كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
يەھيا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشتى، لېكىن ئۇ يەنىلا سوغۇق مۇئامىلە بىلەن ئۆزىنىڭ يۈرىكىنى يوشۇرۇشقا ئادەتلەنگەن.
-چىمەنگۈل، قايسى يۈزىڭىز بىلەن بۇ گەپنى قىلۋاتىسىز!
-ئەينى چاغدا ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە ياتقۇزۇپ، دوختۇر بەدىنىمدىن مەجبۇرىي ئېلىۋەتكەن ھاياتلىق بىلەن!
چىمەنگۈل ئۇنىڭغا قارىدى، كۆزلىرىدىن ئۆچمەنلىك چىقىپ تۇراتتى.
-يەھيا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟
ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ چىمەنگۈلنىڭ باشقىلارغا دېگەن گېپىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىدى.
چىمەنگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ پەقەت ئۇنى ئەخمەق قىلىۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ دوختۇرخاندىن چىقىپ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىدىكەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھامىلدار ئەمەسكەن، ھامىلدار بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى ئۇ ئوغرلىقچە ئاڭلاپ ، قاتتىق ئازابلاندى ، ئاندىن ئۇ ئىككى كۈن يوقاپ كەتتى ، قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، دەرۋەقە ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇ دەقىقىدە، ئۇ پەقەت يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە پىچاق تىقىۋەتكەندەك ھېس قىلدى، شۇڭا ئەمدىلا ئوپېراتسىيە قىلىپ بولۇپ كۆزىنى ئاچماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭغا”چۈشۈرۋەت! “ دېدى.
ئۇ چىمەنگۈلنىڭ سىرتتا توختىماي ئىشىك قاققانلىقىنى ئاڭلىدى ، ئەمما ئۇ ئىشىكنى ئاچمىدى.
بىراق، ئۇ ھېچقانداق دوختۇرغا بالىنى ئېلۋېتىش توغرسىدا گەپ قىلمىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئادەممۇ بولمىسا ئۇنى مەجبۇرلىغۇدەك نېمىسى بار؟
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، يەھيا قولىنى سوزۇپ چىمەنگۈلنىڭ مۈرىسىنى بېسىپ تۇرۇپ:
-ئېنىق دەڭە، مەجبۇرىي چۈشۈرۋەتكەن دېگەن نېمە دېگەن گەپ.
چىمەنگۈل شۇ ھامان ئۇنى ئىتتىرىپ، ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدى.
-يەھيا، يوقىلىڭ!كۆزۈمدىن يوقىلىڭ! بالنى تىلغا ئېلىشقا سالاھيىتىڭىز توشمايدۇ!سىز مەن كۆرگەن ئەڭ يىرگىنىشلىك ئەر!
يەھيانى چىمەنگۈلنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن، ئۇ كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ كەتتى.
-ئۇ بالىنىڭ ئىشى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
-توغرا، سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، چۈنكى، ئۇ مەن بىلەن مەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ بالىسى!
چىمەنگۈل مۇزدەك سوغۇق كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى.
ئۇنىڭ كۆزى قارىغۇ بولۇپ قاپتۇ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئون يىل بۇرۇنقى ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن.
يەھيا چىمەنگۈلنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ:
-يەنە بىر دېگىنە!
گەرچە بۇنداق ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان، ئۇنىڭ يۈرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ئاغرىدى!
-يەھيا، سىز مېنى ياخشى كۆرمەيسىز، مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئون يىل بۇرۇنقى ئاشۇ ئىشلاردىن كۆڭلۈم پۈتۈنلەي سوۋۇپ بولغان، -چىمەنگۈل بولسا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، -بىز مۇشۇ يەردە توختاپ قالايلى، بۇنىڭدىن كېيىن مەندە ئۆچمەنلىكمۇ قالمايدۇ!-دېدى.
يەھيانىڭ يۈرىكى جىغىلداپ كەتتى، ئۇنىڭ بالىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكى بىلەن كارى يوق، ئۇ چىمەنگۈلنىڭ مۈرىسىنى چىڭ تۇتۇپ:
-مۇمكىن ئەمەس!سىز چوقۇم مەن بىلەن توي قىلىشىڭىز كېرەك، بىر - بىرىمىزدىن بىزار بولغان تەقدىردىمۇ، بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشىمىز كېرەك!
-مۇمكىن ئەمەس!
- سىن كۆرۈنۈشىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ!
يەھيا ئۆزىنى بەك رەزىل ھېس قىلدى، لېكىن يەنىلا مۇشۇنداق تەھدىت سالدى.
-بەك نومۇسسىز ئىكەنسەن!
ئۇ ئۇنى ئىتتىردى، ئىتتىرەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن پۇتىنى كۆتۈرۈپ قالايمىقان تەپتى.
تۇيۇقسىز، يەھيا ئۇنى قويۇپ بېرىپ، يەرگە يىقلىدى.
چىمەنگۈل بايا تەپكەن جاينىڭ ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان جاي ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
شۇنچە يىل بولدى، تېخى ياخشى بولمىدىمۇ؟
ئۇ ئۇنىڭغا سوغۇققىنە قارىدى.
يەھيا پۇتىنى چىڭ تۇتۇۋالدى، ئاغرىق سەۋەبىدىن پېشانىسىدىن بىر قەۋەت تەر تامچىلىرى تەپچىرەپ چىقتى، لېكىن ئۇ يەنىلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ، ئېنىق قىلىپ:
-سىز چوقۇم ماڭا ياتلىق بولۇشىڭىز كېرەك!چېكىنىش يولى يوق!
بىر ھازادىن كېيىن، تاكى يەھيانىڭ ئاغرىقى بارا - بارا قويۇپ بەردى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشىغا، ئالدىدىكى چىمەنگۈل ئېغىز ئاچتى.
ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
-بولىدۇ، بىراق شۇ كۈنى سىز چوقۇم كۆرۈنمە چاستوتىنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىشىڭىز كېرەك.بولمىسا، مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىم مۇمكىن!
ئۇنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ، زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيتتى، كۆزلىرى بىردىنلا قىزىرىپ كەتتى.
-بولىدۇ، مەن سىزگە ماقۇل بولاي.
چىمەنگۈل ئۇنىڭدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، بۇرۇلۇپ بىنادىن چۈشتى.
يەردە ياتقان يەھيا ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى.
...
بۈگۈن گۈلزىرەنىڭ دادىسى خالمۇراتنىڭ ئىككىنچى قېتىم ھوشىغا كېلىشى.
بۇ قېتىم بۇرۇنقىدىن روھلۇق بولۇپ، گەپ قىلالايدىغان بولدى.
غەيرەت قەيسەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دوختۇرخانىغا كەلدى.
ئۇ ئېكرانلىق پاراڭلىششىنى ئېچىپ، خالمۇراتقا توغرىلىدى.
گۈلزىرە ئېكرانغا قاراپ، يۈرىكى قاتتىق تىترەپ كەتتى:
-دادا؟دادا، گېپىمنى ئاڭلىيالىدىڭىزمۇ؟
خالمۇرات ئاستا - ئاستا نەزىرىنى ئېكرانغا قاراتتى، گۈلزىرەنى كۆرگەندە، كۆزلىرىدىن تۇيۇقسىز نۇر چاقنىدى.
ئۇنىڭ كالپۇكى مىدىرلىدى، بىر ھازادىن كېيىن، يىغلىغان ھالدا:
-گۈل...
-دادا، قانداقراق تۇرسىز؟-گۈلزىرە كۆزلىرى قىزارغان ھالدا، -ئاپامچۇ؟ئاپامنىڭ نەدىلىكىنى بىلەمسىز؟-دېدى.
-مەن ناھايىتى ياخشى، ئەنسىرىمەڭ بالام.
خالمۇراتنىڭ بارماقلىرى مىدىرلىدى، يەنە بىر نەچچە سېكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ بېشىنى چايقىدى.
-لېكىن ئاپىڭىزنى بىلمەيمەن ...
بۇ چاغدا غەيرەت ئۇنى يۆلەپ، سۇ ئىچكۈزدى، خالمۇراتنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئاۋازىمۇ ئاستا ـ ئاستا روشەنلەشتى.
-ئۇلار مېنى ئاپىڭىز بىلەن ئايرىپ سولاپ قويدى، مەنمۇ ئۇنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولدى.لېكىن، بىز يەر ئاستى ئۆيىگە سولانغان ئىدۇق، قۇياش نۇرى يوق، شۇڭا ۋاقىتنى بىلمەيمەن.گۈلزىرە، ھازىر قايسى يىل قايسى ئاي؟
گۈلزىرە دادىسىنىڭ يىل ، ئاينىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى.
-دادا، ھازىر 2017-يىلى 11-ئاي ...
-2017...-خالمۇرات ھاڭ - تاڭ قالغان ھالدا، -توققۇز يىل بوپتۇ، -دېدى.
گۈلزىرەنىڭ ئازابتىن نەپىسى قىسلىپ كەتتى.
-دادا، ئۇلار سىلەرنى توققۇز يىل قاماپ قويدىمۇ؟!
زادى كىم؟!
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى غەزەپتىن ئوت بولۇپ ياندى.
-مەنمۇ بىلمەيمەن، پەقەت ھەر بىر ئىككى يىلدا بىر ئايال كېلىپ كۆزدىن كەچۈرىدۇ، ھەر قېتىم گەپ قىلغاندا ئاۋازى ئوخشىمايدۇ، ئاۋاز ئۆزگەرتكۈچ ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
ئايال كىشى؟
گۈلزىرە گاڭگىراپ قالغان ھالدا:
-قانچە ياش ئەتراپىدا، تەقى ـ تۇرقى قانداق؟
-بىلمەيمەن، چۈنكى ھەر قېتىم كەلگەندە، بىز ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ باقمىدۇق، پەقەت ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ ئاۋازىنىلا ئاڭلىيالايمىز.
-باشتىن - ئاخىر كىمنىڭ سىلەرنى سولاپ قويغانلىقىنى بىلىپ باقمىدىڭلارمۇ؟-دەپ سورىدى گۈلزىرە قاپىقىنى تۈرۈپ.
-ياق، -خالمۇرات يېنىك ئۇھسىنغان ھالدا، -نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاپىڭىز ئىككىمىز بىللە سولانغان ئىدۇق، يېقىندا ئايرىلىپ كەتتۇق، بولمسا بىز بەلكىم ئاللىقاچان تەنھالىق ۋە خامۇشلۇق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتۇق.گۈلزىرە، يېنىڭىزدىكى ئادەم كىم؟ئۇ مېنى قۇتقۇزىۋالدىمۇ؟
-شۇنداق، -گۈلزىرە قەيسەرنى تونۇشتۇرۇپ، -دادا، ئۇ مېنىڭ توي قىلماقچى بولغان ئادىمىم قەيسەر، بىز كېلەر ئايدا تۇغۇلغان كۈنۈمدە توي قىلماقچى.ئۇ سىزنى قۇتقۇزۇپ چىقتى، يېنىڭىزدىكى غەيرەت ئەپەندى ئۇنىڭ دوستى.
-قەيسەر؟-خالمۇرات قەيسەرگە سىنچىلاپ قاراپ، -سىز قاھارنىڭ ئوغلىمۇ؟
قەيسەر بېشىنى لىڭشىتىپ:
-شۇنداق تاغا، مەن قاھارنىڭ ئوغلى قەيسەر، مومامدىن ئاڭلىشىمچە، گۈلزىرە ئىككىمىزنىڭ كىچىمىزدىلا تويىمىز بىكتىلىپ بوپتىكەن.
-قەيسەر ...كىچىك ۋاقتىڭىزدا مەن سىزنى كۆرگەن.
خالمۇراتنىڭ چىرايلىرىدا خۇشاللىق ئەكىس ئەتتى.
-گۈلزىرەنى سىزگە تاپشۇردۇم! ئۇ كىچىكىدىنلا ئالمىشىپ قالغان، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ ئەمدىلا ئىككى ئاي بولغاندا، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلدۇق، ئەسلىدە قېچىپ كېتەلەيمىز دەپ ئويلىغان، لېكىن يەنىلا ...
-تاغا، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن گۈلزىرەنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن، سالامەتلىكىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ، باشقا ئىشلاردىن ئەنسىرىمەڭ، ھاممامنىمۇ مەن چوقۇم قۇتقۇزۇپ چىقىمەن.
-رەھمەت سىزگە ...
خالمۇرات سۆزلەۋېتىپ، بارا - بارا روھسىزلىنىپ كەتتى.
غەيرەت بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنى يۆلەپ ياتقۇزۇپ قويدى، ئاندىن يان تېلېفونىنى ئېلىپ قەيسەرغا قاراپ:
-باش دېرىكتور، خاتىرجەم بولۇڭ، خالمۇرات تاغامنىڭ ئەھۋالى ئاستا ـ ئاستا ياخشىلىنىۋاتىدۇ.دوختۇرخانا تەرەپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن تېببىي خادىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئايروپىلان بىلەن يۇرتقا قايتىپ داۋالانسا بولدىغانلىقىنى ئېيتتى.
-بولىدۇ، بۇ بىر نەچچە كۈندە جاپا چەكتىڭ، ئادەم قۇتقۇزۇپ كېلىنگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، -دېدى.
ــ بولىدۇ، باش دېرىكتور، خاتىرجەم بولۇڭ!
گەرچە گۈلزىرەنىڭ ئاپىسى يەنىلا ئۇلارنىڭ قولىدا بولسىمۇ، پايدىلىنىش قىممىتى بولغاچقا ئۇنىڭغا ئاسانلىقچە چېقىلمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
بۇلارنى ئويلاپ گۈلزىرەنىڭ كۆڭلىمۇ خېلى جايىغا چۈشۈپ قالدى.
بۇ بىر نەچچە كۈن كۈندە دادىسى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇردى.
قەيسەر بۈگۈن سائەت 10دا گۈلزىرەنى مىكروبىلوگغا قاراشقا بۇيرۇدى.
-نېمىشقا چوقۇم 10دا قارايمەن، -گۈلزىرە گاڭگىراپ قالدى.
-تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېنى ئون مىنۇت سۆيسىڭىز، دەپ بېرىمەن!
گۈلزىرە ۋاقىتقا قاراپ قويدى، شۇ تاپتا سائەت توققۇزدىن 40 مىنۇت ئۆتتى.
ئۇ بېرىپ قەيسەر لېۋىگە ئاز ـ ئازدىن يېقىنلاشتى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆزىنى يۇمغان چاغدا، ئۇ ئوغرىلىقچە كۈلۈپ قويدى.
-سۆيۈش بەك ئاۋۋارچلىقكەن، ھېچ ئىش قىلماي، ئون مىنۇت ئارتۇق ساقىلىساملا، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلەلەيمەن!
قەيسەر كۆزىنى ئېچىپ، كۆز ئالدىدىكى ئايالغا قاراپ:
-مېنى ئەخمەق قىلىشقا پېتىندىڭىزمۇ؟!
گۈلزىرە كۆزىنى چىمىلدىتىپ:
-مەن پەقەت سىزگە گەپ قىلغىلى كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرتىڭىزگە قوشۇلدۇم دېمىدىمغۇ؟!
-ئەسلىدە مەن بۈگۈن قورسىقىمدىكى يارىنىڭ يىپنى ئالدۇرغاندىكىن، يەنە بىر كۈن دەم ئالاي دېگەنىدىم.لېكىن، ئىپادىڭىزدىن قارىغاندا، مۇكاپات بىلەن جازا ئېنىق بولمىغىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ، ئائىلىمىزنىڭ قائىدىسىنى ئۇنتۇپ قاپسىز.
-ئائىلمىزنىڭ قائىدىسى؟
گۈلزىرە خەتەرنى ھېس قىلىپ، قېچىپ كەتمەكچى بولدى.
قەيسەر قولىنى سوزۇپ، ئۇنىڭ بېلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
-ئائىلە قائىدىسىنىڭ بىرىنچى ماددىسى:تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېرىنى سۆيمەسلىك، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېرىگە قاراپ كۈلمەسلىك، ئەگەر قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا، بىر قېتىم ئەڭ...يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىش جازاسى بېرىش.
گۈلزىرەنىڭ بەدىنى تىترەپ كەتتى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
-ئائىلە قائىدىسىنىڭ ئىككىنچى ماددىسى، قەستەن ئېرىنى ئەخمەق قىلماسلىق، قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا، ئىككى قېتىم ئەڭ...يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشش جازاسى بېرىش.
-بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
ئېلان قىلىشتىن بۇرۇنقىسى بولسا مەيلى!شۇڭا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىسى ھېساب ئەمەس، -دەپ خۇشامەت قىلغىنچە كۈلۈپ قويدى گۈلزىرە.
-بوپتۇ، بۇرۇنقىسى ھېساب ئەمەس، بىراق، يەنە مۇكاپاتمۇ بار! خوتۇنى بەك چىرايلىق بولغاچقا، ئېرى خوتۇنىغا ئىككى قېتىم ئەڭ...يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشش مۇكاپاتى بەرسە بولىدۇ، كەچتە بىر قېتىم، كۈندۈزى بىر قېتىم...
گۈلزىرە كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويۇپ، ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماي:
-قارشى چىقسام بولامدۇ؟
قەيسەر بېشىنى چايقاپ:
-بولمايدۇ، چۈنكى مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تۈزۈلمىسىدە ئېرىنىڭ دېگىنى ھېساب!خوتۇنى پەقەت قېتىم سانىغا قارىتا پىكىر بەرسە بولىدۇ، لېكىن ئېرىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بار!
گۈلزىرە...
قەيسەر ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ قويۇپ:
-شۇنداق چىرايلىق، ئوماق چوڭ بوپسىز، شۇڭا، قوزام، مەن ئائىلە قائىدىسى بويىچە سىزنى ئىككى قېتىم مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدىم، ھازىرلا مۇكاپات تارقىتىمىز!
ئۇ شۇنداق دەپ، ئېتىلىپ كەلدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇