ئىگىسىگە قايتقان يۈرەك 🧡 16-قىسىم

文摘   2024-10-20 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئالى يارجان قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «ئىگىسىگە قايتقان يۈرەك» ناملىق پوۋېستنىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
تاھىر ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى:
-بەك ئۈمىدسىز بولۇپ كەتمە، ھەرقانداق قىينچىلىقنىمۇ يېڭىپ ئۆتىدىغان ئامال چىقىدۇ.
تاھىر تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك ئۆزىنىڭ بېشىغا بىر شاپىلاق سالدى.
-توغرا ئەركىن، بىر ئامال بار، لالەنىڭ ھايات قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
-نېمە ئامال؟ - دېدى ئەركىن سەل ئۈمىد تۇغۇلغاندەك بولۇپ.
-رىنات! بىلەمسەن، ئۇ گۇي ئىزچىل تۈردە رۇفىنەنى بۆرەك يۆتكەش ئوپراتسىيىسىگە ئورۇنلاشتۇرمىدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە لالەنىڭ يۈرىكى ساقلاپ قېلىش ئىكەن. دېمەك رۇفىنەنىڭ بەدىنىدىكى يۈرەك ئەسلىدىلا لالەنىڭ يۈرىكى ئەمەسمۇ! -تاھىر ناھايىتى ھاياجانىلىپ كەتكەن ئىدى.
-رىنات... ئۇ راستىنلا لالەنىڭ يۈرىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتامدۇ!؟
-شۇنداق. سەن شۇنچە يىللار بولدى لالەنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەچكە رىناتنىڭ ئىشلىرىغا تازا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىگەن بولۇشىڭ مۈمكىن. لېكىن مەن ئۇنىڭ نېمە خىياللاردا يۈرىۋاتقالىقىنى بىلىمەن. رىنات گۈللالەنىڭ يۈرىكىنىڭ زەربىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن رۇفىنەنى تېخىچە بۆرەك يۆتكەش ئوپراتسىيىسىگە ئورۇنلاشتۇرمىدى. ئۇ لالەنىڭ يۈرىكىنى يۈرىكى ماس كېلىدىغان ياخشى نىيەتلىك بىرەرسى ئۇچرىسا يۆتكەپ كەتمەكچى. رىنات مەخسۇس بىر ئۇچۇر سەھنىسى قۇرۇپ، يۈرەك ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئادەملەرنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىۋاتىدۇ.
ئەركىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى، بىراق بەك خۇش بولۇپ كېتەلمىدى. لېكىن:
-راستما، بۇ لالەگە نىسبتەن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت ئىكەن، - دەپ قويدى.
راست گەپنى قىلغاندا رۇفىنەنىڭ يۈرىكىنى ئالماشتۇرۇشتا ئەڭ ماس كېلىدىغان نامزات گۈللالە ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭدىكى يۈرەك دەل گۈللالەنىڭ ئۆز يۈرىكى ئىدى.
-بىراق، لالە قايتىپ كېتىشنى خالىماسلىقى ھەم رىنات بىلەن كۆرۈشۈنى خالاپ كەتمەسلىكى مۈمكىن.
-سىناپ باقمامسەن، بۇ گۈللالەنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، بولدى ئىككىلەنمە، ئەجىبا سەن ئۇنىڭ داۋاملىق ئاغرىق تارتىپ يۈرىشىنى خالامسەن!؟
ئەركىن خىيالغا پاتتى. قايتىپ كەتسە گۈللالە ناھايىتى چوڭ تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ، ئۇ رىنات بىلەن ئۇچراشسا ئەمدى ئۇنتۇشقا باشلىغان بۇرۇنقى ئىشلار يادىغا كېلىپ، قاتتىق روھىي ئازاب تارتىشى مۈمكىن، يەنە بىرى ئەگەر گۈللالە رىنات بىلەن ياخشىلىشىپ قالسا ئۇ ھەرگىز ئۆزىنىڭ يېنىغا قاتتىپ كەلمەسلىكى مۈمكىن. ئەگەر قايتىپ كەتمىسە گۈللالە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان يۈرەك مەنبەسىگە ئېرىشەلمىسە ئۆلۈپ كېتىشى مۈمكىن.
ئەركىن ئۆزى بىلەن ئىدىيە جەھەتتە بىردەم قارشىلاشقاندىن كېيىن بىر قارارغا كەلدى:
-ماقۇل، مەن بىر قارارغا كەلدىم، لالەنى ئېلىپ قايتىپ كېتىمەن.
-ئەمدى ھەقىقىي توغرا قارار چىقاردىڭ،-دېدى تاھىر ئەركىننىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ. راست گەپنى قىلغاندا تاھىرمۇ گۈللالەدەك ياش، چىرايلىق، ئاقكۆڭۈل بىر قىزنىڭ مۇشۇنداق ياش تۇرۇپ كېتىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.
تاھىر كەتكەندىن كېيىن، ئەركىن يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيال دېڭىزىغا غەرق بولدى. ئۇ بۇ قارارنى قانداق شەكىلدە گۈللالەگە ئۇقتۇرۇش ھەققىدە بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتاتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن گۈللالەگە ئۆزىنى چەكسىز ئازابلىغان جايغا قايتىش بىر زەربە بولاتتى.
-لالە، -دېدى ئەركىن كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتقان گۈللالەنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ لېكىن گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. گۈللالە ئۆزىگە تەۋە بولمىغان يۈرەكنىڭ ئازابلىشى بىلەن ناھايىتى ئېغىر ئاغرىق دەردىنى تارتىۋاتاتتى. شۇڭا، ئەركىن ئۇنىڭغا تەسىر قىلىدىغان، ئۇنى ھاياجانلاندۇرىغان ياكى ئۇنى خاپا قىلىپ قويىدىغان گەپ -سۆزلەرنى قىلىشتىن بەكلا ئېھتىيات قىلاتتى.
بۇ چاغدا گۈللالە زالدىكى سافادا ئولتۇرۇپ، لوڭقىغا سېلىنغان چىرالىق گۈللەرگە قاراپ تۇراتتى.
گۈللالە بېشىنى بۇراپ ئەركىنگە قاراپ كۈلۈپ قويدى. بۇ كۈلكىدە ئۇنىڭ گۈزەللىكى نامايەن بولۇپ تۇرسىمۇ، بىراق، ئۇ شۇ تاپتا خۇددىي سولىشىپ قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ئەتىرگۈلگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
ئەركىن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن:
-لالە، يۇرتقا قايتىپ كېتىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟! - سورىدى.
گۈللالە سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇھ تارتىپ قويۇپ، بېشىنى چايقىغىنىچە:
-مەن ھەرگىز قايتىپ كەتمەيمەن، ئەركىن، ئۇ يەر مېنى نۇرغۇن ئازابلارغا مۇپتىلا قىلغان، - دېدى.
ئەركىن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن:
-لالە، مېنىڭ بىر ئېغىز گېپىمنى ئاڭلاپ بېقىڭ، مەن بىر يۈرەك كېسەللىكى دوختۇرى بىلەن ناھايىتى يېقىن ئۆتەتتىم، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ قولىدا بىر يۈرەك تەغدىم قىلىدىغان ئادەم باركەن، ئۇ ھازىر يۈرىكى ماس كېلىدىغان ئادەم ئىزدەۋېتىپتۇ، مەن سىزنىڭ كېسەللىك تارىخىڭىزنى ئۇنىڭغا يوللاپ بەرگەن ئىدىم، ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ يۈرەك سىزگە ئەڭ ماس كېلىدىكەن، - دېدى.
گۈللالە بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆزلىرىدە ئۈمىد ئۈچقۇنلىرى پەيدا بولدى، ئەمما ناھايىتى تېزلا غايىپ بولۇپ، ئۇ يەنە غەمكىن ھالىتىگە قايتتى.
-ئەركىن، مەن... مەن... قورقىمەن، رىنات بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقىمەن.
گۈللالەنىڭ قورقۇنچى يۈزىگە تېپىپ چىقتى. رىنات ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر قورقۇنچلۇق مەخلۇق ھالىتىدە نامايەن بولاتتى. رىناتنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنى قايتا - قايتا ئازابلىشى ئۇنى رىناتنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىلا ساراسىمىگە چۈشىدىغان ھالغا ئەكىلىپ قويغان ئىدى.
رىناتنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ تۇرغان بولسىمۇ، كۆڭلىنى قارا قىلىپ، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدى:
-لالە، بۇ سىزگە كەلگەن ئەڭ ياخشى بىر پۇرسەت، بۇ ئوپراتسىيەنى قىلمىسىڭىز سىزگە ماس كېلىدىغان باشقا يۈرەك مەنبەسىنى تاپقۇچە ياشىيالماسلىقىڭىز مۈمكىن.
«ياشىيالماسلىق»، «ئۆلۈپ كېتىش» دېگەنلەرنى گۈللالە كۆپ قېتىم خىيال قىلىپ كەتكەن گەپلەر ئىدى.
-لالە، بۇ گۈزەل ھاياتلىققا قىيالامسىز، دەسپلەپتە رىنات سىزگە ئازاپ سالغانلىقى ئۈچۈن سىز بىر ئۆلۈپ تىرىلدىڭىز، ئەگەر سىز راستىنلا ئۆلۈپ كەتسىڭىز رۇفىنە تېخىمۇ خۇش بولمامدۇ، سىز بۇنىڭغا يول قويامسىز!؟
ئەركىن ئازراق ھاياجانلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ رىنات بىلەن گۈللالە ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۆزى گۈللالەدىن ئايرىلىپ قېلىشقا رازى بولدىكى، گۈللالەنىڭ مۇنداق بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشىنى خالىمايتتى.
گۈللالە ئۇزۇن ۋاقىت سۈكۈتتە تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ماقۇللۇق بىلدۈردى.
-بولىدۇ، قايتساقمۇ قايتايلى.
ئەركىننىڭ كۆڭلى ئەمدىلا تەسكىن تېپىپ، گۈللالەنى چىڭ قۇچاقلىدى. ئۇ مۇشۇ قېتىم ئۇنى قۇچاقلىۋالمىسا ئەمدى ئۇنى قۇچاقلاش ئۇنىڭغا مەڭگۈ نىسىپ بولمايدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. ئەركىن ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ:
-ئېسڭىزدە بولسۇن، ھەرقانداق ئادەمگە ئۆزىڭىزنىڭ گۈللالە ئىكەنلىكىڭىزنى ھەرگىز دېمەڭ، گۈللالە ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى. سىز دېگەن شەكىلە. - دېدى.
گۈللالە ئەركىننىڭ ئۆزىنى قۇچاقلىشىغا قارشىلىق قىلمىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيىلاتتى. توغرا، ھەقىقىي گۈللالە ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى. ھازىر بۇ يەردە ئەركىن بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرغىنى بولسا گۈللالەنىڭ بەدىنى ئىدى، خالاس.
ئەتىسى ئۇلار ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ يۇرتقا قايتىپ كەلدى.
-شەكىلە خانقىز، قېنى بۇياققا مېڭىڭ، - سىستىرا گۈللالەنى باشلاپ، بىر پۈتۈنلەي يۇپۇق ھالدىكى تەكشۈرۈش ئۆيىگە كىردى. دوختۇرلار گۈللالەنى يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قىلدى. نەتىجىدە ھەر خىل تۈرلەر تامامەن ماس كەلدى. رىنات تەكشۈرۈش ئۆيىنىڭ يان تەرىپىدە ئەينەك بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئۆيدە تۇراتتتى. ئۇ جىددىيلەشكەنلىكىدىن گەپمۇ قىلالماي قالغان ئىدى. گۈللالە تەكشۈرۈش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلگەن شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۇنىڭ كۆزلىرى گۈللالەگە قادىلىپلا قالغان ئىدى.
«لالە ھاياتكەن... ئۇ ئۆلمەپتۇ، لالە ھاياتكەن...»
رىناتنىڭ كۆڭلىدە مۇشۇ بىر گەپ توختىماي تەكرارلىناتتى. ئۇ يۈگرەپ كىرىپ گۈللالەدىن بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سوراپ باقماقچى بولاتتى، بىراق تەكشۈرۈش تەرتىپى بۇنىڭغا يول قويمايتتى. رىنات ئەينەكنىڭ كەينىدە تۇرۇپ تۈرلۈك تەكشۈرۈش ھالقىلىرىغا دىققەت بىلەن قاراپ تۇردى. بەزىبىر تەكشۈرۈش تۈرلىرىدە گۈللالەنىڭ سىرتقى كىيىملىرى سالدۇرىۋېتىلدى. رىناتنىڭ نەپىسى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالدى. بۇ بەدەننى ئۇ بۇرۇن يەتكۈچە قىينىغان، ئۇنىڭغا تۇنۇش بەدەن...
گۈللالە تەكشۈرۈشنى تۈگىتىپ چىقىپلا مەسئۇل دوختۇر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭغا سالام قىلدى. شۇ چاغدا ئۇ تونۇش بىر چىراينى ئۇچرىتىپ قالدى. رىناتنىڭ سوغۇق چىرايى يېرىم يىل بۇرۇنقىغا زادى ئوخشىماتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى.
ئۇ رىناتنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە رىنات:
-ياخشىمۇسەن! - دېدى.
رىنات بۇ يېرىم يىلدىن بۇيان گۈللالەنى تولا ئويلاپ، ئۇنىڭ كەتكىنىگە قىيالماي ناھايىتى كۆپ ئازاپ چەكتى، ئەمما شۇ تاپتا گۈللا ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى، ئۇنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى قىل قالدى. گۈللالەنىڭ لەۋلىرىدە يىنىك تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن بەدىنى ئاجىزلىشىپ بىر پۈۋلىسە ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك ھالدا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
رىناتنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا قادىلىپلا قالغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنى خۇددىي تەگسىز ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك سېزىپ، يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ كەتتى. رىنات قولىنى سۇنۇپ ئۇنىڭ مۈزدەك قولىنى تۇتتى:
-لالە...
رىناتنىڭ بەدەنلىرى تىترىپ تۇراتتى. ئەتراپتا تۇرغان دوختۇرلار داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئادەتتە ھەيۋەت قېتىپ يۈرىدىغان، ئاچچىقى يامان باش دىرىكتورنىڭ بۈگۈنكى كەيپىياتى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. گۈللالە لىۋىنى چىڭ چىشلەپ تۇراتتى. ئۇ شۇ تاپتا كۆڭلىدە داۋالغۇپ تۇرغان «شۇنداق، مەن... مەن قايتىپ كەلدىم» دېگەن گەپنى دەپ سېلىشتىن ئۆزىنى مەجبۇرىي بېسىپ تۇراتتى. لېكىن بۇنداق دېسە بولمايتتى ھەم دىيەلمەيتتى. ئۇ بۇ ئۆمرىدە پەقەت رىناتنىلا ياخشى كۆرۈپ كەلدى، لېكىن شۇ تاپتا ئۇ رىناتتىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى ھاياتىنى باشلاش قارارىغا كەلگەن ئىدى.
گۈللالەنىڭ قولى ناھايىتى سوغۇق ئىدى. بۇ خىل سوغۇقلۇقنى رىنات سېزىپ تۇراتتى. شۇ چاغدا گۈللالە قولىنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ چىقىرىپ ناھايىتى ئەدەپ بىلەن:
-كەچۈرۈڭ، ئەپەندىم، خاتا تونۇپ قاپسىز، - دېدى.
-لالە! - رىنات يانغا بىر قەدەم ئېلىپ، مېڭىپ كەتمەكچى بولغان گۈللالەنىڭ ئالدىنى توستى.
-لالە، مېنى تولا ئالدىماڭ، سەن لالە شۇ!
رىنات كاپلا قىلىپ، گۈللالەنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى.
گۈللالەنىڭ قولى ئاغرىپ كەتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن قولىنى تارتىۋالماقچى بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالدا:
-ئەپەنىم، سىز خاتا تونۇپ قاپسىز، مەن شەكىلە! - ئىشەنمىسىڭىز كېسەللىك تارىخىمنى ۋە كىملىكىمنى كۆرۈپ بېقىڭ، -دېدى.
رىنات ئۇنىڭ قولىدىكى كىملىكنى ئېلىپ ئالدىراپ قارىدى. كىملىكتە راستىنلا «شەكىلە» دېگەن خەتلەر تۇراتتى. بىراق كىملىكتىكى رەسىم، رەسىمدە ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان كۆزلەر دەل گۈللالەنىڭ ئۆزى ئىدى.
-لالە، سېنى مەن قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي!؟
رىنات كۈلۈپ تۇرۇپ گۈللالەنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى. ئۇ گۈللالە بىلەن پىسىكلىك جەڭ قىلىۋاتاتتى.
-دەرھال، شەكىلەنى ئوپراتسىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇڭلار!
رىنات ئەتراپىدا تۇرغان دوختۇرلارغا بۇيرۇق قىلدى. گۈللالەنىڭ كۆزىدىن ھەيرانلىق ئۇچقۇنلىرى ئۇچۇپ ئۆتتى. نېمىشقا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
شۇ ئەركىن يۈگرەپ كېلىپ، گۈللالەنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئەنسىرىگەن ھالدا:
-شەكىلە، بىرنېمە بولمىغانسىز!؟ - دەپ سورىدى. ئۇ سېزىپ سەزمەي رىناتقا قاراپ سالدى.
بىر قىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى يىگىتنىڭ كۆزلىرىدە ئوت چاقناپ تۇراتتى. رىنات ئازراقمۇ تىڭىرقاپ قويمىغان ھالدا بېشىنى سەل يانغا بۇراپ ئەركىنگە قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە پەقەت ئەركەكلەرنىڭ كۆزىدىلا ئەكس ئېتىدىغان قەتئىيلىك نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى. ئۇ تېخىچىلا گۈللالەنىڭ قولىنى قويىۋەتمىگەن ئىدى. ئەركىنمۇ گۈللالەنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ قولىنىڭ مۇزلاپ كەتكەنلىكىنى ھەم يىنىك تىترەۋاتقانلىقىنى سەزدى.
-كەچۈرۈڭ لالە، سىزنى ئۇنىڭ دوختۇرخانىسىغا باشلاپ كەلگەنلىكىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن. -دېدى ئەركىن گۈللالەنىڭ قۇلىقىغا ئاستا شىۋىرلاپ، - بىراق، ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق تاماملانسىلا ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
گۈللالە ئامال بار كۆزلىرىنىڭ رىناتنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ئېلىپ قاچاتتى. رىنات بىر چاغدا چوڭ - چوڭ قەدەم ئېلىپ ئۇلاردىن ئايرىلىپ مېڭىپ كەتتى. ئۇ كەينىگە قاراپمۇ قويمىدى. گۈللالە ئۇنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان كەينى گەۋدىسىگە قاراپ، كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章