يولدىن چىققان ئايال 🧡 68-قىسىم (ئەپچىدە 100قىسىم)

文摘   2024-10-21 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم
66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم81-قىسىم
82-قىسىم83-قىسىم84-قىسىم
85-قىسىم86-قىسىم87-قىسىم
88-قىسىم89-قىسىم90-قىسىم
91-قىسىم92-قىسىم93-قىسىم
94-قىسىم95-قىسىم96-قىسىم
97-قىسىم98-قىسىم99-قىسىم
100-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

قوغدىغۇچىنىڭمۇ قورققىنىدىن چىرايى تاتىرىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى 120 گە تېلېفون قىلدى، يەنە بىرى قەيسەرنىڭ يارىسىنى تەكشۈرۈپ، ۋاقىتلىق جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرى ئىشلەتسە بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈردى.

ۋەقە سادىر قىلغان ھېلىقى مەست شوپۇرمۇ قورققىنىدىن مەستلىكى يېشىلىپ، يەرگە يىقىلىپ ئولتۇرۇپ قالدى.

ناھايىتى تېزلا قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كەلدى، گۈلزىرە دوختۇرنى كۆرۈپ، ھاياتلىق ئۈمىدىنى كۆرگەندەك بولۇپ:

-دوختۇر، ئۇنى تېز قۇتقۇزۇۋېلىڭ! ئۇنى چوقۇم قۇتقۇزۇۋېلىڭ!

-يارىدارنىڭ ئاساسلىق يارىسى قورساق قىسمىدا، باش قىسمىدا سوقۇلۇش ئالامىتى يوق ...

دوختۇر تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، سېستىرا بىلەن بىرلىكتە قەيسەرنى ئېھتىيات بىلەن قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئېلىپ چىقتى.

-ئائىلە تاۋاباتلىرى بارمۇ؟-دوختۇر سورىدى.

-بار، مەن شۇ!گۈلزىرە دەرھال بېرىپ، جىددىيلەشكەن ھالدا، -ئۇ قانداقراق؟-دەپ سورىدى.

ئۇنىڭ قەيسەرنىڭ ئەھۋالىنى بەك بىلگۈسى بار، لېكىن جاۋابنى ئاڭلاشتىن تېخىمۇ قورقىدۇ.

-ھازىر ھۆكۈم قىلىش تەس، دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ  ئاندىن دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ، بىراق ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، پەقەت تاشقى يارا، چوڭ چاتاق يوق.

گۈلزىرە بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلى سەل ئارامىغا چۈشتى، ئۇ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا چىقىپ، قەيسەرنىڭ كارىۋىتى يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى،  ئاۋاز چىقماي قالغان ئىدى.

قەيسەر جىمجىت ياتاتتى، دوختۇر ئۇنىڭ يارىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندىمۇ،  پەقەت قاپىقى تۈرۈلدى، لېكىن كۆزىنى ئاچمىدى.

گۈلزىرە تۇنجى قېتىم  قەيسەرنىڭ چىرايىنىڭ بۇنچە تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

قەيسەر يەنە قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالدى، ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاشمىدى.

گۈلزىرەنىڭ يۈرىكى ئاغىرىپ كەتتى،  ئۇ شۇنداق ياخشى تۇرسا، توي مۇراسىمىدا ئۇنىڭغا ئازار بېرىشكە قانداقمۇ كۆزى قىيسۇن؟!

ئۇ قەيسەرنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ، ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قاراپ، كۆڭلىدە ئاستا - ئاستا بىر قارار چىقاردى.

20نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئاخىرى ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى.

گۈلزىرە دوختۇر بىلەن بىللە ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدى، دوختۇر قەيسەرنى ئەكىرىپ كەتكەن چاغدا، پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ، پۇت-قولىدا جان قالمىدى، ئەگەر بىر قوغدىغۇچى تېز كېلىپ ئۇنى يۆلىۋالمىغان بولسا، بەلكىم يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن بولاتتى.

”ئوپېراتسىيە قىلنىۋاتىدۇ“ دېگەن خەت ياندى.

گۈلزىرە ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ سىرتىدا ئولتۇرۇپ، ئىككى تەرەپتىكى ئورۇندۇقنىڭ تۇتقۇچىنى چىڭ تۇتتى، ئالىقىندىن بولسا توختماي سوغۇق تەر چىقاتتى.

ۋاقىت ئاستا-ئاستا ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.

گۈلزىرە ئىزچىل شۇنداق ئولتۇراتتى.

دەل شۇ چاغدا دوختۇرخانا كارىدورىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بىرەيلەن تۇيۇقسىز توختاپ قالدى.

كامال ئەسلىدە مۇنداقلا قاراپ قويغان،  بىراق گۈلزىرە بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

ئۇ ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى.

بىراق، ئۇ ئەمدىلا قەدەم تاشلىشىغا، يېنىدا ئىككى قوغدىغۇچى بارلىقىنى ھېس قىلدى.

ئۇ بۇ يەردە نېمىش قىلىدۇ؟

نېمە ئىش بولدى؟

كامال شۇلارنى ئويلاپ”ئوپېراتسىيە قىلنىۋاتىدۇ“دېگەن سۆزنى كۆردى.

كىم ئوپېراتسىيە قىلنىۋاتىدۇ؟

ئەجەبا قەيسەرمۇ؟

كامال قوشۇمىسىنى تۈردى، قەيسەرگە نېمە بولدى؟

ئۇ شۇ كۈنى قەيسەر ئۆزىگە شۇنچە ئازار بەرگەن بولسىمۇ،  لېكىن ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن يەنىلا سەل ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

بىراق، گۈلزىرەنىڭ چىرايىدىكى ئەندىشە ئىپادىسىنى كۆرگەندە، كامالنىڭ كۆڭلىدىكى ئەندىشە بىردىنلا چۈشكۈنلىششىكە ئايلاندى.

ئۇ، راستىنلا قەيسەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىمۇ؟

ئۇنداقتا، ئەگەر ئۇ كۈنى ئۇ ئوخشاشلا ئېغىر يارىلانغان،  بۈگۈنگە قەدەر تېخى تولۇق ساقايمىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۇ ئۆزىدىن ئازراق بولسىمۇ ئەنسىرەرمىدى؟

كامال گۈلزىرە تىكىلىپ قاراپ، كۆزىنى يۆتكەشكە كۆزى قىيمىدى.

-جانابىلىرى، كېسەلخانىغا قايتايلى!-دېدى بىر ھازادىن كېيىن ياندىكى غوجىدار.

كامال شۇندىلا ئېسىنى تېپىپ، ئويلانغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى.

-بۇ يەرگە بىر ئادەم قارىتىپ قويۇڭلار، سەل تۇرۇپ ئوپېراتسىيە ئۆيىدىكى بىمار چىققاندا،  ئۇنىڭ قايسى كېسەلخانىدا ئىكەنلىكىنى جەزمىلەشتۈرۈڭلار.

-بولىدۇ، -غوجىدار بېشىنى لىڭشىتتى.

يەنە خېلى ئۇزۇن ساقلىغاندىن كېيىن، ”ئوپېراتسىيە قىلنىۋاتىدۇ“دېگەن خەتلىك چىراغ نۇرى ئاخىرى ئۆچتى، گۈلزىرە شۇندىلا قەددىنى رۇسلاپ، ئىچىگە قارىدى.

ئۇنىڭ پۇتى سەل ئۇيۇشۇپ، بىر مەھەل ئورنىدىن تۇرالمىدى.

ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يۈرىكى جىغىلداپ، ياندىكى تامنى يۆلەپ تۇرۇپ، ئاۋازى تىترەپ كەتتى.

-دوختۇر، ئۇ قانداقراق؟

-ئوپېراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، پەقەت تاشقى يارا ئىكەن، شۇڭا چوڭ چاتاق يوق، ئۇ تېزلا ھوشىغا كېلىدۇ.ھازىر كېسەلخانىغا يۆتكىشىمىز كېرەك، لېكىن ئايرىم ياتاق يوق...

گەپ تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يېتىپ كەلگەن غەيرەت ئىسىم كارتىسىنى سۇنۇپ:

-دوختۇر، دوختۇرخانا تەرەپ بىلەن ئالدىن كېلىشىپ قويدۇق، ئايرىم ياتاق ئۆي بار ئىكەن،  ئۇنىڭدىن باشقا، قەيسەر باش دېرىكتورنىڭ يارىلانغان ئىشىنى ھېچكىمگە ئېيتمىسىڭىز!- دېدى.

دوختۇر گۈلزىرەنىڭ كۆزىگە قاراپ، تۇيۇقسىز بىر ئاز تونۇش ھېس قىلدى، خۇددى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىغا چاپلانغان ئېلاندىكى ئايال چولپاندەك، شۇڭا ...

ئۇ دەرھال چۈشىنىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:

-بولىدۇ، ئۇنداقتا دەرھال قەيسەر ئەپەندىنى ئايرىم ياتاققا يۆتكەپ بېرەيلى!

بەش مىنۇتتىن كېيىن، سېستىرا قەيسەرنى ئىتتىرىپ چىقاردى، گۈلزىرە دەرھال ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېسەلخانىغا كىردى.

-بىمارنىڭ يارىسى قورساق قىسمىدا بولغاچقا، بۇ ئۈچ كۈندە يەرگە چۈشۈشكە بولمايدۇ، يىپنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن دوختۇرخانىدىن چىقىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر بىمار ئولتۇرماقچى بولسا، ھەرىكىتى چوقۇم ئاستا بولۇشى، كۈچىمەسلىكى كېرەك، - دېدى سېسترا .

-بولىدۇ.

گۈلزىرە يەنە بەزى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئاندىن دوختۇرنى ئۇزىتىپ قويدى.

قەيسەر يەنىلا جىمجىت ياتاتتى، بىراق قان توختىتىش ئارقىلىق چىرايى خېلى ياخشى بولۇپ قالدى.

گۈلزىرە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ مىدىر-سىدىر قىلمىدى.

يېنىدا  تۇرغان غەيرەت:

-خانىم، بىرەر نەرسە يەمسىز؟-دەپ سورىدى.

گۈلزىرە بېشىنى چايقاپ

:-ھېچقىسى يوق، قورسىقىم ئاچمىدى ، سىز ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدىڭىزمۇ؟

غەيرەت بېشىنى لىڭشىتىپ:

-ھىم، ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم، ئەلدار بايۋەتچە تېخى بىلمەيدۇ، ئەتە دېرىكتور ياخشى بولۇپ قالسا، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىمەن.

-ھەئە، چىمەنگۈلگە ئۆزۈم خەۋەر قىلاي، ــ دېدى گۈلزىرە.

-بولىدۇ، خانىم، مەن ھازىر ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ سىز بىلەن باش دېرىكتورنىڭ كىيىمىنى ئەكەلدۈرۈپ بېرەي.

غەيرەت سىرتقا چىقىپ تېلېفون قىلدى، شۇنىڭ بىلەن كېسەلخانا جىمىپ قالدى، گۈلزىرە قەيسەرنىڭ ئاسما بوتۇلكىسىدىكى سۇيۇقلۇققا قاراپ قويدى، ئاندىن يەنە ئۇنىڭ يۈزىگە قارىدى.

ياتقان تەقدىردىمۇ،  ئۇنىڭ قاش - كۆزى خۇددى سۈرەتتەك نەپىس، كېلىشكەن ئىدى.

ئۇ خۇددى ئازدۇرۇشقا ئۇچرىغاندەك، ئاستا - ئاستا يېقىنلىشىپ، قەيسەرنىڭ مەڭزىگە يېنىك سۆيۈپ قويدى.

قەيسەر مىدىر - سىدىر قىلماي جىمجىت ياتاتتى.

ئەگەر ئادەتتە بولغان بولسا، قەيسەر دەرھال كۆزىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا قاش ئېتىپ:

-جېنىم،  سىز مېنى ئازدۇرۇۋاتامسىز؟-دەيتتى.

بۇلارنى ئويلاپ، گۈلزىرە ئىختىيارسىز كۈلۈپ قويدى، بىراق، بىر دەمدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىنى يەنە ئەندىشە ئالدى.

ئۇ نامسىز بارمىقىدىكى ئۈزۈكنى يېنىك سىلاپ،  چوڭقۇر نەپەس ئالدى.

- قەيسەر، مەن ئەكسىچە سىزنى چېتىۋالارمەنمۇ؟

بۇ چاغدا قەيسەرنىڭ كىرپىكلىرى تىترەپ،  ئاندىن ئاستا - ئاستا كۆزىنى ئاچتى.

ئۇنىڭ نەزىرى گۈلزىرەنىڭ چىرايىغا مەركەزلەشتى، ھۇشىدىن كېتىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىشلار بىردىنلا روشەنلەشتى.

-گۈلزىرە، سىزگە ھېچ ئىش بولمىغاندۇ؟

ئۇ بۇنى ئاڭلاپ گۈلزىرەنىڭ يۈرىكى تىترەپ كەتتى، ئۇ ئويغانغاندا بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سوراۋاتىدۇ.

-قەيسەر، سىز مېنى قۇتقۇزىۋالدىڭىز، ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى.

گۈلزىرە ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ:

-بىلەمسىز، ئەينى چاغدا شۇنداق خەتەرلىك ئىدى، سىز نېمىشقا ...

سۆزلەۋېتىپ، ئۇنىڭ كۆز يېشى ئىختىيارسىز تۆكۈلدى.

-ھېچقىسى يوق، مانا ماڭا ھېچ ئىش بولمىدىغۇ؟-قەيسەر ئوكۇل ئاسمىغان قولىنى كۆتۈرۈپ، گۈلزىرە يېشىنى سۈرتۈپ، -دۆت قوزام، نېمىگە يىغلايسىز؟

ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، گۈلزىرەنىڭ كۆز يېشى تېخىمۇ تۆكۈلۈپ كەتتى.

ئەينى ۋاقتتا، ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئويلانغۇدەك ۋاقتى يوق ئىدى!

ھايات-ماماتلىق پەيىتتە ئۇنىڭ كاللىسىغا پەقەت گۈلزىرەنى قوغداپ قېلىشلا كەلدى.

گۈلزەر قانداقمۇ تەسىرلەنمىسۇن؟

بىراق، گۈلزىرە قەيسەرنىڭ يېشىنى ئېيتىمەن دەپ،  ھېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،  يەنىلا كۆز يېشىنى توختاتتى.

ئۇ كۆزلىرى قىزارغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ:

-مەن سىزگە بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن بەك قورقىمەن.

ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:

-مېنىڭ خوتۇنۇم شۇنداق چىرايلىق تۇرسا، يەنە تېخى ماڭا ئەقىللىق ئوغۇل تۇغۇپ بەردى،  پات ئارىدا توي مۇراسىمىمىزنى ئۆتكۈزىدىغان تۇرساق،  مەن ئايرىلىشقا قانداق چىدايمەن؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، گۈلزىرەنىڭ يۈرىكى قارت قىلىپ كەتتى.

ئۇ ئۇنىڭغا ئېيتماقچى بولدى، لېكىن ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى كۆرۈپ، يەنىلا ئۇ سەل ياخشى بولۇپ قالغاندا ئاندىن دېيىشنى قارار قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭغا قاراپ:

-قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟دوختۇر سۇيۇق تاماقلارنى يېسىڭىز بولىدۇ دەيدۇ، مەن سىزگە شوۋىگۈرۈچ ئېتىپ بېرەي.

قەيسەرنىڭ ئەسلىدە يېگۈسى يوق ئىدى، بىراق گۈلزىرەنىڭ ئېتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، :

-بولىدۇ، بىراق چارچاپ قالماڭ قوزام!-دېدى.

-ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى، ئەمسە ھازىر ئاشخانىغا كىرىپ ئېتىپ چىقاي.

ياردەمچى ئىلگىرى بىر قىسىم كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ قويغان ئىدى، گۈلزىرە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان تېرىق، يەنە باشقا قارا ئاشلىقلارنى كۆرۈپ، گۈرۈچ يۇيۇپ، سۇ قاينىتىپ ئىش باشلىدى.

شۆگۈرۈچنى قاينىتىپ قويغاندىن كېيىن، كارىۋات يېنىغا قايتىپ كېلىپ، قەيسەردىن:

-قەيسەر، يارىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟-دەپ سورىدى.

ئۇ بېشىنى چايقاپ:

-ھېچقىسى يوق، پەقەت تېرەم  سۈرۈلۈپ كېتىپتۇ، ئىچىگە ئۆتمىدى، ئۇ ماشىنا ئىلگىرى سوقۇلۇپ باققان ئىكەن، شۇڭا ئالدىكى بىر ئۇچلۇق نەرسە يارىلاندۇرۇپ قويدى خالاس، ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى.

-كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟

قەيسەر ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

-سىلەر قىزلار كىچىككىنە يېرى كېسلىپ كەتسىمۇ قورقۇپ كېتىسىلەر، شۇڭا بولدى كۆرمەڭ، قورقۇپ كېتسىز.

ئۇ بېشىنى چايقاپ:

-كۆرۈپ باققۇم بار، - دېدى.

گۈلزىرەشۇنداق دېگەچ يوتقاننى ئېچىپ، قەيسەرنىڭ كېسەل كىيىمىنى قايرىدى.

يارا كىندىكنىڭ ئاستىدا بولغاچقا، گۈلزىرەنىڭ مەڭزى قىزىرىپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنى تىنچلاندۇرۇپ،  كۆزلىرى قەيسەرنىڭ يارىسىغا چۈشتى.

ئۈستىگە چاپلانغان داكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15 سانتىمېتىر بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا سۇس قان دېغى بار ئىدى.

بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يۈرىكى ئاغىرىپ كالپۇكىنى چىشلەپ گەپ قىلمىدى.

-جېنىم،  سىز ئېرىڭىزنىڭ مۇھىم يېرىنى باشقا ئاياللارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتامسىز؟-دېدى قەيسەر چاقچاق قىلىپ

-ھە؟-گۈلزىرە ئىككى سېكۇنت ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى ئاندىن ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇ نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟!

گۈلزىرە ئامالسىز قەيسەرغا قاراپ:

-كۆردۈم، بۈگۈن ئوپېراتسىيە ئۆيىدە ئەر دوختۇر ۋە ئەر سېستىرالار بار ئىكەن، شۇڭا...

-سىز كۈنلەپ قالمىسىڭىزلا بولدى!

ئۇ ئۇنىڭ يارسىدىن ئەنسىرىپ ئولتۇرسا،  كۈنلەيدىغان نەدىكى ۋاقتى؟

گۈلزىرە قەيسەرنىڭ يوتقىنىنى يېپىپ قويۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن:

-قەيسەر، مېنى قۇتقۇزىۋالغىنىڭىزغا رەھمەت، -دېدى.

-سىز نېمانداق دۆت، سىزنى قۇتقۇزماي باشقا ئايالنى قۇتقۇزسام بولامتى ؟-قەيسەر گۈلزىرەنىڭ يۈزىنى چىمداپ قويدى.

-مەن بېرىپ شوۋىگۈرۈچكە قاراپ باقاي، -گۈلزىرە شۇنداق دېگەچ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاشخانىغا قاراپ يۈگۈردى.

قەيسەر ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە كۈلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ كىچىك ئايالى يەنە خىجىل بولۇپ كەتكەندەك قىلىدۇ؟

قەيسەرنىڭ بەدەن ساپاسى ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپ، يارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن روھىي ھالىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى.

شوۋىگۇرۇچنى قاينىتىپ بولغاندىمۇ، ئۇ يەنىلا ناھايىتى روھلۇق ئولتۇراتتى.

گۈلزىرە بىر قاچا ئۇسۇپ كېلىپ، قەيسەرگە قاراپ:

-يەنە ئازراق قىززىق ئىكەن، سەل تۇرۇپ يېگۈزۈپ قوياي، -دېدى.

ئۇ خۇشال ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى، كۆڭلىدە ئەسلىدە يەنە مۇشۇنداق مۇلازىمەتمۇ بارمۇ؟دەپ ئويلىدى.

-گۈلزىرە،  سىزمۇ كەچلىك تاماق يېمىدىڭىز، ئاۋۋال ئۆزىڭىز يەپ بولۇپ ئاندىن ماڭا يېگۈزۈپ قويۇڭ!

ئۇ ئۇنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، بېشىنى لىڭشىتىپ، يەنە بىر قاچا ئۇسسۇپ بىر تەرەپتىن پۈۋلەپ بىر تەرەپتىن يېدى.

قەيسەر كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ، گۈلزىرەنىڭ تاماق يېگىنىنى كۆرۈشنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

گۈلزەرە تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كارىۋىتى يېنىغا كېلىپ، كارۋىتىنى سەل كۆتۈرۈپ، شۆگۈرۈچىنى ئېلىپ كېلىپ، كارۋات يېنىدا ئولتۇردى.

ئۇ بىر قوشۇق ئېلىپ، كالپۇكىنىڭ يېنىدا قىزىقلىقىنى سىناپ بېقىپ، ئاندىن سۇندى.

-تېتىپ بېقىڭ، تەمى بوپتىمۇ؟

قەيسەر گۈلزىرەنىڭ قولىنى تۇتۇپ تېتىپ باقتى، كۆزىدىن خۇشاللىق نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى.

-بەك ئوخشاپتۇ.

پەقەت ئۇ قىلغان بولسىلا ، ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەرمۇ، يەنىلا مەززىلىك تېتىيدۇ.

ئۆينىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى ئىدى،  ھەتتا تەكشۈرۈشكە كەلگەن سېستىرالارمۇ ئىختىيارسىز قەدىمىنى ئاستىلاتتى.

بۇ چاغدا كامال قەيسەرنىڭ كېسەلخانا نومۇرىنى بىلىپ،  ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى.

سېستىرا ئۇنى كۆرۈپ گەپ قىلماقچى بولغاندا، ئۇ گەپ قىلماسلىقىنى ئىشارەت قىلىپ، ئۆي ئىچىگە قارىدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章