كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
- قانچە ياشقا كىرگىنىنى بىلمەيمەن.. ئۇنىڭ بويى بەك پاكار.. مەن ئۆزۈم ئەكەلگەن كۈننى ئۇنىڭ 8ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى دەپ ئاتىدىم. ھازىر 3 يىل بولدى..
- قىزىڭىز قانچە ياش؟
- 6 ياش..
- سۈرىتىنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟
ئۇ كىشى يانفوننى چىقىرىپ ماڭا سۈرەتنى كۆرسەتتى. ئوغۇل بالا شۇنداق چىرايلىق بولۇپ كىرپىكلىرى ئۇزۇن قاشلىرى قارا ئىدى. لېكىن ئېكرانغا ئۇدۇل قارىمايتتى.
- شۇنداق چىرايلىق بالىكەن.ئېكرانغا ئۇدۇل قارىمىسىمۇ شۇنداق چىرايلىقلىقىنى ھېس قىلدىم..
- شۇ.. ئۇ بەكلا چىرايلىق، لېكىن بەختسىز.. - ئىشىك باقار يېشىنى سۈرتتى.
- ياق ياق.. ئۇ بەكلا بەختلىككەن، سىزدەك ياخشى بىر دادىغا ئۇچراپتۇ..
- مەن قانچىلىك باقالايمەن بىلمەيمەن.. مەندىن كېيىن قالسا ئۇ نېمە كۈن كۆرەر..
- ئۇنداق دېمەڭ.. كىم بىلىدۇ، سىز قېرىغاندا ئۇ سىزنى باقامدۇ تېخى.. .
- ئۇ كۈننى كۈتمەيمەن. ئۇ چوڭ بولغۇچە مەن بارمۇ يوق بىلمەيمەن.. ئۇ ئۆزىنى ئۇرۇشتىن توختاپ ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالىسىلا مەن شۇنىڭغا خوش..
- بۇ ئىشقا مەن چوقۇم ياردەم قىلىمەن ئاكا.. گەرچە كۈچۈم ئۇنچە زور بولمىسىمۇ..
- سىزمۇ بىر ئاجىز ئايالكەنسىز.. راستىمنى دېسەم ئوغلىڭىز ئىككىڭلارغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى..
- شۇنداق. بىز ھەممىمىز شۇنچىلىك ئامالسىز ئادەملەركەنمىز.. نۇرغۇن ئىشلار بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز بويىچە بولمايدىكەن.. ئۆزەمنى ياخشى ئانا بولىمەن دەپ ئويلايتتىم.. بالام خورلانسىمۇ قوغدىيالمىدىم..
- بولدى، مەندەك بىر ئەركىشىنى يىغلاتماڭ. يامىنى كەلسە خىزمەتتىن قالارمەن.. لېكىن بىر بالىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتسەم مەن رازى..
- رەھمەت.. رەھمەت.. مۇشۇ ياخشىلىقىڭىز ئۈچۈن چوقۇم بالىڭىز ساقىيىپ كېتىدۇ..
- يىغلىماڭ. سىزنىڭمۇ بالىڭىزنىڭ بالدۇرراق يېنىڭىزغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن..
ئۇ كىشى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئارقىسىدىن قارىغىنىمچە ئۇزۇندىن ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىم. بىردەمدىن كېيىن يولدىشىمنىڭ تېلىفونى سايرىدى.
- نېمانداق ئۈندىداردا جاۋاب قايتۇرمايسىز.. سىز نەدە؟
- مەن.. مەن سىرتتا.. ھازىر قايتىمەن..
- مەن ئالغىلى باراي.. ئادرىسنى يوللاڭ..
- بولدى كەلمەڭ. مەن ئۆزۈم قايتاي..
- تولا گەپ قىلماي ئادرىسنى يوللاڭ..
ئۇنىڭغا يېقىن ئەتراپتىكى باشقا بىر ئورۇننىڭ ئادرىسىنى يوللىدىم. يەسلىگە يېقىن ئەتراپ ئىكەنلىكىنى بىلسە ئۇنىڭ يەنە خاپا بولىشى ئېنىق ئىدى.
ھېساۋاتنى قىلىۋەتكەندىن كېيىن يولغا چىقىپ ئۆزۈم يوللىغان ئادرىسقا قاراپ ماڭدىم. توساتتىن ئارقامدىن سىگنال بېسىلدى. ئۆرۈلۈپ قاراپ يولدىشىمنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم.
ئاستاغىنە ماشىنىغا چىقتىم.
- ئۆزىڭىز تۇرغان ئورۇننىڭ ئادرىسىنى يوللىماي باشقا يەرنى يوللاپ نېمە جاپا..
- سىزگە ئەپلىكرەك يەرنى يوللاي دەپ شۇڭا..
- ھاھا.. شۇنداقمۇ؟ مېنىڭ بارغان جايىڭىزنى بىلمەيدۇ دېگەنمۇ؟ مەن مۇشۇ ئەتراپتىتىم..
- جاپا تارتمىسىڭىزمۇ بولاتتى.. ئۆزۈم كېتەتتىم..
- بويىڭىزدىكىسى مېنىڭ بالام.. شۇڭا مەن ئاپىرىپ قويىمەن.. سىزنىڭ يەنە نېمىشلارنى قىلىدىغىنىڭىزنى بىلمەيمەن.. خاتىرجەم بولالمايدىكەنمەن..
- بالىدىن ئەنسىرىشىڭىزنى توغرا چۈشەندىم.. لېكىن.. بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزۈمنى ئىسكەنجىدە ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن..
- ئىسكەنجىگە ئالمىسام كۈندە يەسلى ئەتراپىدا يۈرىدىكەنسىز..
- يەنە مۇشۇ گەپمۇ.. بىلىسىز مەن..
- بىلىمەن. ئۇ سىزنىڭ بالىڭىز.. شۇڭا ئەنسىرەپ كېتىۋاتىسىز..
- ماڭا مۇشۇنچىلىك ۋاقىت بېرىڭ بولامدۇ.. ھەل بولاي دېدى..
- سىز قانداق ھەل قىلماقچى؟ سىز نېمە قىلالايسىز؟ بالا ئەسلىمۇ سىزنىڭ نوپۇسىڭىزدا ئەمەس.. يەسلىدىن ئالىدىغان ئادەممۇ سىز ئەمەس.. سىز ئەرز قىلسىڭىز ئاقامدۇ؟ ئاقتۇرغاندىن كېيىنچۇ؟ نېمە قىلماقچى؟ بالىنى يېنىڭىزغا قايتۇرۇپ ئەكەلمەكچىما؟
- مەن ئۇنداق دېمىدىمغۇ.. پەقەت بالامنىڭ خورلىنىشىنى توسۇپ قالماقچى..
- بولدى. مەن ئارتۇق گەپ قىلسام كەيپىياتىڭىز بۇزۇلىدۇ.. ئەڭ ياخشىسى ئاشخانىغا قايتىپ تاماق يەيلى..
- مەن تاماق يېدىم، قورسۇقۇم توق..
- مەن بالامنىڭ قورسىقىنى تويغۇزماقچى.. شۇڭا مەن بىلەن يەيسىز..
ئۇنى رەت قىلالمىدىم. بارغانسىرى ئۇنى بۇرۇنقى يولدىشىمغا ئوخشاش ئادەمنى ئىسكەنجىسىگە ئالىدىغان ئەركىشىدەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.
ئاشخانىغا كىرگەندىن كېيىن ئالدىمىزغا تاماق كەلدى. تاماققا قوشۇق تەڭلىشىم بىلەن يولدىشىم يانفوننى قولىغا ئالدى.
- بۇنى تارتمىسڭىزمۇ بولار.. تاماق يېگەننى تارتىپ نېمە كەپتۇ..
- يېقىندا مېنىڭ سىن نومۇرۇمنىڭ ئەگەشكۈچىسى كۆپىيىۋاتىدۇ.. ئۇلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا قىزىقىۋاتىدۇ.. سىزگە كۆيۈنىۋاتقىنىمنى ئىسپاتلىمىسام بولمايدۇ..
ئامالسىز ئۇنىڭغا ماسلىشىشقا باشلىدىم. يېقىندىن بېرى ماشىنا ئادەمگە ئوخشاپ قېلىۋاتاتتىم. شىركەتتە مەھسۇلات سېتىش ئۈچۈن ئېلانغا ماسلىشاتتىم، ئائىلە ھەم سىرتتا يولدىشىمنىڭ ئەگەشكۈچىسى ئۈچۈن فىلىمگە ماسلىشاتتىم. ھېچكىم مېنىڭ نېمە ئويلايدىغىنىمغا خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىمغا قىزىقمايتتى.
يولدىشىم يانفوننى قويۇپ ماڭا قارىدى.
- بۇ ئىشنى قانداق قىلاي دەيسىز؟
- ھەل قىلىۋاتىمەن.. چوقۇم ھەل قىلىمەن..
ئۇ كۈلۈپ كەتتى. بۇ كۈلكىدىن كەمسىتىش ھەم ئىشەنمەسلىك چىقىپ تۇراتتى.
- ھاھا.. بەك كەسكىن گەپ قىلىسىزغۇ.. يەنە مالچى ھەدىڭىزنى ئىشقا سالماقچىمۇ؟
- ياق. بۇ قېتىم ھېچكىمنى ياردەمگە چاقىرمايمەن.. ئۆزۈم ھەل قىلىمەن..
- بوپتۇ.. تىرىشىپ بېقىڭ. مەن بالىغا ئىچىم ئاغرىمىغىنى ئۈچۈن سىزنى توسمىدىم.. پەقەت سىزگە پالاكەت يېتىشىنى خالىمايمەن..
- بالام ئۈچۈن ماڭا پالاكەت يەتسە مەيلى..
- ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ. بالىڭىز ئۈچۈن بالامغا بىر ئىش بولسا بولمايدۇ..
- ھاھا.. قاراڭ، گەپنى سىز دەپ باشلىغان بىلەن ئاخىرى يەنە بالىڭىزدا توختىدىڭىز..
- بۇ سىزنىڭمۇ بالىڭىز.. گەرچە مۇھەببەت ئىچىدە پەيدا بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا بۇنچە مېھىرسىز قارىشىڭىزنى خالىمايمەن..
- ياق. مەن بۇ بالامنىمۇ ياخشى كۆرىمەن.. چۈنكى ئۇمۇ مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنىڭ بىر قىسمى..
- مۇشۇ گېپىڭىز بولسىلا كۇپايە.. ماڭا بالامنى سالامەت تۇغۇپ بەرسىڭىز نېمە دېسىڭىز شۇنى قىلىپ بېرىمەن.. ۋەدە بېرەي..
- ھاھا.. بۇ بالىنى تۇغماي تۇرۇپ ھەرخىل بېسىلىشقا ئۇچراۋاتىمەن.. تۇغۇلغاندىن كېيىن مېنى كۆتۈرۈشىڭىزگە پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ..
- بۇنى بېسىلىش دېسىڭىز قانداق بولىدۇ. مەن پەقەت سىلەرنىڭ سالامەتلىكىڭلار ئۈچۈن شۇنداق قىلىمەن..
- زورلاپ ئىشىنەي. سىزدىن ئاغرىنىش ھوقۇقۇم يوق.. كىم مېنى سىز بىلەن ئايرىم يەرگە بارسۇن دەپتۇ..
- ئالدىراپ بۇنداق گەپ قىلماڭ.. سىز شۇ كۈنى بارغىنىڭىزدىن خوش بولسىڭىز بولىدۇ.. مېنىڭ قانداق دادا بولىدىغانلىقمنى كېيىن كۆرىسىز..
ئىككىمىزنىڭ ھازىرقى پارىڭى خىزمەت ھەمكارلىقى قىلىۋاتقان ئادەملەرگە ئوخشايتتى. گەپلىرىمىزدىن ئەر ئاياللىق مۇھەببەت، مۇھەببەتنىڭ جەۋھىرى بولغان بالا ئۈچۈن خوشال بولىۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا پەقەتلا ئوخشىمايتتۇق. لېكىن قىزىق يېرى مېنىڭ بۇ توغرىلىق سۆزلەش ھوقۇقۇم يوق ئىدى. گەرچە ئۇ بويۇمدىكىنىڭ ئۆز بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن دىلىمدىكى قورقۇنۇچ ۋە قەرزدارلىق تۇيغۇسى مېنى زورىغا بېسىپ تۇراتتى.
- شۇنداق بولسىكەن.. بەلكى بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ قالارمىز..
- نۇرغۇن ئەر ئاياللارنىڭ مۇھەببىتى بالا پەيدا بولغاندىن كېيىن يوقايدىكەن، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز بالا پەيدا بولغاندىن كېيىن باشلانسا ياخشىغۇ.. باشقىچە تۇرمۇش بۇ..
- بىز بالا سەۋەبلىك توي قىلدۇق.. باشقىلار توي سەۋەبلىك بالا ئالدى.. ئىككىسى ئوخشىمايدۇ.. شۇڭا مۇھەببەت پەيدا بولۇش جەريانىمۇ ئوخشىمايدۇ..
- ئەمدى قايتايلى، بۈگۈن بەكلا كەچ قالدۇق..
- كەچۈرۈڭ. مېنىڭ سەۋەبىمدىن..
- ئەتە يەسلىگە بارماڭ.. پەقەتلا بارماڭ دېمەكچى ئەمەس.. كۈندە بۇنداق كەچ قالسىڭىز بالىغا زىيانلىق، چارچىسىڭىز بولمايدۇ..
ئىككىمىز ھېچ بىر ھېسسىياتسىزلا ئۆيگە قايتتۇق. مۇناسىۋىتىمىز بارغانسىرى سۇسلاپ بالا ھەمكارلىقىغا ئايلانغاندەك قىلاتتى. ئىككىمىز پەقەت «بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ» دەپلا ئۆزىمىزنى ئالدىيالايتتۇق.
* * *
شىركەتكە بېرىپ ياردەمچى يىگىتنى كۆردۈم. ئۇ ھازىر ماڭا كەمدىن كەم گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭغا گەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشساممۇ نېمە دېيەلەيدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم.
- بۈگۈن يەنە ئىككى ئاشخانا بار، ئېلانىغا بارىمىز..
- يېقىندىن بېرى خېرىدارىمىز كۆپىيىپ قالدىمۇ نېمە..
- شۇنداق. سىزنىڭ يولدىشىڭىز بىزگە كۆپ خېرىدار تونۇشتۇرىۋاتسا سودا ياخشى بولىدۇ دە..
- ياقەي. مۇھىمى مۇلازىمىتىمىزنىڭ ياخشىلىقىدىن..
- سىزنىڭ ئۆز ھېسسىياتىڭىزنى قۇربان قىلىشىڭىز بىلەن پۇل تېپىۋاتىمىز..
- بۇ نېمە دېگىنىڭىز.. .ھەممىمىز تەڭ قۇربانلىق بېرىۋاتىمىزغۇ..
- بەزىدە قىز بالا بولسىمۇ ياخشىكەن دەپ قالدىم.. خېرىدار بىلەن يېقىن تۇرۇپ كۆڭلىنى ئالسا پۇل تاپقىلى بولىدىكەن..
- ماڭا بۇرۇن بۇنداق گەپ قىلمايتتىڭىز.. ھازىر غەلىتىلا بوپ قالدىڭىز..
- چۈنكى بۇرۇن سىزنى بۇنداق دەپ ئويلىمايتتىم.. سىز ماڭا ئاياللارنىڭ قانچىلىك پەس بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدىڭىز..
- بۇنداق گەپ قىلسىڭىز ئېلاننى قانداق تارتىمىز؟
- تارتىۋېرىمىز.. سىزمۇ بەز بوپ كەتتىڭىزغۇ.. ھازىر ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايسىز..
بۇ گەپ يۈرىكىمدىن ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن ئۇنىڭغا نېمە دەپ قايتۇرۇشنى بىلمەيتتىم. چۈنكى بالا ئىشىدىن كېيىن ئۆزۈممۇ ئۆزۈمنى پاك ئايالدەك ھېس قىلمايۋاتاتتىم.
- ئىككىمىز ئەڭ ياخشىسى خىزمەت ئىشىدىن باشقا گەپنى قىلىشمايلى.. .
- مەنمۇ شۇ خىزمەت ئىشىنى دەۋاتىمەنغۇ.. خىزمىتىمىز ئاكامنىڭ ياردىمىدە بولىۋاتىدۇ.. سىزگە رەھمەت ئېيتىۋاتىمەن ھاھا..
ئۇنىڭ تەنە ئارىلاش كۈلكىسى يۈرىكىمگە نەشتەردەك تېگىۋاتاتتى.
- ئىككىڭلار نېمە توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتىسىلەر..
- ھېچ.. ھېچنېمە.. بۈگۈنكى ئېلان توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتىمىز ھەدە..
بايىقى ئوڭايسىزلىقنى زورىغا بېسىپ يالغاندىن كۈلۈپ قويدۇم.
- مەن ماڭدىم.. مالنى زاۋۇتتىن ئەپ بولغاندا ئۇدۇل شۇ يەرگە بېرىڭ.. سىزنى ئەپ بارالمايمەن..
- بولىدۇ.. مەن ئۆزۈم ماشىنا توسۇپ باراي..
ياردەمچى يىگىت چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مالچى ھەدەم يېنىمغا كەلدى.
- قانداق؟ بىرەر ئۇچۇرنى ئالالىدىڭىزمۇ..
- ئالدىم، ھەم ئامال قىلىشقا باشلىدىم..
- ۋوي.. شۇنداقمۇ؟ بەك تېزغۇ..
- شۇنداق ھەدە.. غېرىپنىڭ ئىشىكى تاقالسا تۈڭلۈكى ئېچىلىدىكەن.. يېڭى بىر يول چىقتى..
- سىز بەك ئاقكۆڭۈل باشقىلارغا ئالدىنىپ قالمىسىڭىز بولاتتى..
- ئۇنداق بولمايدۇ.. بۇ قېتىم يېڭىشكە ئىشىنىمەن..
- مەنمۇ ياردەم قىلاي.. ماڭا دەڭ.. كۆپنىڭ كۈچى كۆپچە..
- ياق. ئويلىسام ھېچقاچان ئۆزۈمگە تايىنىپ بىر ئىش قىلىپ باقماپتىمەن.. بۇ قېتىم ئۆزۈم قىپ باقاي، ئۇتتۇرساممۇ تەن بېرىمەن..
- بولىدۇ. سىزگە ئىشىنىمەن.. بۇ نەچچە ئايدىن بېرى چوڭ بوپ قالغاندەك قىلىسىز..
- سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.. ماڭا نۇرغۇن ئىشتا يول كۆرسەتتىڭىز..
- مانا بۇ يېقىنقى مالنىڭ پايدىسى..
قولۇمدىكى 1000 يۈەنگە قاراپ يۈرىكىم جايىغا چۈشكەندەك بولدى.
- بۇ قېتىم ماللار ياخشى سېتىلىۋاتامدۇ نېمە..
- شۇنداق. زاۋۇتقا سېلىپ ماركىلىق قىلىۋەتتۇق.. شۇڭا تېز مېڭىۋاتىدۇ..
- ياخشى بوپتۇ ھەدە.. زاۋۇتتا قىلغاندىن كېيىن ماڭا پايدىسىنى ئايرىمىسىڭىزمۇ بولاتتى..
- ئېلاننى سىز ئىشلىگەچكە ياخشى ماڭدى.. يەنە كېلىپ بۇ ئامالنى سىز كۆرسەتكەن تۇرسىڭىز..
- ئاۋۇ مال توشۇش ئىشلىرىچۇ؟ يېقىندىن بېرى تېلىفون بەك ئازغۇ..
- ئۇ تۈرنى توختىتايمىكىن دەيمەن.. مۇشۇ ئىشنى سىز بىلەن مەسلىھەتلەشمەكچى..
- ئۇنداقتا مېنىڭ مائاشىم..
- مائاشىڭىز مۇشۇ مالنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەردى.. ئەنسىرىمەڭ مائاشتىنمۇ جىق چىقىدۇ.. پۈتۈن سودىنىڭ 25% دېگەن خېلى كۆپ پۇل..
- بولىدۇ ھەدە.. سىزگە كۆپ رەھمەت..
- ماڭا يېڭى مال توغرىسىدا يول كۆرسىتىڭ.. يەنە قانداق مال چىقارسام بولىدۇ..
- مەن ئويلىشىپ باقاي.. لېكىن قولۇمدىن كېلىدىغان ئىش كۆپ ئەمەس..
- سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك زور بايلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز..
يانفونۇم سايراپ ياردەمچى يىگىت يوللىغان ئادرىسقا باردىم.
بۇ چەت ئورۇندىكى ئاشخانا بولۇپ، ئىشىك ئالدىدا بىرمۇنچە ئادەم تۇراتتى.
- نېمىش بولدى؟ ئادەم بەك كۆپقۇ؟!
- ھە.. بۈگۈن 3 يىللىقىنى قىپتىكەن.. شۇڭا ئادەم كۆپكەن..
- ئەمىسە بىز فىلىمنى كېيىن تارتساق بولغۇدەكقۇ..
- دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تارتساق ياخشى.. نۇرغۇن ئادەم سىزگە ماسلىشىپ بېرىدۇ..
- لېكىن بۇنداق كۆپ ئادەم بولسا مەن تەمتىرەپ كېتىمەن..
- بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كارىم يوق.. بۈگۈن كەلدۇق. فىلىمنى تارتىۋېتىپ كەتمىسەك بولمايدۇ..
ياردەمچى يىگىتنىڭ مېنى قەستەن قىيناۋاتقىنىنى بىلسەممۇ ماسلاشماي ئامالىم يوق ئىدى. مەجبۇرىي ئېكرانغا قارىدىم.
- كۆپچىلىك. بۈگۈنكى يېڭى خېرىدارىمىز بۇ ئاشخانا.. ئېچىلغىنىغا 3 يىل بولغىنىنىڭ تەبرىك مۇراسىمىغا ئۈلگۈرۈپلا كەپتىمىز..
- ۋاي. كېلىشتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلمىغانمۇ.. بۇ يىل 5 يىللىقى..
يېنىمدىكى كىشىنىڭ تارتىشى بىلەن ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپ قالدىم.
- ۋاي بۇ ھېلىقى ئايالغۇ.. بالىسىنى سۇغا ئىتتىرىۋەتكەن..
- مۇشۇنداق ئادەم بىلەن ھەمكارلىشىۋاتامسەن؟- دېدى بىر ئايال خېرىدارنىڭ پېشىدىن تارتىپ،- سوداڭنىڭ بەركىتىنى بۇنداقلا قاچۇرمامدۇ..
- ۋاي ئاپا.. بۇ ئىشقا ئارلاشمىغىنە.. - خېرىدار ئاپىسىنى يانغا تارتىشقا تىرىشىۋاتاتتى، لېكىن ئايال ماڭغىلى ئۇنىمايتتى.
ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئوڭايسىز ھالەتتە ئىكەنلىكىمنى يالغۇز ئۆزۈملا بىلەتتىم.
- ھەي نومۇسسىز، شۇنچە ئىشنى قىلىپ يەنە مال سېتىپ يۈرەمسەن؟ سەندەك ئالدامچىنىڭ مېلىنى ئالمايمىز.. - ئايال ئۈستەلدىكى سۇنى ئېلىپ يۈزۈمگە چاچتى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇