەستىن، ئەكسىچە بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى!

شۇڭا، ئۇ ئۇلار توي قىلغاندا ھەممىنى باشتىن باشلاشنى قارار قىلدى.

ئۇ ياخشى ئەر بولۇپ، ئۇنىڭغا ياخشى كۆيۈنىدۇ، ئۇنى ئەتىۋارلايدۇ، ئۇلار بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلىماي، ھەممىنى نۆلدىن باشلايدۇ.

شۇڭا، شۇ تاپتا چىمەنگۈلنىڭ سوغۇق مۇئامىلسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، يەھيا يەنىلا:

-بىلەيزۈكنى ياقتۇرمىسىڭىز، ئۇنداقتا زەنجىر ئالايلى.

-ھاجىتى يوق.

يەھيانىڭ يۈرىكى قاتتىق سىقىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا سەۋرچانلىق بىلەن:

-سېرىق ئالتۇننى ياقتۇرمامسىز؟ئۇنداقتا ئاق ئالتۇن ئالامدۇق؟

چىمەنگۈل  ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز بۇنچە سەۋرچان بولۇپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنەلمەي، يەھيانىڭ ئۇنى ھەر بىر دۇكانغا ئەكىرىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، مۇنداقلا:

-مۇشۇ دۇكاندىكى بىلەيزۈك بولسۇن!-دېدى.

مۇلازىم خانقىز بۇنى ئاڭلاپ دەرھال تونۇشتۇرۇپ:

-خانقىز، بىزنىڭ بىلەيزۈكىمىزمۇ بەك چىرايلىق، قاراڭ بۇ كۆزلۈك بىلەيزۈك قانداقراقكەن؟

چىمەنگۈل  بېرىپ قاراپ قويۇپ، بېشىنى چايقىدى.

يەھيا يېنىدا بىر تىزىق سۈزۈك يېشىل رەڭلىك قاشتىشى  مارجان بىلەيزۈكنى كۆرۈپ:

-بۇنى ئېلىپ بېرىڭ،  كۆرۈپ باقاي!-دېدى.

مۇلازىم قىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

-ئەپەندىم كۆزىڭىز بەك مال تونۇيدىكەن، بۇ مارجاننىڭ سۈپىتى بەك ياخشى ، لېكىن باھاسى بىر قەدەر قىممەت، نۇرغۇن قىزلار كۆزى كەينىدە ئالالماي كېتىپ قالغان.

چىمەنگۈل كۆرۈپ ھەقىقەتەن بۇ بىلەيزۈككە قىزىقىپ قالدى.

مارجانلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئاق رەڭلىك پىل چىشىدىن ياسالغان كىچىك گۈللەر بار بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆزىنى چاقنىتاتتى

يەھيا  چىمەنگۈلنىڭ بىلەيزۈككە قاراپ گەپ قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، قولىغا ئېلىپ:

-چىمەن، مەن  تاقاپ قوياي،  سىناپ بېقىڭ، - دېگەچ ئۇنىڭ بېغىشىغا تاقاپ قويدى، ئۇنىڭ بېغىشى ئىنچىكە بولغاچقا، بىلەيزۈكى سەل ئۇزۇن كېلىپ قالدى.

يەھيا بېشىنى كۆتۈرۈپ:

- بۇنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟

ــ ئەپەندىم، قاراڭ، بۇ يەردە يەنە ئىككى يوشۇرۇن تۈگمە بار، مەخسۇس قولى ئىنچىكە قىزلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن!

مۇلازىم قىز شۇنداق دېگەچ، ئەڭ ئاخىرىدىكى ئىككى تال پىل چىشى گۈلىنى كۆرسەتتى.

-ھە، رەھمەت.

-چىمەن، بەك چىرايلىقكەن!- دېدى.

تۆت كۆز بىر-بىرىگە قارىشىپ قالدى، يەھيا يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالغاندەك ھېس قىلدى.

ئۇ خۇددى  بىرى تارتقاندەك چىمەنگۈلگە ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتى، ئاندىن بېشىنى تۆۋەن قىلىپ  چىمەنگۈلنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويدى.

چىمەنگۈل سەل بىئارام بولۇپ، بەدىنىنى مىدىرلاتتى، يەھيامۇ دەرھال قەددىنى رۇسلىدى.

ئۇ مال ساتقۇچى خانقىزغا:

-مۇشۇ پاسوننى ئالىمەن، ھېسابات قىلىڭ، - دېدى.

- بولىدۇ، ئەپەندىم!

مال ساتقۇچى خانقىز  چىمەنگۈلگە ھەۋەس بىلەن قاراپ، يەھياغا:

-ئەپەندىم، قىز دوستىڭىز بەك چىرايلىق ئىكەن، بىلەيزۈكمۇ ئۇنىڭغا بەك ماس كېلىدىكەن، ئەمدى بىر جۈپ ھالقا سېتىۋالمامسىز ؟ ماسلاشتۇرۇپ، بىر يۈرۈش قىلىپ تاقسا بولىدۇ ...

-ھاجىتى يوق، - دېدى  چىمەنگۈل.

ئۇ  گېپىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا، يەھيا بىر جۈپ سۇ تامچىسى شەكىللىك ھالقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

- بۇنى ئېلىپ بېرىڭ، يەنە ئاۋۇ بۇلاپكىلىق زەنجىرمۇ بار ...

مال ساتقۇچى قىز ئەھۋالنى كۆرۈپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.

شۇنىڭ بىلەن يەھيا يەنە ھالقىنى ئېلىپ چىمەنگۈلگە تاقاپ قويماقچى بولدى.

ئۇ سەل كەينىگە بىر قەدەم داجىپ:

-ئۆزۈم تاقاي!- دېدى.

بىراق، زەنجىرنى ئۆزى تاقاش قولايسىز، شۇڭا يەھيا يەنە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشى كېرەك.

چىمەنگۈل  كەينىدىكى ئەرنىڭ كۆكرىكىنىڭ ئۇنىڭ دۈمبىسىگە چاپلىشىپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدى، يەھيا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ رەنجىرىنى تاقىغاندا، ئۇنىڭ نەپىسى چىمەنگۈلنىڭ بوينى قىچشىتۇرۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئوڭ قۇلىقى ئىختىيارسىز قىزىرىشقا باشلىدى.

يەھيا چىمەنگۈلنىڭ قىزىرىپ كەتكەن قۇلىقىنى كۆرۈپ،  ئىختىيارسىز ئۇنىڭ قۇلىقىغا سۆيۈپ قويدى.

ئۇنىڭ قۇلىقى ئىسسىق، قاشتېشى سوغۇق بولۇپ، لەۋلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا چۈشكەندە، يەھيانىڭ يۈرەك سوقۇشى يەنە تېزلىشىپ كەتتى.

ئۇ كۆزىنى كۆتۈرۈپلا ئالدى تەرەپتىكى ئەينەكتىكى قىزنىڭ جىمجىت، گۈزەل چىرايىنى كۆردى.

بۇ ئون يىلدىن بۇيان، ئۇ ئۇنى قانچە قېتىم چۈشەپ چىقانلىقىنى بىلمەيتتى، يەھيانىڭ كۆزلىرى سەل خىرەلەشتى.

چىمەنگۈل  ئۇنىڭدىن تاقاپ بولغان - بولمىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئاندىن ئېسىگە كېلىپ:

-بولدى، -دېدى.

-خانقىز، بىر يۈرۈش قاشتىشىنى تاقىۋالسىڭىز بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەنسىز!

پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، يەھيا چىمەنگۈلنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

-چىمەن، ھاردىڭىزمۇ؟ تاماق يېگىلى بارامدۇق؟

-مېنىڭ ئۆيگە قايتىپ تاماق يېگۈم بار.

ئۆي؟

يەھيا بۇنى ئاڭلاپ، يۈرىكى قىسىلغاندەك بولدى.

ئۇ جەنۇبى تاغدىكى ئۆي بۇرۇن ئۇنىڭمۇ ئۆيى ئىدى، لېكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس.

ئۇنىڭ ئۆيى يوق.

ئۇنىڭ ئانىسى پەقەت كېچىلىك كۇلۇبنىڭ مەلىكىسى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى مەلىكەم ئاچا دەپ چاقىرشاتتى.

ئۇنىڭ دادىسى، گەرچە ئەينى چاغدىكى يۈزى -ئابرويلۇق ئادەم بولسىمۇ، لېكىن،  تالادىن تاپقان  بۇنداق بالىسى بارلىقىنى ئەزەلدىن بىلمەيتتى.

شۇڭا، ئۇ ئەزەلدىن دادىسىنى رەسمىي كۆرۈپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنى تۇغقان كۈنى كىچىك شىپاخانىدا تۇغۇتى قىيىنلىشىپ ئۆلۈپ كەتكەن.

كېيىن ئۇنى قاسىملار  بېقىۋالغان،  تاكى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن شۇ چاغدا،  ئۇ بۇ يەردىن ئايرىلغان.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章