كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئابدۇمەمەت ئەزىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم | 8-قىسىم | 9-قىسىم |
10-قىسىم | 11-قىسىم | 12-قىسىم |
13-قىسىم | 14-قىسىم | 15-قىسىم |
16-قىسىم | 17-قىسىم | 18-قىسىم |
19-قىسىم | 20-قىسىم | 21-قىسىم |
22-قىسىم | 23-قىسىم | 24-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
ئۇ پىشىپ كەتتى، سالامجاننىڭ كۆزىنى ھېچ ئۇيالماستىن بوياپ. ئاسىيە، رازىيە، سانىيە دېگەندەك دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە قونىمەن. ئۇلار بىلەن ئوينايمەن، ياكى سودا بىلەن پالانى يەرگە بارىمەن ياكى سودا قىلىپ پالانى يەردە قونۇپ قالىمەن دېگەندەك باھانە بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغان بولدى. ئاسىيە بىلەن نەچچە يىل ئەر خوتۇندەك ئۆتكەن، سەمەت لوبەن تۇيۇقسىزلا رەناغا كۆزى چۈشتى.
- ۋوي ئاسىيە، بۇ دوستىڭىزنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. قاچاندىن ياقى ئىزدىشىۋاتىسىلەر، ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويمامسىز.
- قازاندا ئاش يەپ تۇرۇپ، باشقا قازانغا قارايدىغانلىقىڭىزنى پەقەتلا ئويلىماپتىمەن لوبەن. بۇ دوستۇمغا قارىسىڭىز بولمايدۇ. ئۇ مېنىڭ يېقىن دوستۇم، دوست دېگەن بىر-بىرسىنىڭ قاچىسىغا زەھەر تاشلىمايدۇ، بىلەمسىز؟
- ۋاي ۋۇي، بىلىمەن، بىلىمەن. تونۇشۇپ قالايلى دەۋاتىمەنغۇ. باشقا ئىش يوق گۈزىلىم. مېنىڭ كۆزۈم سىزدىن باشقىنى كۆرۈپ باقمىغان ھەم كۆرمەيدۇ. شۇنچىكى دەپ قويسام قىزغىنىپ كەتتىڭىز ھە.
- قىزغانمىسام بولمايدۇ. سىزگە بەك كۆيىمەن ئەمەسمۇ.
- شۇ يېرىڭىزنى دەيمەن-دە. سىزگە بىر يۈرۈش ئالتۇن زىبۇ زىننەت ئېلىپ قويغان، ئىشخانىدا قېلىپ قاپتۇ. كەچتە بارغاندا ئالغاچ باراي، -دېدى سەمەت لوبەن ئاسىيەگە ئالاھىدە يېقىنچىلىق قىلىپ. باشقىلاردىن پۇل ئېلىپ كۆنۈپ قالغان رەنامۇ سەمەت لوبەنگە باشقىچە قارىدى. ئەگەر مۇشۇنداق مەردانە بىرى ئۇچرىغان بولسا نەدىكى كوچىدىكى ئۇششاق تىجارەتچى ئەرلەرنىڭ كەينىدىن يۈرمەستىن، شۇنىڭ پېشىنىلا تۇتۇپ ئۆتكەن بولسا، نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى ھە. ئۇ ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ئاغزىغا چىقىپمۇ قالمايتتى دېگەن ئويلاردا بولىۋاتقاندا، كوچىدا ئاسىيە بىلەن چۆرگىلەۋاتقان رەنانىڭ ئىشق ئوتى، سەمەت لوبەنگە چۈشتى. رەناغا ئېرىشىش خىيالى ئويغىنىپ كېچىلىرى ئۇخلاتمايدىغان بولۇپ قالدى. نەچچە كۈن ئاسيەننى قوغلاپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، ئاسىيەنى تاشلىۋېتىش ئۇچۇن ئۆزىنىڭ سېتىۋالغان داچىسىغا تەكلىپ قىلدى.
- ۋىيەي، بۇ ئۆينى ماڭا بەرمەيدىغانسىز ھە. ماڭا بەرسىڭىزغۇ بىر ئۆمۈر ئايىغىڭىزدا مالاي بولاتتىم.
- سىزنىڭ ئۆمىلەيدىغان ئادەملىرىڭىز نۇرغۇنغۇ؟ ئادەمنى بەك يەكلەپ كەتمەيسىز.
- نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟
- قاراڭ، ماۋۇ سۈرەتلەرگە، بۇ كىمنىڭ ئەمدى؟ماڭىلا قاراپ ئۆتىدۇ دېسەم سىزنىڭ قارايدىغان ئادەملىرىڭىز بەك جىق ئىكەن. مېنىڭ ئۇنداق ئالاقە دائىرىسى كەڭرى، ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ئىزدەيدىغان ئاياللار بىلەن پەقەت خوشۇم يوق، ئەمدى يولىمىزنى مۇشۇنچىلىك داۋاملاشساق بولار؟
- بۇلار بىلەن شۇنداقلا تونۇشۇپ قالغان سودىدىكى شېرىك. سودا ئۈچۈن ئىزدىگەن مەن.
- سودا ئۈچۈن ؟سىز قاچان سودا قىلىپ باققان؟ تولا ئاغزىمنى غېرىچلىماڭ. چىرايلىق تونۇشقاندىن كېيىن چىرايلىق ئايرىلىپ كېتەيلى. مەن ئەزەلدىن مۇنداق شاللاق، ھەممە ئادەمگە خوش-خوش دەيدىغان ئاياللار بىلەن خوشۇم يوق.
- ياق، مەن ئايرىلمايمەن، كىچىككىنە باھانە تېپىپ مېنى تاشلىماقچى بولۇۋاتامسىز.
- كەت، دېگەندىن، كېيىن كەت. ئەگەر يەنە يېپىشىۋالىدىغان بولساڭ، پۈتۈن كىشىلەرگە سازايى قىلىۋېتىمەن. سېنىڭدەك پەس خوتۇننى كۆرمەپتىكەنمەن.
- نەچچە ئون يىل كەينىڭىزدە يۈردۈ، ميىگىرمە ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ سىزگە خوتۇن بولدۇم. شۇنىڭ ھەققىنى بېرىڭ. ئاندىن ئايرىلىپ كېتەيلى. بولمىسا مەندىن ئۇنداق ئاسان قۇتۇلالمايسىز.
- سەن بىلەن ياشىغاندىن تارتىپ سېنى مەن بېقىپ كەلگەندىمەن. يەنە نېمىگە بېرىمەن، بىر يەردە ئىشلىمىدىڭ، شۇڭلاشقا راھەتلىرىڭ بېقىنىڭغا ئۈسۈپ كېتىپ، خەقلەرنى ئىزدەپ قوڭاڭنى سۈركەپ يۈردۇڭ. شۇڭا ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويماي، دەرھال بۇ يەردىن يوقال. ئىككىنچى، سېنى كۆزۈم كۆرمىسۇن.
- قاراپ تۇر، ھامان بىر كۈنى قىلغىنىڭغا پۇشايمان قىلغۇزىۋېتىمەن. مېنى بۇنداقلا كەتكۈزىۋېتەلمەيسەن، بۇ ئىشلارنى خوتۇنۇڭغا دەيمەن.
- ئۇنىڭغا دېسەڭ ئۇ قانداق قىلىپ بېرەتتى، ئۆيدە مەن بىر دېسەم بىر دەيدۇ ئۇ، ھەرگىز ئىككى دېمەيدۇ. سېنىڭ دېگىنىڭ ئاغزىڭنى ئۇپراتقىنىڭ، ئۇنىڭغا دېيىشىڭنى توسۇپ كەتمەيمەن، يول كەڭرى، بارساڭ بولىدۇ.
- سەن ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىسەن. ھامان بىر كۈنى قىلغانلىرىڭغا پۇشايمان قىلدۇرىمەن. خەپ، قاراپ تۇر.
- كۆرەرمىز قېنى، -دېدى سەمەت لوبەن ئاچچىقىدا ئۇنى قوغلاپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاسىيەنىڭ كەينىگە ئادەم سېلىپ رەنانىڭ ئۆيى، ئارىلىشىدىغان ئادەملىرى، بېرىپ-كېلىدىغان جايلارنى ئېنىقلاپ، ئاخىرى ئۇنىڭ داچىسىغا تەكلىپ قىلدى. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن رەنامۇ، ۋاقىتنى سوزمايلا ئۇنىڭ داچىسىدا پەيدا بولغان ئىدى.
- سىزنىڭ ۋەسلىڭىزگە ئىنتىزار بولسام، ئەجەبمۇ مېنى تاشلاپ كېتىپ قالدىڭىز. شۇ كۈنى كەينىڭىزدىن بەك قارىدىم. مېنىڭ بولارمۇ دەپ شۇنچە ئىنتىزار بولدۇم.
- مانا، ئالدىڭىزغا كەلدىمغۇ. مېنىڭ بولۇڭ دېسىڭىز بولىمەنغۇ.
- ئەمما بەك ساقلىدىم، بۇنداق ساقلايمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.
- ۋاييەي ناھايىتى بىر ئاي ئويلىدىڭىز، شۇڭا ئۇزۇن تۇيۇلۇپ كەتتىمۇ.
- بىر ئاي يۈز يىلدەك تۇيۇلۇپ كەتتى. مەن ئەمدى بىر كۈن ساقلىيالمايمەن.
- ماڭا شۇنچە كۆيۈپسىز-دە.
- ئەلۋەتتە جېنىم، -شۇنداق، قىلىپ سەمەت لوبەن بىلەن رەنا كونا ئەر خوتۇنلاردەك بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ دېيىشمەيدىغان گەپلىرى، كۆرۈشمەيدىغان كۈنلىرى يوق ئىدى. ئۇلار كۈن بويى ئىزدىشىپ، سەمەت لوبەن سودىدىن پايدا ئالغان بىر قىسىم پۇللىرىنى رەناغا بۆلۈپ بېرەتتى، رەنا سالامجان بىلەن بالىسى ئۈچۈن، شۇ پۇلنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىشلەتسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆينىڭ ئىككى ئايلىق مائاشىغا توغرا كېلەتتى.
- نەچچە ۋاقىتتىن قولۇم قىسقا بولۇپ قالدى، شۇڭا ماڭا پۇل بېرەمدىكىن دېگەن ئىدىم. بالامنىڭ تازا مىجەزى يوق. دوختۇرخانىغا داۋالىتىشقا خېلى جىق پۇل كېتىدىغان ئوخشايدۇ.
- قانچىلىك كېرەك؟ قانچىلىك دېسىڭىز شۇنچىلىك بېرەي. مېنى خوش قىلسىڭىزلا، پۇل دېگەن ئۈزۈلمەيدۇ.
- ماڭا شۇ ئەللىك مىڭ كېرەك، ئاۋۇ ئادەم ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالا باققاچقا، ئۆينىڭ ئىقتىسادىنىمۇ مەن قىلمىسام بولمايدۇ دەڭە. شۇڭا، سىزگە تايىنىمەن. سىزدىن باشقا ھېچنېمەم يوق مېنىڭ. بىرەر ئىش بولۇپ قالسا چوقۇم ماڭا ياردەم قىلىڭ، بولامدۇ؟
- بولىدۇ، قاچان ياردەم قىلمىغان مەن، سىز نېمە دېسىڭىز شۇ.
- سىز بەك ياخشى جۇمۇ. ھە، راست، ئايالىڭىزدىن ئاجرىشىپ كەتسىڭىز، مەنمۇ ئۆيدىكى ھېلىقى يۇمشاق باشتىن ئاجرىشىپ كەتسەم، ئىككىمىز بىللە ئۆتسەك بولمامدۇ؟شۇ ۋاقىتتا ھەر كۈنى كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق.
- بۇنىڭغا قىزلىرىم ئۇنىمايدۇ. قىزلىرىم بەك جاھىل، سىزنى قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مۇشۇنداق ئۆتەيلى. ھازىرمۇ بىللە ئۆتۈۋاتىمىزغۇ، مۇشۇمۇ شۇنداق ياخشى بولدى. مۇشۇنداق ئۆتسەك ياخشى ئەمەسمۇ. بىر جۈپ ئاشىق مەشۇقتەك.
- سىزنىڭ مېنى ئالغۇڭىز يوق، شۇنداقمۇ؟
- نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز، خوتۇنۇممۇ يۇۋاش ئايال ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتسەم، خەق مېنى مازاق قىلمامدۇ. يوغان بالىلىرىم بولغاندا ئاجرىشىپ كەتسەم سەت تۇرمامدۇ. قىزلىرىممۇ بۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلالمايدۇ. بولدى بۇ گەپلەرنى دېيىشمەيلى، -دېدى سەمەت لوبەن . ئەمما بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئويى ئىدى. ئۇ رەناغا ئوخشاش ئېرى بار تۇرۇپ، بىر ئەرگە قانائەت قىلمايدىغان پۇلىغا ئامراق، ئۇدۇل كەلگەن ئادەم بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ يۈرۈيدىغان بۇنداق ئايال بىلەن پەقەت ئاشنىا بولۇپ، زېرىكىپ قالغاندا كۆڭۈل خوش قىلىشتىن باشقىنى ئويلىمايدۇ. رەنانىڭ تۇيۇقسىز سەمەت لوبەننىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولۇشى، ئاسىيەنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. نەچچە كۈندىن زۇكامداپ، دورا ئىچىپمۇ ساقايمىغان ئاسىيە دوختۇرخانىغا بېرىپ، قان تەكشۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدى. ئۇ نەچچە ۋاقىت يىغلىدى، قايغۇردى، سەمەت لوبەندىن كۆرۈپمۇ باقتى، ئەمما، سەمەت لوبەندە ئۆزىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈنمىگەن، بەدىنىدە قاپچۇق ئۆرلەيدىغان، بىر ئاغرىپ قالسا نەچچە كۈنگىچە ساقايمايدىغان ئەھۋاللار بولمىغاچقا، ئۇ يېقىندا تونۇشقان ئەرلەرنىڭ ئىچىدىن بىر قانچىسىنى ئەسلەپ چىقىپ، ھېلىقى ئىچكىرىدىن كەلگەن، غالىپ دەيدىغان ئادەمنى يادىغا ئالدى، ئۇنىڭ بەدەنلىرىدە ئەنە شۇنداق قاپارتمىلا بار، يەنە تېخى بىر مۇنچە دورىلارنى ئىچىپ كېسەل تىزگىنلەيمەن دېگەندەك قىلغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا سىز نېمە كېسەل دەپ سورىمايلا، پۇل ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ئارىلاشقان. ئەجەبا ئۇ شۇ كېسەلنى تىزگىنلىمەكچىمۇ، شۇنداق خىيال قىلغان ئاسىيە غەزەپتىن تىترەپ كەتتى. غالىپنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ بېرىشنىمۇ ئويلىدى. ئەمما ئەرز قىلغان بىلەن نېمە پايدىسى، ئۆزى خالاپ پۇل ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان تۇرسا. ئەگەر تېنىۋالسا، سەن ماڭا يۇقتۇرغان دەپ تۇرۇۋالسا، ئۇ ھېچنېمە قىلالمايدۇ-دە، ئەلەمنى ئىچىگە يۇتكەن ئاسىيە مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ئەرلەردىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىدى. ئۇدۇل كەلگەن ئەرلەر بىلەن قالايمىقان مۇناسىۋەتتە يۈرۈپ، ئۇلارغا كېسىلىنى يۇقتۇرۇپ قويغان ئىدى. دوختۇرخانا ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرغان، مۇشۇنداق يۈرۈپ باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويسا جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ بەرىبىر ئۆلۈم، ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىمەن دېگەنلەرنى ئويلاپ كېيىنكى ئاقىۋەتنى پەقەتلا ئويلىمىدى. ئۇ ئاخىرى سەمەت لوبەنگە بۇ كېسەلنى يۇقتۇرۇپ رەنانىمۇ يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشنى ئويلايتتى. پەيت كۈتكەنسېرى سەمەت لوبەن ئۇنىڭدىن بەك يىراق تۇرۇپ ئۇنىڭغا پەقەتلا يېقىن كەلمەيتتى.
- ئۇ ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، ماڭا ئۇنىڭ مەست بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقىن. مەن شۇ ھامان يېنىڭغا ئۈنىمەن. بۇ پۇلنى ئېلىپ سېلىپ قويغىن. پۇل دېگەن لازىم بولىدۇ.
- خوجايىن ئۇقۇپ قالسا ئاچچقلاپ كېتەرمۇ. ئۇنىڭغا ئېيتماڭ جۇمۇ. ماڭا ئىش تېپىپ بېرىسىز.
- ۋېيەي، سەن دېمىسەڭ مەن دېمىسەم بىلەمتى، بولدى، ئىشىڭنى جايىدا قىل. پۇل لازىم بولسا دېگىن، مەن پەقەت ئۇنىڭغا نەچچە ئېغىز گېپىمنى دەۋالساملا بولدى، كاپ ئېتىپ يۈتۈپ كەتمەيمەن. مەن بىر خوتۇن كىشى تۇرسام، قولۇمدىن نېمە ئىشلار كېلەتتى.
مانا شۇنداق قىلىپ سەمەت لوبەننىڭ يېنىدىكى ئادەمنى گېپىگە كىرگۈزىۋالغان ئاسىيە سەمەت لوبەننىڭ مەست ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشنى ئويلىدى، پۇلنى كۆرسە ھەر كىمنىڭ كۆزى قىزىيدۇ دېگەندەك، بۇ ئادەممۇ پۇلنى كۆرۈپ نەچچە يىل ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان سەمەت لوبەننى ئۇنۇتقان ھالدا، ئاسىيەگە سېتىلىپ كەتكەن ئىدى. مانا شۇنداق قىلىپ ئاسىيە سەمەت لوبەننىڭ مەسىلىگدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مەينەت كېسىلىنى ئۇنىڭغا يۇقتۇرۇپ قويدى.
- سەن، سەن بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ كۆزۈمگە كۆرۈنمە دېگەن ئىدىمغۇ ساڭا بۇ يەردە نېمە بار؟
- سىز بار يەردە مەن بار، مەن بار يەردە سىز بار دەپتىكەن، ئۆزىڭىز ئېلىپ كەلدىڭىز بۇ يەرگە. سىز ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن كەلمەي قانداق قىلىمەن؟ بۇنداق ئاسان تويۇشۇپ كەتمەيمىز. سىز تېخى مەن بىلەن ئۇزاق مەزگىل ئىزدەش قىلىسىز، مەن ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى بىر ئۆمۈر تاشلىۋېتەلمەيسىز. تېنىڭىزدا سۆرۈلۈپ يۈرۈيدۇ.
- نېمە دېگىنىڭ بۇ؟ مېنىڭ مەسلىكىمدىن پايدىلىنىپ بۇ يەرگە ئەكىلىۋاپسەن، دېگىنە، سەن زادى نېمە دېمەكچى؟
- ھېچنېمە دېمىدىم، بىز ئىككىمىز ئايرىلمايمىز دېدىم. سىز مەست بولۇپ قېلىپ ئۆزىڭىز ئېلىپ كەلدىڭىز. مەن زورلاپ كەلمىدىم. ئېلىپ كېلىدىغاننى ئېلىپ كېلىپ بولۇپ مەندىن يامانلامسىز. بۇرۇن قەدىناسلاردىن ئىدۇق. ئەمدى رەقىبلەردەك قىلىپ كەتمەيلى. ھامان بىر كۈنى بىر-بىرىمىزگە دەرت تۆكۈپ قالىمىز. دەردىمىزگە دەرمان بولىمىز.
- يوقال، دەرھال يوقال. سېنى، ئەمدى كۆرە كۆزۈم يوق!
- ئاۋۇ بۇزۇق بىلەن ئىش پەش تارتىشىپ قالغاندىن ياقى مېنى كۆرە كۆزىڭىز يوق، شۇنداقمۇ؟ ئۇ بۇزۇقنىڭمۇ تايىنى يوق دەيمەن. پۇللا بولسا ھەر كىمگە ئۆزىنى ئاتىۋېتىدۇ. بۇرۇن بىز تەربىيىلىگەن كۈچۈك ئىدى ئۇ، ئىتقا ئايلىنىۋېلىپ بىزنى تالاۋاتىدۇ. ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىسىز. ھازىرچە مۇشۇنداق ياشاپ تۇرۇڭ، سىزگە بىر كۈنى ئۆزۈمنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن. خوش جېنىم، -دىدى ئاسىيە سەمەت لوبەنگە باشقىچە ئەركىلەپ. بەزىبىر ئىشلارنى بىلگەندىن كېيىن، سەمەت لوبەننىڭ ئاسىيەنى كۆرەر كۆزى قالمىغان ئىدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇