كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئابدۇمەمەت ئەزىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم | 8-قىسىم | 9-قىسىم |
10-قىسىم | 11-قىسىم | 12-قىسىم |
13-قىسىم | 14-قىسىم | 15-قىسىم |
16-قىسىم | 17-قىسىم | 18-قىسىم |
19-قىسىم | 20-قىسىم | 21-قىسىم |
22-قىسىم | 23-قىسىم | 24-قىسىم |
25-قىسىم | 26-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
شۇنىڭدىن كېيىن سەمەت لوبەن كوچىدا يۈرۈيدىغان ئاياللاردىن نەپرەتلەندى. ئەگەر ئۇ شۇنداق ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قىزىمۇ ئاسىيەنىڭ ئوغلىدەك كوچىدا قالارمۇ. بىچارە ھالدا كىمنىڭ قولىغا تەلمۇرە، سەمەت لوبەن ئاخىرى پۈتۈن مال مۈلۈكنى ئايالى بىلەن ئىككى قىزىغا ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن بىر تۈركۈم كوچىدىكى ئاياللارنى ئوڭلاشقا ئاتلاندى . باشتا چىرايلىق تەربىيە قىلىپ باقتى، ئەمما ئۇ ئاياللار ئۆزى بىلگەن سەنەمدە يۈرىۋەرگەچكە قول ئاستىدىكى ئادەملەرنى كۈشكۈرتۇپ ئۇلارنى قورقۇتۇپ باقتى. شۇنداق، قىلغاندىمۇ يەنە بىر تۈركۈم ئاياللار ئارقا ئارقىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ قورقىتىشى، قوغلىشى بىكارلا بولدى. ئۇلار ھەرگىزمۇ بۇ ھالەتتە ئۇلارنى تازىلاپ بولالمىدى. شۇ كېسەلدىن كېيىن سەمەت لوبەن قىزلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ بالىلار بۇرۇنقى ئىشلارنى كۆڭلىدە ساقلىۋېلىپ ئۇنىڭغا تازا ئوچۇق چىراي ئاچمىغانىدى. ئەمما، ئىشلار بۇنداق ئىتتىك ھەل بولمايدۇ. ئۇ چۇقۇم ئىككى قىزى بىلەن ئايالنىڭ كەچۈرۈشىگە نائىل بولىدۇ.
ئەمما رەنا شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ چىققىلى ئۇنىمىدى. بىچارە قىزى ئۆزى مەكتەپكە بېرىپ قۇرۇق نانلارنى يەپ كۈنىنى ئۆتكۈزۈۋەردى. سالامجان بولسا شۇنىڭدىن كېيىن يېزىغا كەتمىدى. ئۇمۇ ھۇجرا ئۆيدىن چىقماي كۈن بويى يېتىپ ئۇخلاپ كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. يېتىپ يېسە تاغمۇ توشىمايدۇ دېگەندەك، ئۇلارنىڭ پۇللىرى تۇگەپ، يەيدىغان نەرسە قالمىغان ۋاقىتتا رەنا تۇيۇقسىز يېزىدىن كەلگەن ئەر خوتۇنغا قىزىنى بېرىۋەتتى. ئىچىدىكى ئۆيدە ياتقان سالامجان بىر ئېغىز زۇۋان سۈرۈپمۇ قويمىغان ھالدا، قىزىنى باشقىلارنىڭ ئېلىپ كېتىشىگە يول قويدى. چۈنكى ئۇمۇ قىزىنىڭ ئۇلاردىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن قورقاتتى.
- ۋۇ يارىماس. نېمىشقا بۇنداق يېتىۋېرىسىز؟ ئەينى ۋاقىتتا پۇل تاپىمەن دەپ چىقىپ كېتىپ، مۇشۇ نىجىس كېسەلنى يۇقتۇرۇۋالىدىم. ئەمدى بولغاندىمۇ پۇل تېپىپ، ماۋۇ ئۆينى باقسىڭىز بولمامدۇ.
- ھامان ئۆلگەندىن، كېيىن ئاچ قېلىپ ئۆلەيلى. ئىشلەپ نېمە قىلىمەن؟مېنىڭ جاپا تارتقۇم يوق، سەن ئىشلەشكە ئامراق ئىدىڭغۇ، سەن چىقىپ ئىشلە.
- نېمە دەۋاتىسەن يارىىماس؟ ماۋۇ ئۆيدە يەيدىغان نەرسە تۈگىگىلى نەۋاق. شۇ سەۋەبتىن بالنىمۇ خەققە بېرىۋەتتىم.
- بېرىۋەتكىنىڭ ياخشى بوپتۇ. سەن بالا باقالمايسەن، سەن ئانا بولۇشقا لايىق ئەمەس .
- ۋۇ ھايۋان. ئۇنداقتا ئۆلسەك تەڭ ئۆلەيلى، - شۇ كۈنى كەچتە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتتى. غايەت زور ئوت ئۈستىدىكى ۋە ئاستىدىكى بىنالارغا ھۇجۇم قىلماقتا. ئەمما، جىددىي بىر تېلېفون بىلەنلا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرۈۋالدى. لېكىن، سالامجان بىلەن رەنانىڭ ئۆيى ئاللىبۇرۇن كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەسىتىمۇ شۇ قېتىملىق ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن ئىدى. سالامجان ئۆلۈپ كېتىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاينۇر بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپتى. ئۇ قايغۇردى، نەچچە كۈن يىغلىدى، ئەمما نېمە ئامال؟ سالامجان ھامان ئۆلۈپ كېتەتتى. نېجس كېسەل ئۇنى ئېلىپ كېتەتتى. ئۇ بۇنى سالامجان كېتىشتىن بۇرۇنلا ھېس قىلغان ئىدى. ئاينۇر سالامجاننىڭ بىر پارچە رەڭسىز سۈرىتىگە قاراپ ئۇزاق يىغلىدى. بۇ ئىشنى شاھزاتقا دېگەن ۋاقىتتىمۇ، شاھزات ئۇكسۈپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى. يېزىدىكىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىدىن، شۇنچىلىك ئۆكۈندى.
- بولغۇلۇق بوپتۇ سىڭلىم، قانداق قىلىمىز؟ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمىسا. ھامان ئۆلۈپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ بالىسى قانداق بولغاندۇ ھە.
- شۇ قېتىملىق ئوتتا كۆيۈپ كەتتىمىكىن دەيمەن، ھېچكىم بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېمىدى. بىچارە بالىغا بولدى-دە!
- ۋېيەي سىڭلىم ئاتا ئانىنىڭ قىلغانلىرى بالىغا بولىدىكەن. ھەي، بىچارە قىز. ئۇلار قانچە قىينالغاندۇ ھە.
- شۇنى دەڭە، ئازابلىق ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپتۇ. يۈرىكىم لەختە لەختە بولۇپ كېتىپ بارىدۇ رابىخان ئانا. سالامجان ياخشى ئىدى. بۇ رەنا دېگەن خوتۇن ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىلەرگىمۇ قىلىپ قويدى.
- ۋاي، شۇنى دەڭە؟خوتۇن كىشى ئوينىسا بەختىگە، ئەر كىشى ئوينىسا بالىلىرىنىڭ ئامانلىقىغا ئوينايدۇ دەپتىكەن. ئويۇن تاماشانى ئويناپ، مانا شۇنداق ئۆلۈم يولىغا ئۇزىتىپ قويدى ئۆزىنى.
ئۇلار ئىككىسى مانا مۇشۇ سۆزلەرنى ئېيتىشىپ ئۆزلىرىگە تەسەللىي بولغانمۇ بولدى. ئەمما، يەنىلا ئاينۇرنىڭ ئازابى پەسلەپ قالغىنى يوق . سالامجاننىڭ ئۆلۈمىگە سەمەت لوبەننىڭ خوتۇنىمۇ كەلگەن ئىدى. ئۇ بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال رەنانىڭ شۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ، سەمەت لوبەننىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تەكشۈرۈتكەنلىكىنىمۇ ئۇقۇپ قالدى. ئۇ قىزلىرىنىمۇ ئاپىرىپ تەكشۈرۈتكەندىن سىرىت، ئۆزىنىمۇ بىر قېتىم تەكشۈرۈتكەن ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىقتى. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپقان بولسىمۇ، ئەمما سەمەت لوبەننىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇلارنى ئەنسىرىتىپ قويۇۋاتاتتى.
- سىز مۇشۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدىڭىزمۇ؟ نېمىشقا بۇنداق بولۇپ كېتىسىز؟ئۇ خوتۇندىن يۇقۇپ قالدى، شۇنداقمۇ؟
- سەن ھەممىنى بىلىپ بولۇپسەندە؟ شۇنداق مەن يۇقۇملىنىپ قالدىم. ئەمما ئۇ خوتۇندىن ئەمەس، ماڭا ئاسىيەدىن يۇقۇپ قالدى. ئۇ ئالدىنقى نۆۋەت ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ماڭا غەلىتە گەپلەرنى قىلغان. مەن تېخى چاقچاق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئەمما، ئۇنىڭ ماڭا قەستەن يۇقتۇرۇپ قويغانلىقىنى پەقەتلا ئويلىماپتىمەن. مېنى كەچۈر، سەن شۇنچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلساڭمۇ، مەن پوق يەيمەن دەپ، ئاسىيەدەك پەس خوتۇننىڭ كەينىدە يۈرۈپتىمەن. مەن ئەمدى ھەرقانچە ئادەم بولاي دېسەممۇ ھاياتىم بۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ. بالىلارنى ياخشى باققاندىن سىرت، رەنانىڭ بالىسىنى نەدىن بولمىسۇن تېپىپ بېقىۋال. بالىدا ئەيىپ يوق، ئۇ بىچارە بولسىمۇ ئۇ يەر بۇ يەردە قېقىلىپ يۈرمىسۇن. مەن سىلەرگە بىر ئۆمۈر خەجلىگۈدەك پۇل قالدۇردۇم، پۇللار بىلەن سېنىڭ تۇرمۇشۇڭغا يېتىدۇ؟
- ئەمدى كەچۇرۇڭ دېگەننىڭ، نېمە پايدىسى؟ ھاياتىڭىزنى ئويۇن تاماشاغا بېرىپ، ئەمدى بولغاندا ئۆزىڭىزنى نابۇت قىلىدىڭىز، شۇ ۋاقىتتا مۇشۇنى ئويلىشىڭىز كېرەك ئىدى. بىزمۇ كۆزىڭىزگە سەت كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدۇق. ئەمدى بەخىرامان ئويناڭ، ئۆمرىڭىز قانچىلىك قالغان بولسا، شۇ ئۆمرىڭىزگە تۇشلۇق ئويناڭ.
- ئەمدى مېنى ئەيىبلەيمەن دېمە. مەن ھېلىمۇ ئۆزۈمنى نەچچە مىڭ قېتىم ئەيىبلەپ بولدۇم. مەن ئەمدى ئۇنداق يولغا ماڭمايمەن. ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ سىلەر بىلەن ياشاي. سىلەر بىلەن بىللە ئۆتەي. مېنى كەچۈرىۋەتسەڭلار بولامدۇ خوتۇن، - دېدى سەمەت لوبەن . نەچچە يىل ئۆي تۇتقان، ئىككى بالىنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى بولغان بۇ ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدا كەچۈرۈش-كەچۈرمەسلىك مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، ئايال يەنىلا ئېرىنى ياخشى كۆرەتتى. بەئەينى ئاينۇر سالامجاننى ياخشى كۆرگەندەك، بۇ ئايالمۇ سەمەت لوبەن قانچىلىك خاتالاشسۇن كەچۈرۋېتەلەيتتى؟ ماۋۇ بالىلارنىڭ يۈرىكىدە داغ قالدى. ئۆلۈم ۋەھىمىسى نىجىس كېسەل ئۇلارنى ھەر ۋاقىت تەھدىتكە ئۇچرىتىۋاتاتتى.
- ماڭا بۇ كېسەلنى بەرمىگەن بولسا، مەن ئادەم بولماس ئىدىم ھە. مەن نېمىشقا ئەقلىمنى تاپمىغاندىمەن؟ نېمىشقا پاسكىنا خوتۇنلارنىڭ كەينىدىن ماڭغاندىمەن، نېمىشقا بۇ كېسەلنى ئۆزۈمگە تېپىۋالدىم؟ ئۆزۈمگە ئۆزۈم قىلدىم. مېنىڭدەك، نادان ئەرمۇ بارمۇ؟مېنىڭدەك كۆڭۈل دەپ نادامەتكە قالغانلارمۇ بارمۇ؟-دەيتتى ئۇ. ھەر كىمگە ئازاب بولدى. ئاينۇرمۇ شۇ قېتىملىق ئىشتىن كېيىن مەھەللىدىكىلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىدى. ئاينۇرلارمۇ سالامجاندەك ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپتۇ دېگەن گەپلەر تېزلا تارقاپ مەھەللىدىكىلەر ئاينۇردىن ئۆزىنى قاچۇراتتى.
- سالامجانمۇ ئاينۇردىن يۇقۇملىنىپ قاپتىكەنمىش. كېسەل ساقايماس كېسەلمىش، بەك ئاغرىيدۇ دەيدۇ، شۇڭا سالامجان بىلەن ئايالى ئۆزىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋاپتۇ. بىزگە يۇقۇپ قالسا بىزمۇ شۇنداق ئۆلۈپ كېتىەرمىزمۇ ؟شۇڭا بۇ خوتۇننى مەھەللىدىن قۇغلۋىتەيلى.
- شۇنداق، قىلايلى زادى؟ -دېدى مەھەللىدىكىلەر. نۇرغۇن كىشىلەر ئاينۇرغىمۇ مەھەللىدىن كېتىشنى ئېيتتى. ئانىسى، قېيىن ئاپىسى، ھەتتاكى ھاممىسى ياشىغان بۇ مەھەللىدىن ئۇنىڭ كەتكۈسى يوق ئىدى. ئەمما، قايتا قايتا ئۆتۈنۈپ مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭغا كېتىشنى ئېيتقاندىن كېيىن، بۇنىڭغىمۇ كەتمەكتىن باشقا ئامال يوق. ئاخىرى بىر مەزگىل بۇ ئىشلار باشقىلارنىڭ خىيالىدىن كۆتۈرلۈپ كەتكۈچە ئەختەرنىڭ قوي باقىدىغان يېرىغا كۆچۈپ كەتتى. بۇنىڭدىن ئەختەر ناھايىتى خۇشال ئىدى، بويتاق ئۆتكەن مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ گاھىدا قورسىقى ئاچ قالىدىغان، گاھىدا كىيىملىرى مەينەت بولۇپ كەتسە قوي باققاچ يۇيۇپ كىيەلمەي شۇنچىلىك قىينىلاتتى.
- مەن سىزنى ئاۋارە قىلىپ يەنە كەلدىم.
- ۋاي نېمە دەيدىغانسىز؟ نېمىگە ئاۋارىچىلىق ئىكەن ئۇ؟ سىز كەلسىڭىز خوش بولىمەن. بېشىم كۆككە يىتىدۇ.
- رەھمەت، چوڭ بىلگىنىڭىزگە، لېكىن سىزمۇ مەندىن ئاشۇ كېسەلنى يۇقتۇرۋالغانمىدۇ دەپ گۇمان قىلامسىز؟ئەگەر شۇنداق گۇماندا بولۇپ قالسىڭىز، مەن باشقا يەرگە كەتسەم بولىدۇ.
- نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز، مەن ئۇ يېزىدىكىلەردەك نادان-ئەخمەق بولمىسام يا؟ چۇقۇم بولغان بولسا دوختۇرلار باركەن دېگەن بۇلاتتى. خاتىرجەم تۇرىۋېرىڭە. مەن ئۇنداق دۆت ئەمەس ئۇلاردەك. سىزنىڭ قانداق ئاياللىقىڭىزنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس مەن. سىز ئازراق پۇل مال ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى نابۇت قىلمايسىز، سىز ئەقىللىق، ئەخلاقلىق ئايالسىز. ئۇلار ئۆزىنىڭ نادانلىقى بىلەن سىزگە باھا بېرىپتۇ. مۇشۇ يەردە تۇرىۋېرىڭ. بىر ئۆمۈر تۇرسىڭىزمۇ سىزنى تۇرۇپ كەتتى دېمەيمەن.
- رەھمەت. شۇنچىلىك دېگىنىڭىزگە، مۇشۇ يىللاردا سىز بولۇپ قاپتىكەنسىز، بولمىسا قانداق قىلار بولغىيتتىم-ھە.
- ۋاي، رەھمەت دېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىزمۇ مۇشۇ يىللاردا مېنىڭ يالغۇزلىقىمنى بىلىندۈرمىدىڭىز. مەن يەككە-يىگانە، يالغۇز ئادەم. ھېچقانداق ئۇرۇق تۇغقىنىم يوق. سىز بولغاچقا يۈرىكىم توق تۇردى.
ئۇلار مۇشۇنداق بىر بىرىگە تەكەللۇپ سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ خېلى ئۇزاق پاراڭلاشقاندىن، كېيىن ئاينۇر ئوخشىتىپ بىر تەخسدىن لەغمەننى ئەتتى.
ئەختەر تاماق ئېتىپ بېرىدىغان ئايال بولسا ئەرنىڭ غېمى يوق، ئايال بولمىغان ئۆينىڭ مەنىسى يوق، دېگەنلەرنى ئويلاپ يېتىپ، ئاينۇرغا يەنە قايتىلەتىن توي قىلىش تەكلىپى قويدى. باشتا ئاينۇر ئۇنىمىدى، كېيىن، رابىخان موماي قايتا قايتا كېلىپ ئۇنىڭغا يالغۇزلۇقمۇ يامان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى ئەختەر بىلەن ئاددىيلا توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرىۋالغان ئىدى.
شاھزات چىقىدىغانمۇ ئاز قالدى. بۇ شاھزاتنى بۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلالمايدۇ دەپ ئۇنىڭغا ئېيتمىغان ئىدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تۈرمىگە بارغان ۋاقىتتا، شاھزاتقا بۇ ئىشنى ئېيتقاندا شاھزات خاپا بولۇپمۇ كەتمىدى، خوش بولۇپمۇ كەتمىدى. ئۇنىڭغا سۇسلا قىلىپ:
- ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلى، خاتىرجەم بولسىڭىزلا، نېمە ئىش قىلسىڭىز مەيلى. مەن سىزنى تولا قاقشىتىپ، كۆڭلىڭىزنى بەك ئاغرىتقان ئىدىم. ئەمدى سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىز سۇ ئىچىدىغان ئادىمىڭىز بولسا، ئۇنىڭ بىلەن گۇڭۇر-مۇڭۇر ئولتۇرسىڭىز، بۇنىڭغا مەنمۇ خوش. چۈشتىن بۇرۇن قايتىپ چىقىمەن، شۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ توي قىلىپ، سىزنى خاتىرجەم قىلىمەن دېگەن ئىدى. ئۇ قايتىپ چىقسا توي قىلىدىغان قىز نەدە تۇرۇپتۇ، ئەينى يىلدىكى قېرى قىزمۇ توي قىلىپ بولدى. تېخى نەچچە بالىلىق بولۇپتۇ، ئاينۇر شۇلارنى ئويلاپ كۆڭلى غەش بولدى، بۇرۇن جاھانغا پاتمىغان، ھەممە كىشىنى رەنجىتكەن شاھزاتنىڭ ئەمدى يۇۋاشلاپ، باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ قالغانلىقىنى يېزىدىكى بەزى كىشىلەر كۆرمىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە شاھزات يەنە بۇرۇنقىدەك شۇنچىلىك يامان، كەپسىز ھېسابلىناتتى. ئاينۇر شاھزاتنىڭ توي ئىشلىرىنى ئويلاپ يۈرگەن كۈنلەردە، شاھزات تۈرمىدىن چىقتى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇