كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
شۇڭا، يەھيا ئەزەلدىن دادىسىنى رەسمىي كۆرۈپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنى تۇغقان كۈنى كىچىك شىپاخانىدا تۇغۇتى قىيىنلىشىپ ئۆلۈپ كەتكەن.
كېيىن ئۇنى قاسىملار بېقىۋالغان، تاكى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن شۇ چاغدا، ئۇ بۇ يەردىن ئايرىلغان.
كېيىن ئۇ ئۆز دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ قاسىملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭلارنىڭ ئاداۋىتى ، چىمەنگۈلنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، نەپرىتىنى يۈرىكىنىڭ تېگىگە يوشۇرۇپ قويغان ئىدى.
ئۇ چىمەنگۈلنىڭ قاسىمنىڭ قىزى بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلىقىدىن نەپرەتلىنىدۇ.شۇڭا، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن توي قىلالىسلا، ئۆتكەن ئىشلار بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ.
يەھيا چىمەنگۈلنىڭ قولىنى تۇتۇپ، يۈزىنى سەل يانتۇ قىلىپ:
-بولىدۇ، بىز ئۆيگە قايتايلى، -دېدى.
چىمەنگۈل يەھيانىڭ بۈگۈن ئۆزىگە ناھايىتى سەۋرچان بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى.ئۇ سورىمىدى، چوڭقۇر سۈرۈشتۈرمىدى، ئۇ پەقەت شۇ كۈنى يەھيانىڭ ئۇنى باشقىلارنىڭ بالىسىغا ھامىلدار بولدۇڭ، دەپ ھاقارەتلىگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى.
ئۇ چىمەنگۈلگە ئىشەنمەي، بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى، ئون يىللىق ئازابنى بىر نەچچە كۈندىلا ساقايتقىلى بولامدۇ؟قىسقىسى، توي قىلغاندىن كېيىنكى ئىشلارنى ئۇ ئويلىشىپ بولدى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى.
دۈشەنبە كۈنى قەيسەر بىلەن گۈلزىرەنىڭ توي ۋاقتى تېخىمۇ يېقىنلاشتى.قەيسەر گۈلزىرەنى ئېلىپ سۇ شەھىرىدىكى ھەيۋەت مېھمانسارىيىغا باردى.
-قەيسەر، مېنى بۇ يەرگە توي مۇراسىمى مەيدانىنى كۆرگىلى ئېلىپ كەلدىڭىزمۇ؟
ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمىنى قەيسەر ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن، ئۇ شۇنچە سورىغان بولسىمۇ، قەيسەر پەقەت دېگىلى ئۇنىماي، مەخپىي دەپ تۇرۋالغان ئىدى.
-ياق، يەنە ئىككى كۈندىن كىيىن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز، لېكىن، ئۇ كۈنى بىز توي قىلىمىز، ۋاقىت بىر قەدەر قىس، سىزگە تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى بېرىشكە ئۈلگۈرەلمەيدىكەنمەن، پەقەت بۈگۈن مۇددەتتىن بۇرۇن سوۋغا قىلىشقا توغرا كەلدى.
-تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى؟-گۈلزىرە كۈلۈپ تۇرۇپ، -سوۋغات مېھمانخانىدىمۇ؟-دېدى.
ئۇ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى تاپشۇرۇپ ئالمىغىلى بەك ئۇزۇن بولغاندەك قىلىدۇ، شۇڭا بەك تەقەززا بولۇۋاتىدۇ ...
- شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ!
قەيسەر سىرلىق ھالدا ئۇنىڭ قولىنى يېتىلەپ زالنىڭ ئالدىغا كەلدى.ھەيۋەت مېھمانسارىيى قەيسەر گۇرۇھى قارمىقىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي بولۇپ، مەسئۇل خادىم قەيسەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىپ، ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ئىدى.زال دېرىكتورى قول ئاستىدىكىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ، كەسپىي كىيىم كىيىپ، ئىككى رەت بولۇپ تىزىلدى. قەيسەرنىڭ گۈلزىرەنى يېتىلەپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، تەڭلا سالام بەردى.
- باش دېرىكتور ياخشىمۇ سىز!خانىم، ياخشىمۇ سىز!
گۈلزىرە مۇنداقلا قاراپ مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئىچىدە ئىلگىرىكى بىر نەچچە خىزمەتدىشىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى يەنە تېخى ئۇنى بوزەك قىلغان چولپانئاي بىلەن، يەنە بۇرۇنقى سمېنا باشلىقىمۇ بار.
قەيسەر مەسئۇل خادىمغا قاراپ سۇس بېشىنى لىڭشىتىپ:
-مېھمانساراينىڭ يېقىنقى مالىيە مەلۇمات جەدۋىلىنى تەييارلاپ قويۇڭ، مەن يىغىن ئاچىمەن، - دېدى.
-ماقۇل!مەسئۇل خادىم دەرھال ياردەمچىسىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپ، قەيسەرنى باشلاپ يىغىن زالىغا باردى.گۈلزىرە قەيسەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنى خىزمەت ئىشىغا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى زادىلا چۈشەنمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
ئۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ يىغىن ئاچقاندا ئەستايىدىل تۇرقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز بىر جۈملە سۆزنى ئېسىگە ئالدى، ئەستايىدىل ئەر ئەڭ جەلپكار.
ئارقىدىن مەسئۇل خادىم خىزمەت نەتىجىسى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى دوكلات قىلىشقا باشلىدى، قەيسەر گۈلزىرەنىڭ قۇلىقىغا كېلىپ پەس ئاۋازدا:
-قوزام، دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭ!
گۈلزىرە سەل گاڭگىراپ قالدى، بىراق يەنىلا ئەستايىدىل ئاڭلاشقا باشلىدى.گەرچە ئاڭلاپ چۈشىنەلىسەممۇ، بىراق بۇ مالىيە - ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرىدىن بازار ئىستىقبالىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى بىلەلىدى.
دوكلات تۈگىگەندىن كېيىن، قەيسەر يەنە:
-قولىدا ئىشى يوق خىزمەتچلەر بىزنى مېھمانساراينىڭ ھەر خىل لايىھەلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ چىقسۇن!- دېدى.
گۈلزىرە بۇ يەردە خىزمەت قىلغان، تەبىئىيلا ھەر بىر جايغا قانداق بېرىشىنى بىلىدۇ.بىراق ئۇ مەسئۇل خادىمنىڭ ھەر بىر لايىھەنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىلگىرى ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن جايلارنىڭ ھېكايىسى ۋە كېلىش تارىخى بارلىقىنى بايقىدى.
شۇ تاپتا، گەرچە قىش پەسلى بولسىمۇ، ئىچىدە دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخلەر بولغاچقا يېشىللىققا پۈركەنگەن ئىدى، گۈلزىرە ئىختىيارسىز قەيسەرگە:
-مېھمانخانا بەك چىرايلىق ئىكەن!-دېدى.
-ياقتۇردىڭىزمۇ؟-قەيسەر سورىدى.
-ھەئە.
گۈلزىرەبېشىنى لىڭشىتتى، ئۇ ئەينى چاغدا قەيسەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، ئاچچىقىنى چىقىرىپ بەرگەنلىكىنى ئويلاپ، بىردىنلا ئىللىقلىق ھېس قىلدى.
-بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم سىزگە يۈرىكىم سوققان جاي، -قەيسەر ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، -ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار، - دېدى.
گۈلزىرە يۈزى سەل قىزىرىپ، ئۇنى ئىتتىردى.
-ھەممىسى قاراۋاتىدۇ!
قەيسەر بولسا كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئاندىن يۇقىرى ئاۋازدا:
-بۈگۈندىن باشلاپ، ھەيۋەت مېھمانسارىيى قەيسەر گۇرۇھىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل شېركەت بولۇپ تۇرىدۇ!- دەپ جاكارلىدى.
زال دىرېكتورى بىلەن مۇلازىمەتچىلەر بۇنى ئاڭلاپ، چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.مەسئۇل خادىم ئەھۋالنى بىلىدۇ، چۈنكى قەيسەر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان.
قەيسەر يەنە:
-سەل تۇرۇپ، مەن توختامنى ئۆزگەرتىمەن، ھەيۋەت مېھمانخانىسىنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقى بۈگۈندىن باشلاپ گۈلزىرە خانقىزغا تەۋە بولىدۇ!
گۈلزىرە بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بېشىنى بۇراپ، قەيسەرگە ھەيرانىلىق ئىچىدە قارىدى.دېمەك ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى سۇ شەھىرىدىكى داڭلىق بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايمۇ!
ئۇ بۇرۇن كىچىك مۇلازىمەتچى بولۇپ ئىشلگەن يەرگە بىر سەكرەپلا چوڭ خوجايىن بولۇپ قالدىمۇ!
قەيسەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
-بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ئوبدان ماسلىشىڭلار!مەن ئەمدى سىلەرنىڭ خوجايىنىڭلار ئەمەس، سىلەرنىڭ خوجايىنىڭلار گۈلزىرە!
-بولىدۇ، باش دېرىكتور!-ئۇلار بىر نەرسىنى ھېس قىلىپ، يەنە گۈلزىرەگە سالاپ قىلىپ، -گۈلزىرە باش دېرىكتورنىڭ خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىنى قارشى ئالىمىز!- دېدى.
كەچتە گۈلزىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، قەيسەر ، ئەلدار، گۈلزىرە ئۈچەيلەن سىرتتا تاماق يەپ ، بىللە ئۆيگە قايتتى.
گۈلزىرە يۇيۇنغاندا ئەينەكتىكى ئۆزىگە قارىدى، بوينىدا قەيسەر سوۋغا قىلغان ئاي نۇرى قانىتى، بېغىشىغا قەيسەر سوۋغا قىلغان قاشتېشى بىلەيزۈك، قۇلىقىدا ئوغلى تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى دەپ بەرگەن ھالقا بار ئىدى.بۇ دەقىقىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ناھايىتى مۇكەممەل ھېس قىلدى.
ئەتىسى گۈلزىرە ئورنىدىن تۇرۇشىغىلا قەيسەرنىڭ كۇتۇپخانىسىدا تېلېفون پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، قەيسەر ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلاتتى.
گۈلزىرە ئۇنىڭ يېنىغا باردى، ئۇ ئۇنى تارتىپ پۇتىغا ئولتۇرغۇزۇپ، تېلېفوننى قويۇۋېتىپ:
-بايا دوختۇرخانا تەرەپ دادىڭىزنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، ئايروپىلانغا ئولتۇرسا بولىدۇ، دەپتۇ، مەن غەيرەتنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئۇنى يۇرتقا قايتۇرۇپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇردۇم، -دېدى.
گۈلزىرە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ:
-بۈگۈنلا قايتىپ كېلەمىدىكەن!
قەيسەر بېشىنى لىڭشىتىپ:
-مەخسۇس ئايروپىلانغا داۋالاش خادىملىرى سەپلىنىشى كېرەك، شۇڭا چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا شەھىرىمىزنىڭ شەخسىي ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بېرىشى مۇمكىن.
مەن توي مۇراسىمى نەق مەيدانىغا مەخسۇس بىر فىزىكىلىق داۋالاش ئۆيى ئورۇنلاشتۇردۇم، ئەگەر ئۇنىڭ ئەھۋالى يار بەرسە، فىزىكىلىق داۋالاش ئۆيىدە ئەينەكتىن ئەتىكى توي مۇراسىمىمىزنى كۆرەلەيدۇ!
‐ نېمانداق ياخشى؟!-گۈلزىرە خۇشاللىق بىلەن، -قەيسەر رەھمەت سىزگە، - دېدى.
-بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سىزنى چوڭ ئۆيگە ئاپىراي، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە تاماق يەيلى، مومام بىر قەدەر ئەنئەنىۋى، ئۇ يېڭى توي قىلغان ئەر ـ خوتۇنلار ھارپا كۈنى كەچتە كۆرۈشسە بولمايدۇ ، دەيدۇ، شۇڭا بۈگۈن كەچتە سىزنى بۇرۇن تۇرۇغان ھېلىقى ئۆيڭىزىگە ئاپىرىپ قوياي، ئەتە ئەتىگەندە سىزنى ئالغىلى بارىمەن!-دېدى.
-ھە؟مېنىڭ ئۆيۈم بەك كىچىك، سىزنىڭ ساھىبخانلىرىڭىزغا بىھۆرمەتلىك بولۇپ قالمامدۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆيدە چاي دېگەندەك نەرسىلەرمۇ يوق ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قانداق چىقىمەن؟
-ئۇلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن!ئېرىڭىزگە قاراڭە، سىزگە مەن بولساملا بولدى!-دېدى.
گۈلزىرە ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى.
-ماقۇل!
چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ قەيسەر بىلەن بىللە چوڭ ئۆيگە باردى.شۇ تاپتا، چوڭ ئۆي شاد - خۇراملىققا چۆمگەن ئىدى.قەيسەر گۈلزىرەنى تارتىپ كىرىپ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى تۇغقانلىرىنى ئېسىدە تۇتالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇردى.
بۇ چاغدا، بىر ياش قىز كېلىپ، گۈلزىرە بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ:
-يەڭگە ياخشىمۇسىز، مېنىڭ ئىسمىم نىگارە، كىچىكىمدىن مۇشۇ ئۆيدە چوڭ بولغان!
گۈلزىرە دەرھال ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ، كۆرۈشتى.
-نىگارە ياخشىمۇسىز!
-نىگارە مەندىن ئۈچ ياش كىچىك، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ئىلگىرى داداملارنىڭ يېقىن دوستى ئىدى، بىراق تۈگەپ كەتتى، شۇڭا ئۇنى بىزنىڭ ئۆيگە تاپشۇرغان، -قەيسەر تۆۋەن ئاۋازدا گۈلزىرەگە چۈشەندۈرۈپ، -ئۇمۇ قىز ساھىبخانلارنىڭ بىرى.
-ھە، ماقۇل، -گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ، -ئۇنىڭ بويى رەنا بىلەن تەڭ ئىكەن، بۇ چىرايلىق ئىككى قىز قولداش چىقسا، چوقۇم ھەممە يىگتنىڭ كۆزىنى چاقنىتۋېتىدۇ!
قەيسەر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ:
-كېلىنچەك كۆپچىلىكنىڭ كۆزىنى تېخىمۇ چاقنىتۋېتىدۇ!-دېدى.
گۈلزىرە ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى.
چۈشتە كۆپچىلىك بىرلىكتە جەم بولۇش تامىقى يېدى.قەيسەرنىڭ ئانىسى گۈلستان گۈلزىرەنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆيىگە ئېلىپ كىردى.
-گۈلزىرە، قەيسەرنىڭ سىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلمىز، بىزمۇ سىلەرنىڭ توي ئىشىڭلاردىن بەك رازى.ئىلگىرى مەن ئاپىڭىز بىلەن ياخشى دوستلاردىن ئىدىم، بۇرۇنلا ئىككى ئائىلە قۇدىلاشماقچى بولغان.
ئۇ شۇنداق دېگەچ بىر قۇتىنى ئېلىپ، گۈلزىرەگە:
-بۇ بىزنىڭ جەمەتنىڭ تەۋەرۈكى، ياخشى ساقلاڭ، كەلگۈسىدە توي قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرسىڭىز بولىدۇ...
-ماقۇل، رەھمەت ھامما!-گۈلزىرە قۇتىنى ئالدى.
-يەنە خاتا چاقىرۋاتقىنىنى!-گۈلستان كۈلۈمسىرەپ قويدى.
گۈلزىرە كالپۇكىنى چىشلىدى، گەرچە سەل غەلىتىلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا:
-رەھمەت ئاپا، -دېدى.
-ھە، ئەمدى توغرا بولدى، -گۈلستان بېشىنى لىڭشىتىپ مۇلايىملىق بىلەن، -قەيسەرنى بىز كىچىكىدىن ئەركىلىتىپ يامان ئۆگىتىپ قويغان، بەزىدە ئۆزنىڭكىنى راست دەپ تۇرۇۋېلىشى مۇمكىن، سىلەر توي قىلغاندىن كېيىن ئۆزئارا يول قويۇڭلار، ئەگەر بىرەر ئۇۋالچىلىققا ئۇچرسىڭىز، ماڭا ئېيتىڭ، ئاپىڭىز تېخى قايتىپ كەلمىدى، سىز مېنى ئۆز ئاپىڭىزدەك كۆرۈپ، نېمە بولسا ماڭا دېسىڭىز بولىدۇ!
گۈلزىرە بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قاتتىق تەسىرلەندى.
-ماقۇل، ئاپا.
-باشقا گېپىم يوق، ئىشقىلىپ قەيسەر ئىككىڭلارنىڭ بىر - بىرىڭلارغا يار - يۆلەك بولۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، يول قويۇشۇپ بولۇپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن.
گۈلستان شۇنداق دېگەچ ئورنىدىن تۇرۇپ، گۈلزىرە بىلەن بىللە چىقىپ كەتتى.
گۈلزىرە قۇتىنى ئاچقاندا، ئىچىدە ياپيېشىل زۇمرەت بىلەيزۈك بارلىقىنى كۆردى، رەڭگى ناھايىتى ياخشى ئىدى، ئۈستىگە ئورالغان ئالتۇن بولسا يىللارنىڭ ئىزنالىرى ئىدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە، گۈلزىرە دادسىنى ئويلاپ، قەيسەرنى ئۆزىنى ئاپىرىپ قويۇڭ دېيشىكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، بىر خىزمەتكار تۇيۇقسىز ئالدىراپ - تېنەپ سىرتتىن يۈگۈرۈپ كىرىپ، قاسىمغا قاراپ:
-بېگىم، مەن بايا ئىككىنچى بەگزادىنى كۆردۈم!
-ھە؟!
قاسىم بىردىنلا ئورۇندۇقىدىن چۆچۈپ تۇرۇپ:
-نېمە دەۋاتىسەن؟! ئىككىنچى بەگزادە؟!-دېدى.
-كەنجى بايۋەچچىنى دەۋتىمەن!-بۇ خىزمەتكار خېلى ياشىنىپ قالغان بولۇپ، قەھىرىماننى ئۇنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان دېسىمۇ بولاتتى.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ھەممە ئادەم ھەيران قالدى.
-قەھىرىمان؟!-گۈلەمخان يېنىدىكى خىزمەتكارنى تارتىپ، -تېز مېنى يۆلەپ ئاپىرىڭ!-دېدى.
موماي ھاياجانلىنىپ، ماڭالماي قالدى.
شۇ تاپتا زالنىڭ ئالدىدا بىر ئادەم كۆپچىلىككە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن كېلىۋاتاتتى.
گۈلزىرە كىرگەن ئادەمنى كۆرۈپ، بىردىنلا ھەيران قالدى.
بۇ ئىلگىرى دوختۇرخانىدا ئۇچراتقان ئەر ئەمەسمۇ؟ئۇ ئاشۇ قەھىرىمان شۇمۇ؟!
روشەنكى، قەھىرىمانمۇ ئۇنى كۆردى، كۆزلىرى ئۇنىڭ چىرايىغا ئۈچ سېكۇنت تىكىلىپ دەرھال باشقا ياققا قارىدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇