كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
چىمەنگۈل بەدىنىدىكى ئەرنى ئىتتىرەلمىدى، قۇياش نۇرى ئاستىدا، ئۇلار بىر - بىرىگە زىچ باغلاندى.
-ئەتىگەندە يەنە بىر قېتىم كېلىشنى ياخشى كۆرەتتىڭىزغۇ؟!
يەھيا تۈنۈگۈن كەچتە چىمەنگۈلنىڭ ئېرى بىلەن ئەتىگەندە قىلدىغان ئىشىنى ئويلاپ، چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتكەن ئىدى.
-لېكىن سەن بىلەن ئەمەس!-دېدى چىمەنگۈل كۆزىنى قىزارغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ.
-ئەپسۇس، ھازىر سىز پەقەت مەن بىلەن بىللە!بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەم پەقەت مەن بىلەنلا بىللە بولسىز!
-بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
- ھازىرقى كۆرۈنمە چاستوتىمىزنى ئېرىڭىزگە ئەۋەتىپ بەرسەم، سىزنىڭچە چىمەنگۈل خانقىز، ئۇ قانداق بولۇپ كېتەر؟ئەر كىشى بولسىلا چىدىيالماسمىكىن!- دېدى يەھيا رەزىللىك بىلەن.
ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق ناچارلىق ئىلگىرى ياخشى كۆرگەن ئايالغا تەھدىت سالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
چىمەنگۈل يەھيانىڭ بۇنداق نومۇسسىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى، ئۇ كۆزىنى يوغان ئېچىپ:
-بۇ نېمە دېگىنىڭ؟!-دېدى.
ئۇ ئېڭىشىپ تۇرۇپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى، ئالۋاستى كەبى ئاۋاز ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىدى.
-بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق ئەر بىلەن بىللە بولۇشىڭىزغا رۇخسەت يوق، ھەپتە ئاخىرىدا كۆچۈپ كېلىپ مەن بىلەن بىللە تۇرۇڭ، بولمىسا بىز بىللە بولغان كۆرۈنمە چاستوتىنى يېنىڭىزدىكىلەرگە ئەۋەتىپ بېرىمەن!
-يەھيا، سەن مەن كۆرگەن ئەڭ پەسكەش ئەر! -چىمەنگۈل ۋارقىرىدى.
-شۇڭا، قوشۇلدىڭىزمۇ؟
ئۇ كۆڭلىدە خۇشال بولغانلىقىنى بايقىدى.
چىمەنگۈل لېۋىنى چىڭ چىشلىدى، كۆكرىكى ئېگىز - پەس بولۇپ، كۆزلىرىدىن ئۆچمەنلىك چىقىپ تۇراتتى، روشەنكى، ئاچچىقى خېلى كەلگەن ئىدى.
بىراق، يەھيا ئەسلىدە سەپرا بولۇپ كەتكەن يۈرىكىنىڭ ئاستا - ئاستا تىنچلانغانلىقىنى ھېس قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئاستا - ئاستا چوڭقۇر ھەم مۇلايىم بولۇپ كەتتى.
ئەڭ ئاخىرىدا، يەھيا پۈتۈن بەدىنىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىدىن تارتىپ شاتلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلدى، بۇنداق جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ماسلاشقان تۇيغۇ، تۈنۈگۈن كەچتىكى ئاچچىقىنى چىقىرىشقا قارىغاندا بەك گۈزەل ئىدى!
ئۇ يەنە قۇچىقىدىكى ئايالغا قارىدى، ئۇنىڭ مەڭزى قىپقىزىل، كۆزلىرى مۆلدۈرلەپ تۇرغان، كالپۇكى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى ئەمدىلا ئېچىلغان نېلۇپەرگە ئوخشاش ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تېزلىتىۋەتتى.
ئۇنىڭ كۆڭلى يۇمشاپ، قولىنى سوزۇپ ئۇنى باغرىغا بېسىپ، ئۇھ تارتقاندەك:
-چىمەن، چىمەن...-دەپ چاقىردى.
ئەگەر، ئەگەر ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ كەتكىلى بولغان بولسا ۋە ياكى، ئەگەر ھەممە ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى.
يەھيا بېشىنى تۆۋەن قىلىپ چىمەنگۈلنى سۆيدى.
شۇ تاپتا، قىشتىكى قۇياش نۇرى پۈتۈن ئۆيگە چۈشتى، يەھيانىڭ كۆزلىرى يەرگە تېگىدىغان دېرىزىدىن ئۆتۈپ، سىرتتىكى چوڭ دەرەخنىڭ قاچانلاردا بىر قەۋەت قېلىن مەرۋايىت بىلەن ئورىلىپ پارقىراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، خۇددى تۈنۈگۈن كەچ ئاجىز نۇر ئاستىدىكى چىمەنگۈلنىڭ بەدىنىدەك.
پەقەت، ھەر قانچە قىزغىن ھېسسىياتمۇ، ئاخىرلاشقاندا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ.
كارىۋاتتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى يەنە مۇزدەك ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.
-سىز قىل دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم، ئۇ كىيىمنىڭ خام ئەشياسى ...
چىمەنگۈل يەھياغا چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ھالدا قاراپ تۇراتتى.
نېمىشقىكىن، يەھيا ئۇنىڭ ئۆزىنى بېسىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە غەزەپ ئوتى كۆتۈرۈلدى.
-چىمەنگۈل، ئەگەر بۈگۈن مەن ئەمەس، بەلكى باشقا ئەر كىشى ئوخشاش تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، سىز ھېلىقى رەختلەر ئۈچۈن يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن ياتامتىڭىز؟!
چىمەنگۈل ناھايىتى كۈلكىلىك ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ:
-ئەجەبا باشقىلار بىلەن ياتقانغا قارىغاندا، سىز بىلەن يېتىش ماڭا بەكرەك تەس كەلگەنلىكىنى ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟!
يەھيانىڭ كۆزلىرى تۇيۇقسىز ياۋۇزلىشىپ:
-سەن نېمىشقا بۇنچە پەسكەش؟!
ئۇ يېنىك كۈلۈپ تۇرۇپ:
-توغرا دېدىڭىز، مەن مۇشۇنداق پەسكەش، ئون يىل بۇرۇنلا بەك پەسكەش ئىدىم، بولمىسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىز بىلەن بىللە بولمىغان، تېخى سىزنىڭ بالىڭىزغا ھامىلدار بولغان بولاتتىم!
«بالا» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ، يەھيا چوڭ قەدەم بىلەن كېلىپ، قولىنى سوزۇپ چىمەنگۈلنىڭ گېلىدىن سىقتى.
-مېنىڭ ئالدىمىدا بالىنى تىلغا ئالما!
-ھىم!-چىمەنگۈل سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، -ئۇ بالا سىز ئۆلتۈرگەن تۇنجى ئادەم بولسا كېرەك؟نېمە، سىزدىن قىساس ئالغىلى كېلەرمۇ دەپ قورقۇۋاتامسىز؟
-چىمەنگۈل!-يەھيا كۆزلىرى قىزارغان ھالدا، -ئاغزىڭنى يۇمۇپ، كۆزۈمدىن يوقال!دەرھال يوقال!
ئۇ ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشتىن قورقتى.
ئۇ بالا ئۇنىڭ بارلىق نەپرىتىنىڭ مەنبەسى.
ئۇنىڭ كۆكرىكى ئېگىز - پەس بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى يىڭنە سانجىغاندىنمۇ بەكرەك بىئارام بولدى.
ئۇ توختىماي ياندىكى تامنى مۇشتلاپ، ساراڭدەك ئۆزىنى خارلاۋاتتى.
چىمەنگۈل يەھيانىڭ بالىغا بۇنچە ئۆچ بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى، ئۇ ئۇنىڭ تۇرقىدىن قورقۇپ، تېز قەدەم بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
بىراق، ئۇنىڭ كىيىملىرى يىرتىلىپ كەتكەن تۇرسا، ئۇ قانداق كېتەلەيدۇ؟
ئۇ يەنە بىر ھۇجىرىدىن بىر ئەدىيال تېپىپ پەسكە چۈشتى ، ئاندىن چاي ئۈستىلىگە بىر قۇر ئايالچە كىيىم قويۇلغانلىقىنى كۆردى.
ئۇ ئېچىپ، دەل ئۆزىنىڭ رازمېرى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
ئۇ قاچان تەييارلىدى؟
تۈنۈگۈن كەچتىمۇ؟
چىمەنگۈل كىيىمىنى تەكشۈرۈپ، مەسىلە يوقلۇقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ تېز سۈرئەتتە ئالماشتۇردى.
شۇ تاپتا داچىنىڭ دەرۋازىسى سىرتتىن قۇلۇپلانمىغانىدى، چىمەنگۈل ئاخىرى قۇتۇلۇپ، ماشىنا ھەيدەپ كېتىپ قالدى.
شىركەتكە كېلىپلا ياردەمچىسى لەيلى ھاياجانلانغان ھالدا يۈگۈرۈپ كېلىپ، راۋان شىركىتىنىڭ داۋاملىق ئەسلى باھاسى بويىچە مال بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلغانلىقىنى، تۇنجى تۈركۈمدىكى مالنى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
چىمەنگۈلنىڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇشال بولمىغانلىقىنى كۆرگەن لەيلى ئىختىيارسىز:
-چىمەنگۈل ئاچا، نېمە بولدى؟توختامدا مەسىلە يوقتۇ؟
-ھېچقىسى يوق، ناھايىتى ياخشى، ئەكىلىپ بەرسە ئۇستاملار دەرھال كەسسۇن.
چىمەنگۈل زورىغا كۈلۈپ قويۇپ، ئىشخانىغا كىردى.
ئىش ئۈستىلىگە بىر سومكا قويۇلغان بولۇپ، گۈلزىرەنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسىنى ئېلان قىلغاندا كېيىدىغان كىيمى ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېلېفون بېرىپ:
-گۈلزىرە، قاچان ۋاقتىڭىز بار، كېلىپ كىيىم سىناپ بېقىڭ، -دېدى.
-چىمەنگۈل، قەيسەر دوختۇرخانىدا، ئازراق يارلانغان، ئەتە بارسام ، بولامدۇ؟ــ دېدى گۈلزىرە.
-قەيسەرگە نېمە بولدى؟-دەپ سورىدى چىمەنگۈل ئەندىشە قىلىپ.
-ھېچ ئىش يوق، ماشىنا سۈرۈۋېتىپ قېلىپ، قورسىقىنى نەچچە يىپ تىكتى، ئەتىلا دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ئۆيدە دەم ئالماقچى، ئۇ كۈنى سىزگە تېلېفون قىلسام ئالدىراش ئىكەنسىز، شۇڭا سىزگە دېمىدىم ...
-بىردەمدىن كېيىن ئۇنى كۆرگىلى باراي!
...
قەيسەر دوختۇرخانىدىن چىقتى.
ئىككىنچى كۈنى، گۈلزىرە قەيسەر مەدەنىيەت تارقتىش چەكلىك شېركىتىگە كەلدى.
قەيسەر ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن ياردەمچىسى گۈلمىرە يۈگۈرۈپ كېلىپ:
-گۈلزىرە ئاچا، بايا جالال مەدەنىيەت تارقتىش چەكلىك شېركىتى يېڭى سۈرەتكە ئالماقچى بولغان كىنونىڭ ئايال خوجايىنىنى ئېلان قىلىدى، شەمسىيە ئىكەن!
ئۇ تۈنۈگۈنلا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بولغان، لېكىن ئۇ خاپا بولماستىن، ھەتتا سەل تەقەززا بولدى.
قەيسەر ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ ئويۇننى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە!
چۈنكى گۈلزىرە گەرچە جالالنى ياخشى كۆرمىسىمۇ، ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغان ئايالنىڭ بۇنداق ياخشى ئۆتۈشىنى ئۈمۈد قىلمايتتى، ئۇ بالىسى بىلەن شۇ زەھەرخەندى سەۋەبىلىك يەتتە يىل جاپا چەكتى.
ئۇ بىر ناخشىنى ئاۋازغا ئېلىپ بولۇپ تۇرۇشىغا، گۈلمىرە يەنە كەلدى.
-ئاچا، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى بەلنىڭ تۆۋىنى تەپەككۇر قىلىدىغان ھايۋانمۇ؟ياكى ئۇ خوتۇن ھېلە-مىكرىگە بەك ئۇستىمۇ؟
-نېمە بولدى؟
-قاراڭ، ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ!-گۈلمىرە شۇنداق دېگەچ يان تېلېفونىنى سۇندى.
گۈلزىرە بىر قاراپلا، مىكرو بىلوگنىڭ باش بېتىدە <جالال شەمسىيە بىلەن يارىشىپ قالدى>دېگەن تېمىنى كۆردى.
سۈرەت ئانچە ئېنىق تارتىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىيلەننىڭ بىر سودا ساراينىڭ پۇكىيىدە ئېگىلىپ نېمىگە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئۈستىدىكى خەتتە مۇنداق يېزىلغان:
-جالال مەدەنىيەت تارقتىش چەكلىك شېركىتىنىڭ شاھزادىسى يېقىندا قول ئاستىدىكى سەنئەتكار شەمسىيە بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىغان، لېكىن تۈنۈگۈن كەچتە، ئىككىسى قول تۇتۇشۇپ، ئۈنچە ـ مەرۋايىت پوكىيىدىن توي ئۈزۈكى تاللىغان، توي ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ.
مىكرو بىلوگ ئاستى، ئاللىقاچان باھالارغا توشۇپ كەتكەن ئىدى.
سەكسەن پىرسەن ئادەم شەمسىيەنى يۈزى قېلىن دەپ، قانداق ۋاستە بىلەن باي ئائىلىگە ياتلىق بولىۋالدى، كىم بىلىدۇ، دەپ تىللاۋاتاتتى.
شۇنىڭ بىلەن گۈلزىرە شەمسىيەنىڭ مىكرو بىلوگىغا يەنە بىر قاراپ قويدى، ئۇنىڭ پۇلغا سېتۋالغان مەستانىلىرى نۇرغۇن سۆزلەرنى قالدۇرغان ئىدى. ئۇلار مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بەختلىك بولۇشىنى چىن كۆڭلىدىن تىلەيدىغانلىقىنى ، يازغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەممىسى دېگۈدەك تىللاشلار بولۇپ، بۇنى تورداشلار ئۆزلىرى يازغان بولۇشى مۇمكىن.
گۈلزىرە مىكرو بىلوگدىن چېكىنمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ مىكرو بىلوگىغا بىر ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى بايقىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ يان تېلېفونىنى گۈلمىرەگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ يان تېلېفونىنى ئاچتى.
ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە تەسەللىي بەرگىلى كەلگەنلىكىنى كۆردى.
ئەسكى ئادەم ھامان جاجىسىنى يەيدۇ، خاپا بولماڭ، قەيسەر بىلەن بىللە بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈڭ!دەپ يېزىلغان ئىدى.
گۈلزىرە بۇنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدى.
دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى شەخسىي خەت ساندۇقى ياندى.
ئۇ بىردىنلا جىددىيلىشىپ، دەرھال شەخسىي خەتنى ئاچتى.
ناتونۇش ئادەم ئەۋەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەنە بىر ID ئىسمى ئالماشتى.
-ئاتا - ئاناڭنىڭ سەن سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرماقچىمۇ؟ ئەگەر مېنىڭ مۇشۇنداق ۋاپاسىز قىزىم بولغان بولسا، مەن ئۆلۈشكە رازى بولغان بولاتتىم!
بۇ گەپتىن باشقا ئۇ يەنە بىر پارچە رەسىم ئەۋەتتى.
-ئا!
گۈلزىرە سۈرەتنى كۆرۈپ، يان تېلېفونى ئالقىنىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى.
كىچىكلا بىر ئۆيدە كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان ئەر ياتقان بولۇپ، بىر پىچاق ئۇنىڭ مەيدىسىگە سانجىلغان، يارا ئېغىزىنى بويلاپ قان ئېقىپ چۈشكەن ئىدى، بۇ كىشىنىڭ يۈرىكىنى شۈركەندۈرەتتى.
يېنىدا گۈلمىرە گۈلزىرەنىڭ چىرايىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال:
-گۈلزىرە ئاچا، نېمە بولدى؟
گۈلزىرەنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى، ئۇ ئاستا - ئاستا يان تېلېفونىنى ئالدى،
-ئاچا، بىر نېمە بولمىغانسىز؟
گۈلزىرە بېشىنى چايقاپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا باردى، ئاندىن يان تېلېفونىنىڭ قۇلۇپىنى يەنە بىر قېتىم ئاچتى.
ئېكراندىكى كۆرۈنۈشنى ئېنىق كۆردى، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى، قورقۇنچ، غەزەپ، يەنە ئۆزىنى ئەيىبلەش ئۇنى مۇراسىمىگە ئالدى.
-دادامنى نېمە قىلدىڭ؟!
ئۇنىڭ بارماقلىرى تىترەپ، خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ئاندىن بىر ئېغىز مۇكەممەل گەپ قىلدى.
-ئۇ ئۆلدى! -ئۇ تەرەپ ناھايىتى تېزلا جاۋاب قايتۇرۇپ، - ئەگەر مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلمىساڭ، ئاناڭ دەل سېنىڭ تويۇڭ كۈنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالىدۇ!
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇