بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 61-قىسىم (ئەپچىدە 84قىسىم)

文摘   2024-10-22 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم81-قىسىم
82-قىسىم83-قىسىم84-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

تۇيۇقسىز تېلىفونۇم سايرىدى. يولدىشىمنىڭ نومۇرى ئىدى.

- ۋەي، سىز قەيەردە؟

- شىركەتكە كەلگەن.. ئىشلەۋاتىمەن..

- ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆيگە قايتىڭ.. تاكسى توسۇڭ..

- نېمىش بولدى؟ سىزچۇ؟

- مەنمۇ قايتىۋاتىمەن.. سىزگە يول ئوڭ ئەمەس.. مەندىن بالدۇر بارغاچ تۇرمىسىڭىز بولمايدۇ..

- ئۆيدە زادى كىم بار؟

- بۇرۇنقى ئايالىم كەپتۇ..

بۇ گەپنى ئاڭلاپ يانفوننى تۇتقانچە تۇرۇپ قالدىم.

- نېمىش بولدى؟ تېخىمۇ جىدديلىشىپ كەتتىڭىزغۇ؟!

- يولدىشىم تېلىفون ئۇرۇپتۇ.. مېنى ئۆيگە قايتىڭ دەيدۇ..

- ئۆزى ئالغىلى كەلمەمدىكەن..

- ئۇ يىراق يەردىن مېڭىپتۇ.. قايسىمىز بالدۇر بارساق بارغاچ تۇرايلى دەيدۇ.. بۇرۇنقى ئايالى كەپتۇ..

- بۇ قانداق گەپ؟~ نېمىشقا بۇرۇنقى ئايالىدا ئاچقۇچ بولىدۇ..

- مەنمۇ بىلمەيمەن ھەدە.. كاللام قالايمىقانلىشىپ كەتتى.. مەن ماڭغاچ تۇراي.. قالغان گەپنى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بولغاندىن كېيىن دەپ بېرەي..

ئالدىراپ لېفىتتىن چۈشۈپ يولنىڭ قىرىغا ئۆتتۈم. قانداقلا ئويلىسام بۇ ئىش غەلىتە ئىدى. قائىدە بويىچە يولدىشىم ئاچقۇچنى بۇرۇنقى ئايالىغا بەرمەسلىكى، مۇخپىر تۇرمۇشىمىزغا ئارلاشماسلىقى كېرەك ئىدى. لېكىن يەنىلا ھېچنېمە دېيەلمەيتتىم.

 داچىغا كېلىپ دەرۋازىنىڭ ئوچۇق تۇرغىنىنى كۆردۈم. ئۆي ئىچىگە كىرىپ قالايمىقان تۇرغان ئۈستەلنى بويلاپ ھۇجرىغا كىردىم. كىيىملەر كارىۋاتقا تاشلانغان بولۇپ مۇخپىر ئىشكاپ ئالدىدا تۇراتتى.

- نېمىش قىلىۋاتىسىز؟ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە خالىغانچە كىرگىنىڭىز نېمىسى..

- ھاھا.. كىمنىڭ ئۆيىگە؟ بۇ دېگەن مېنىڭ ئۆيۈم.. مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىۋالغان سىزغۇ..

- مەن يولدىشىم بىلەن قانۇنلۇق توي قىلدىم.. بۇ ئۆيدە تۇرۇش ھوقۇقۇم بار.. سىز باشقىلار بىلەن توي قىلىپ يەنە بۇ ئۆيدە نېمە قىلىسىز؟

- ھاھا.. قىزىق گەپ.. راستىنلا قىزىق گەپ.. خىيالىدىڭىزدا مېنىڭ بۇرۇنقى يولدىشىمغا تەگسەملا ئۆچۈمنى ئالىمەن دەپ ئويلاپسىزدە..

- مەن ھېچكىمدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلىمىدىم.. ئۇنىڭ بىلەن بىز مۇھەببەتلىشىپ توي قىلدۇق.. سىلەردەك ئەسكى ئادەملەرنى دۇنيا جازالايدۇ.. مېنىڭ ئۆچ ئېلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق..

- ئەسكى ئادەم؟ ھاھا.. بوپتۇ نېمە دېسىڭىز دەڭ.. .مەن سىلەر ئاجراشقاندىن كېيىن كېلىن بولۇپ كىردىم..

- مەن ئاجرىشىشتىن بۇرۇنلا سىلەرنىڭ ئىشىڭلار بار ئىدى.. يەنە كېلىپ سىز توي قىلغان ئايال تۇرۇپ يولدىشىمنى ئازدۇردىڭىز..

- قانداق قىلىمىز، مەن ياش ھەم چىرايلىق بولغاچقا.. يولدىشىڭىز سىزنى تاشلاپ مېنى تاللىدى.. سىزدە بىر ئاز گۈزەللىك بولغان بولسا ئۇ ماڭا قارىمىغان بولاتتى.. كىم سىزنىڭ ھەم ئىقتىدارسىز، ھەم قېرى بولسۇن دەيدۇ..

بۇ گەپ يۈرىكىمنى يېرىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى.

- كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ.. سىزمۇ قېرىيسىز.. ئالدىرىماي تۇرۇڭ، ئەركىشىنىڭ قانداقلىقىنى چۈشەنمەيدىكەنسىز..

- ماڭا ئىش ئۆگىتىمەن دېمەڭ.. سىزدەك مەغلۇبىيەتچى ئاياللارنىڭ ماڭا ئىش ئۆگىتىشكە سالاھىتى توشمايدۇ..

 مۇخپىر ئۇخلاش كىيىمنى تۇتتى.

- ماۋۇ كىيىمنى كەيگەندەك تۇرىسىز.. .ھاھا.. سىز مەندىن ئاشقاننى كىيىشكىلا لايىق..

- سىزمۇ مەندىن ئاشقاننى كىيىۋاتىسىزغۇ..

مۇخپىر ماڭا سەت قارىدى.

- قانداقلا بولسا يولدىشىم ئاۋال مەن بىلەن توي قىلغان.. سىز مەڭگۈ توقال خالاس..

بۇ ھاياتىمدىكى قاتتىق قىلغان تۇنجى سۆزۈم ئىدى. مۇخپىر قىز كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىدى.

- بەك يوغىناپ كەتمە.. خىيالىڭدا بۇ ئۆيگە كىرىپلا ئۆينىڭ ئىگىسى بولدۇم دەپ ئويلىما.. چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدە يەنىلا مەن بار..

- سەن زادى نېمىش قىلماقچى؟ ھەر ئىككى ئەرگە ئېرىشىمەن دېمەكچىما؟

- ياق، ئۇلار ئىككىلىسى مېنى ياخشى كۆرىدۇ.. مەن مەيلى قاياققىلا ئېغىشاي.. يىقىلىپ چۈشمەيمەن.. لېكىن سەن قاياققىلا يىقىلساڭ يۆلەيدىغان ئادەم يوق..

- يولدىشىم مېنى ياخشى كۆرىدۇ.. ئۇ سەندىن نەپرەتلىنىدۇ..

- ھاھا.. سېنى ياخشى كۆرگىنىنىڭ نېمە پايدىسى.. ئۇنىڭ ھازىر پۇلى يوق.. سېنىمۇ بىكارغا ئالدىغۇ دەيمەن.. مېنى يولدىشىم 100مىڭ تويلۇق بىلەن ئالدى.. چوڭ توي قىلىپ بەردى.. مانا بۇ بىزنىڭ پەرقىمىز.. سەن ھېچكىمنىڭ ئالدىدا پۇلغا يارىمايسەن..

- مەن سەندەك ئەركىشىنىڭ پۇلىنى دەپلا ياشىمايمەن.. .ماڭا ئۇنىڭ مۇھەببىتى بولسىلا بولدى..

- ھاھا.. .بۇ بەكلا قىزىق گەپ بولدى.. بۇرۇنقى يولدىشىڭدىن قەرز ئېلىپ ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرگىنىڭ ئېسىڭدە يوقكەندە.. مېنى بىلمەيدۇ دېمە..

- ئۇ شۇنداق بىر ھادىسە.. يەنە كېلىپ بۇ پۇلنى مەن ئالمىغان..

- بىلىمەن. داداڭ دېگەن قەلەندەر ئالغانكەن.. شۇ دادا سېنىڭدۇ.. ئۇ سەندەك بىر قەلەندەرنى ئېلىپ زىيان تارتىپ زىرىكىپ كەتكەچكە مېنى ئالدى..

ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلايتتىم، لېكىن باشقىلار دادامنى تىلغا ئالغاندا مۇشۇنداق تىلى كېسىك ھالەتكە چۈشۈپ قالاتتىم.

- ئۇ يولدىشىڭ بىلەن ياخشى ياشاۋاتقان ئادەم نېمىشقا بۇ ئۆيگە كېلىسەن؟

- ئەپ كېتىدىغان نەرسىلىرىم بار.. شۇڭا كەلدىم..

- ئالىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ دەرھال يوقال.. بۇ ئۆي سېنى قارشى ئالمايدۇ..

- ھاھا.. تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ دېگەن شۇ.. بۇ ئۆينىڭ يېرىم ھوقۇقى مەندە.. ئويلاپ باقمىغان بولغۇيتتۇڭ.. شۇڭا خالىغاندا كېلىمەن.. خالىغاندا كېتىمەن.. سەن مېنى باشقۇرالمايسەن..

بۇ جۈملىنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.

- شۇڭا ساڭا دەيمەنغۇ.. سەن مەڭگۈ ماڭا تەڭ بولالمايسەن.. سېنىڭ ماڭا گەپ قىلىش ھوقۇقۇڭمۇ يوق.. بۇرۇنقى يولدىشىڭ مېنى ياخشى كۆرىدۇ.. ھازىرقى يولدىشىڭمۇ مېنىڭ ئىلكىمدە.. ئۇنىڭ بۇ ئۆيىدىن باشقا بايلىقى قالمىدى.. لېكىن بۇ بايلىقتىمۇ سېنىڭ ھەققىڭ يوق.. ھاھا..

مۇخپىر سومكىغا نەرسىلەرنى قاچىلاپ چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ كۈلكە ئاۋازى تاكى دەرۋازىدىن چىقىپ كەتكۈچە ئېنىق ئاڭلىنىپ، يۈرىكىمگە پىچاق بولۇپ تېگىۋاتاتتى.

 يۈرىكىمنى تۇتقانچە ئولتۇرۇپ قالدىم. قائىدە بويىچە بۇ ئۆينىڭ ئىشىغا ئارلاشماسلىقىم كېرەك ئىدى. لېكىن بۇنداق بولىشىغا چىدىيالمايۋاتاتتىم. ھېچقانداق يەردە ھوقۇقى يوق ئۆزۈمگە ئىچىم ئاغرىيتتى.

بىر ھازادىن كېيىن يولدىشىم ئالدىراپ كىردى.

- دەرۋازا، ئىشىك شۇ پېتى تۇرۇپتۇ.. نېمىشقا تاقىۋەتمىدىڭىز..

ئۇنىڭغا ئاستا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم.

- سىزچە نېمىشقا شۇنداق ئوچۇق تۇرغاندۇ؟!

- ئۇ كەتكەندىن كېيىن تاقىۋەتسىڭىز بولاتتى..

- نېمە پايدىسى.. بۇ ئىككىڭلارغا ئورتاق ئۆي تۇرسا، ئۇ ئاچقان ئىشىكنى مەن تاقىيالايتتىممۇ..

- بۇ..

يولدىشىم ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپ قالدى.

- ئۇنىڭدا نېمىشقا بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچى بار.. سىلەر ئاجرىشىپ كېتىپمۇ نېمىشقا ئاچقۇنى ئېلىۋالمايسىز.. ياكى قۇلۇپنى ئالماشتۇرىۋەتمەيسىز..

- چۈنكى ئۇنىڭ ئالىدىغان نەرسىلىرى بار ئىدى.. كېلىمەن دېگەن.. شۇڭا..

- سىلەر ئاجرىشىپ شۇنچە ۋاقىت ئۆتتىغۇ.. نېمىشقا ئەمدى كېلىدۇ..

- سىز نېمە دېمەكچى؟ ئەمدى ئالماشتۇرساممۇ بولىدىغۇ..

- راست گەپ قىلىڭە.. ئۇنى يەنە ياخشى كۆرەمسىز؟

- نېمىشقا مۇشۇ گەپنى توختىماي سورايسىز.. ياخشى كۆرسەم كۆرمىسەم ئۇ بەرىبىر باشقىلارنىڭ ئۆيىدە.. بۇ مۇھىممۇ؟!

- مۇھىم.. ئەگەر ئۇنى ئۇنتىمىغان بولسىڭىز، مەن نېمىگە تەڭ.. مەن ھازىر سىزنىڭ ئايالىڭىز.. بۇ ئۆيگە خالىغان ئادەم كىرىپ چىقسا مەن قانداق خاتىرجەم تۇرىمەن..

- بىز ئەسلىمۇ قارشى تەرەپكە بىر ئاز ۋاقىت بېرىمىز دېيىشكەن.. سەل ئېشىپ كېتىۋاتىسىز..

- بولىدۇ.. مەن ۋاقىت بېرەي.. لېكىن قۇلۇبنى ئالماشتۇرىۋېتىڭ..

- ئۇنىڭدىن سوراپ باقاي.. ئالىدىغان نەرسىلىرى تۈگىدىمىكىن..

- بۇ قانداق گەپ؟! يەنە ئۇنىڭدىن سورامسىز؟

- نېمە بولدى؟ نېمىشقا بۇ ئىشقا كىرىشىپ قالىسىز؟

- ئەجەبا مەن توي قىلغان ئۆيگە كىرگەن ئادەم توغرىلىق سوراشمۇ ھوقۇقۇم يوقمۇ؟

- ئۇ بۇرۇن بۇ ئۆيدە تۇرغان.. بەزى نەرسىلەرنى ئەپ كېتىشى كېرەك.. قۇلۇبنى ئالماشتۇرىۋەتسەم كېلىدىغان ۋاقىتتا يەنە بىزنى ئاۋارە قىلىدۇ..

- ھاھا.. قىزىق گەپ.. ئۇ قولىدا ئاچقۇچ تۇرۇپمۇ يەنە بىزنى ئاۋارە قىلدىغۇ.. ئۇنداق ئادەم مېنى كېلىڭ دېمىسىڭىز بولمامدۇ..

- بولدى، بۇ گەپنى قايتا تەگەشمەيلى.. بويىڭىزدا بار، كېسىلمەڭ.. ئۇ نەرسىسىنى ئەپ بولغان بولسا مەن قۇلۇپنى ئالماشتۇرىۋېتىمەن.. بۇ بەك كىچىك ئىش..

- ئۇ بۇ ئۆينىڭ يېرىم ھوقۇقى مەندە دەيدۇ..

- شۇنداق..

- ئۇنىڭغا ئۆي ئەپ بەردىم دېگەنتىڭىزغۇ..

- ئەپ بەرگەن.. ئۇ بۇ ئۆيگىمۇ ئۆزىنىڭ نامىنى قوشىۋالغان..

ئۇنىڭغا قاخشاشنى ئويلاۋاتاتتىم، لېكىن بويۇمدىكى بالىنىڭ ئۇنىڭ ئەمەسلىكىنى، بۇ ئۆيگە پەقەت دادام بىلەن ئۆگەي ئاپامنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا كەلگىنىمنى ئويلاپ ھېچقانداق گەپنى ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم. ئۇنى ئالداپ توي قىلغان مەندەك ئايالنىڭ يەنە قانداق گەپ قىلىش ھوقۇقى بولسۇن.

ئېغىر بىرنى تىنىپ كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ قالدىم.

- ئارتۇق ئويلىماڭ.. بۇ ئۆينى ئۇ تالاشمايدۇ.. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى بار..

- بىر كۈنلەردە ئۇ بۇ ئۆينى ساتىمەن دېسە قانداق قىلىسىز..

- شۇ چاغدا بىر گەپ بولىدۇ..

كۆزۈمدىن چىقىپ كېتىشكە ئاز قالغان ياشنى يەنە زورىغا تۇتىۋالدىم. بۇ ئۆيمۇ مېنىڭ ئۆيۈم ئەمەس ئىدى. ئايال كىشىنىڭ راستىنلا ئۆيى يوق ئىدى.

- بۇنچە ئازابلىنىپ كەتمەڭ.. ئۇ نەرسىسىنى ئەپ كەتسە قۇلۇپنى ئالماشتۇرىۋېتىمەن..

- ماقۇل.. ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ پەقەت ئۆيدىن نەرسە ئەپ كېتىشلا بوپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن..

- چوقۇم شۇنداق بولىدۇ.. ماڭا ئىشىنىڭ..

ئۇ مۆرەمنى سىقىپ قويۇپ ئورنىدىن تۇردى.

- نەگە بارىسىز؟

- مەن سىرتتا ئىش بېجىرىۋاتقان.. جىددىي كەلگەنتىم.. قارىسام ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇرىدۇ.. قايتاي.. ئىشىم سەل جىددىي..

- بولىدۇ.. مەن تاماق قىلىپ ساقلاپ تۇراي..

- جاپا چەكتىڭىز..

يولدىشىم چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدىم. ئۇ بۇرۇنقى ئايالىنىڭ مېنى نېمە دېگەنلىكىگە، دىلىمنى ئاغرىتقان ياكى ئاغرىتمىغانلىقىغا قىزىقمايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ گەپلىرى ماڭا كۆيۈنگەندەك قىلسىمۇ دىلىم يەنە سوۋۇپ تۇراتتى.

يولدىشىمنىڭ سىن قانىلىغا قاراپ باقتىم. ئۇنىڭ مۇخپىر بىلەن خوشال تۇرمۇشى تارتىلغان بولۇپ ئوغلۇممۇ زورىغا ئۇلارغا ماسلىشىۋاتاتتى.

- كەچۈر بالام.. يارىماس ئاپاڭ سېنى ئەپ قالالمىدى..

ئاستا قورسىقىمنى سىيلاپ قويدۇم.

- بالام، سەن ئاكاڭنىڭ ئورنىدا ماڭا ھەمراھ بولغىن بولامدۇ.. ئاكاڭنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمغا سەن گۇۋاھ.. كېيىن ئاكاڭڭغا مېنىڭ ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيت.. .سىلەر دۇنيادىكى ئەڭ يېقىنلىرىم.. مۇشۇ كۈنلەرنى چىداپ ئۆتكۈزىۋالايلى.. ئىشىنىمەن، كېيىن چوقۇم ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشىمىز..

قورسىقىمنى تۇتقىنىمچە بايا زورلاپ تۇتۇپ تۇرغان ياشلىرىمنى چىقىرىۋالدىم.

يولدىشىم تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ھۇجرىغا قايتىپ كىردىم.

- بايا بەك قالايمىقانتى، شۇنداق رەتلىك يىغۇشتۇرىۋېتىپسىز..

- ئۆينىغۇ يىغۇشتۇرغىلى بولىدىكەن.. لېكىن كۆڭۈل غەشلىكىنى يىغۇشتۇرغىلى بولمايدىكەن..

- بۇ ئىشتا مەندىن كەتتى.. ئۇنىڭغا دېدىم.. بۇ قېتىم كېلىپ كىيىملىرىنى ئېلىپ كەتسە كەلمەيدىغان بولدى..

يولدىشىم ئۇچامدىكى كىيىمگە قارىدى.

- ئۇخلاش كىيىمىنى كەيمەپسىزغۇ..

- بولدىلا، باشقىلارنىڭ كىيىمىنى كەيسەم ئازادە بولالمايدىكەنمەن..

- بولدى قىلىڭ.. بەزى گەپنى دەۋەرسىمۇ تېتىمايدىغان بوپ قالىدۇ..

- ئايالىڭىز سەن مەندىن ئاشقان نەرسىنى ئىشلىتىشكىلا لايىق كېلىسەن دەيدۇ..

- ئۇنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلماڭ.. شۇنداق دېيىشتىن باشقا نېمە قىلالايدۇ..

يولدىشىم ماڭا يېقىنلاشتى. ئۇ ماڭا بارغانسىرى ناتونۇش بىلىنمەكتە ئىدى.

- بىلىمەن. سىز مېنى بۇرۇنقى ئايالىنى ئۇنتىيالمىدى دەپ ئويلاۋاتىسىز.. لېكىن مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن.. ماڭا ئىشەنمەيۋاتىسىز..

- ئىشىنىمەن. لېكىن بۇ مۇناسىۋەت نېمىشقا تولۇق ئۈزۈلمەيدىغاندۇ..

- ئاجرىشىش نامدا شۇنداق بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە تولۇق ئاجرالغىلى بولمايدىكەن..

- مەن يولدىشىم بىلەن تولۇق ئاجرالدىم.. بۇ قىلالمايدىغان ئىش ئەمەس.. پەقەت قىلىشنى خالىمىغانلا ئىش..

- بۇنداق گەپ قىلماڭ بولامدۇ..

- ئۆزىڭىز ئاجرالغىلى بولمايدىكەن دېدىڭىز.. بۇ داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىمەن دېگەن بولماي نېمە.. ئاراڭلاردا بالا بولمىسا..

- دېدىمغۇ، نەرسىلەرنى ئەپ كەتسە ئالاقىلاشمايمىز دەپ..

- ئەمىسە ئۆي مەسىلىسىچۇ..

- بۇنداق دېسەم خاپا بوپ قالماڭ. بۇ سىز كېلىشتىن بۇرۇنقى گەپ، قائىدە بويىچە ئارلاشسىڭىز توغرا بولمايدىغۇ دەيمەن..

- شۇنداق. لېكىن ئۇ مۇشۇنى باھانە قىلىپ كېلىۋەرسە تۇرمۇشىمىز تىنچ ئۆتمەيدۇ.. بىركۈنى بۇ ئۆينى ساتىمەن دېسە قانداق قىلىمىز؟

- ئەنسىرىمەڭ. سىز بىلەن بالامنى سىرتتا قويمايمەن.. ئەمدى بۇ گەپنى قايتا تەگىمەڭ.. مەن ئۇخلىدىم..

ئۇ ماڭا ئارقىسىنى قىلىپ يېتىۋالدى. ئارىمىزدىكى ھۆرمەتنىڭ بۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاجىزلاپ كېتىۋاتقىنىغا ھەيران ئىدىم. لېكىن ئۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرەلمەيتتىم. دوق قىلالمايتتىم. ئىككىنچى تۇرمۇش مۇشۇنداق ئىدى. كېنىشكىدە ئەر ئايال ئىدۇق، لېكىن قارشى تەرەپنى مۇتلەق ئۆزىمىزگە تەۋە دېيەلمەيتتۇق. ئۆزىمىزنىمۇ ھەم مۇتلەق قارشى تەرەپكە ئاتىۋېتەلمەيتتۇق.

زورلاپ كۆزۈمنى يۇمدۇم.

*  *  *  

يەنە بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى، ئاۋارچىلىق تاپىدىغان ئايال جىمىپ قالغاندەك قىلاتتى. يولدىشىم بىلەن ئارىمىزدىمۇ ئالاھىدە گەپ سۆز بولمىدى، ئىشتىن كېلىپ ئۇخلاپ قالاتتۇق، ئەتىگىنى ئالدىراش ئىشقا ماڭاتتۇق. ئۇ پات پات قورسىقىمنى تۇتۇپ قويغاندىن باشقا ماڭا ئالاھىدە يېقىنچىلىق قىلمايتتى. ئۇ ھەر قېتىم قورسىقىمنى تۇتۇپ بالىغا گەپ قىلغاندا مەندىكى قەرزدارلىق تۇيغۇسى كۈچىيىپ كېتەتتى.

 مالچى ھەدەم ئىشخانىغا ئالدىراپ كىردى.

- ئايرىمخانىغا شەخسىي ئۇچۇر كەپتۇ.. مەنچە كۆرۈپ بېقىڭ..

ئۇچۇرنى كۆرۈپ جايىمدا قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章