تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر 🧡 14-قىسىم

文摘   2024-10-21 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئابدۇمەمەت ئەزىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
ئاينۇر بىر ھازا رەھمەتلەرنى ئېيتىپ، دۇكان خوجايىنىدىن ئەپۇ سوراپ ئۇغلنى ئېلىپ چىققانمۇ بولدى، ئەمما ئۇنىڭ يەنە كونا خۇيلىرى تۈگىمەيۋاتاتتى. ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك باشقىلارنى قاقشىتىپ يۈرىۋەردى. ئۇ ئوغرىلىمىغان مەھەللىدىكى ئېشەك، قوي قاممىدى. ھەتتاكى باغلاپ قويغان كالىلارنىمۇ ئوغرىلاپ، ئاينۇر ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمىگەندىن كېيىن، ھېلىقى نەرسىلەرنىڭ ئىگىلىرىگە شاھزاتجاننى سولاپلا، ئۆزىنىمۇ ھەم ئۆزگىلەرنىمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلاپمۇ قالدى.
- بولدى، مېنىڭ ئۇنىڭ يوقاتقان نەرسىلىرىنى تۆلىگۈدەك ھالىم يوق. شۇڭا ساقچىخانىغا ئەرز قىلىڭلار. ئۇنى سولىۋەتسۇن. ئۇنى سولىتىۋېتىڭلار. ئەمدى مېنىڭ مادارىم قالمىدى، -دېدى ھەم مەھەللە كومىتېتىنى ئىزدەپ سالامجاننىڭ ئالاقىسىنى قىلىپ بېرىشنى، ئۇزۇن يىللاردىن ياقى ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلىىنى ئېيتىپ، خېلى ئۇزاق يىغلاپ، دەردىنى تۆككەنمۇ بولدى. مەھەللە كومىتېتىمۇ سالامجاننى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن خەۋەر يوق، پەقەت كېلىشنى كۈتۈپلا تۇرغان ئىدى.
- بۇ ئەرنىڭ بىر يوقىغان پېتى، تىرىك ئۆلۈكلىكىنىمۇ بىلمىدۇق. يا بىكار قىلىپ ئولتۇرمىدى، يا مەن بار دەپ ئۆيدە تۇرمىدى. ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن؟بۇنىڭ بوسا ئەھۋالى شۇ، ھېچ ھالىم قالمىدى، -دېدى ئاينۇر يىغلاپ. مەھەللە كومىتېتى شاھزاتجاننى ئەكىرىپ نەچچە قېتىم تەربىيە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا تىرنىقىنى تاتلاپ تۇرغاندىن باشقا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. ئاينۇرنىڭ كۈنلىرى شۇنچىلىك بىچارىچىلىكتە ئۆتۈۋاتاتتى. تۇيۇقسىزلا سالامجان پەيدا بولدى. ئاينۇرغا ئاجرىشىش تەلىپىنى قويدى.
- ئەمدى ئۆينى بىر قولىغا ئالامدىكىن دېسەم، كىيىپلا ئاجرىشىمەن دەيسىزغۇ. سىزگە نېمە بولدى؟ نېمىگە ئاجرىشىسىز؟
- سېنىڭ جانغا تېگىدىغان بالاڭدىن جاق تويدۇم. ئەمدى ئاجرىشىمەن. خېتىڭنى ئال. مەن شەھەردە تۇرۇپ كۆنۈپ قالدىم، ئەمدى يېزىغا كۆنەلمەيمەن. ئەمدى خېتىڭنى ئالمىساڭ. مەن بۇ ئۆيگە ئىككىنچى كىرمەيمەن.
- نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟ سىز ھېلىمۇ كىرمىگىلى نەچچە يىللا بولۇپ كەتتى؟بىزدەك ئايالىڭىز. بالىلىرىڭىز يادىڭىزدا باردۇ.
- سېنىڭدەك ئىشنىڭ ئېپىنى ئۇقمايدىغان، بالا باشقۇرالمايدىغان بىرنى تۇغۇپ كېيىنكىسىنى تۇغالمايدىغان خوتۇندىن رايىم ياندى.
- مەن ئاجراشمايمەن.
- ئاجراشمىساڭ مەيلى. مۇشۇ ئۆيدە يالغۇز قېرىپ كېتىسەن، سېنى خوتۇنۇم دەپ ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايمەن. مەن بۇ ئۆيگىمۇ قايتىپ كەلمەيمەن. ئۆزۈڭ يالغۇز ياشايسەن، -دېدى سالامجان. مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئەزەلدىن گېپىنى يىرمايدىغان سالامجاننىڭ، بۇ قەدەر ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىگە ئاينۇرمۇ ھەيران قالدى. بۇ مەھەللە كومىتېتىغا كىرىپ مۇشۇ گەپنى قىلغان ۋاقىتتا، مەھەللە كومىتېتىدىكىلەر سالامجاننى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن بولدى، ئەمما سالامجان ئاجرىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئاجرىشىش ئىشىغا چات كىرەلمەيدىغانلىقىنى، ئاجرىشىش ئىشنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. سالامجانغا گەپ يېگۈزەلمىگەن مەھەللە كومىتېتىدىكىلەر ئاخىرى ئاينۇرلارنمۇ شەھەرگە كىرىپ كېتىشنى ئېيتتى.
- شەھەرگە كۆنۈپ قالغان بولسىڭىز، مەنمۇ بىللە كىرىپ كېتەي. شەھەردە بىللە ياشايلى. بۇ ئۆيگە تارتىشقۇدەك يېرى يوق، مېنىڭمۇ رايىم يېنىپ كەتتى.
- سەندەك قولىدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغان خوتۇن بىلەن شەھەرگە كىرىپ كېتىپ نېمە قىلاتتىم؟ شەھەرگە كىرسەڭ نېمە ئىش قىلالايسەن؟ سېنى مەن باقسام بولار.
- ئاش تامىقىڭىزنى بولسىمۇ ئېتىشىپ بېرىمەنغۇ، باقسام دەپ كېتىپسىز، نەچچە يىل يوقاپ كېتىپ مېنى سىز باققانمۇ؟ ئۆزۈمنى ئۆزۈم باقتىمغۇ. سىز ئەرلىك مەجبۇرىيىتىڭىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭىز. سىز بۇرۇن ئۇنداق ئەمەس، ئىدىڭىز. نېمىشقا بۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىسىز؟
- مەن ئەزەلدىن شۇنداق. خېتىڭنى ئال دېدىممۇ خېتىڭنى ئال، -سالامجان شۇنداق دېدى. بۇرۇندىن شۇنچىلىك مېھرىبان، ئاقكۆڭۈل بىر ئادەمنىڭ قانداقسىگە بۇنداق ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ئاينۇرمۇ بىلمەي قالغان ئىدى. سالامجان بەئەينى ھېلىقى كىتابلاردىكى ئەسكى زوراۋان ئەرگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئاينۇرنىڭ بېشى قاتتى، بۇ ئەرنى ئۆزگەرتىشكە كۆزى يەتمەي كېچە -كېچىلەپ ياش تۆكۇپ چقىتى.
سالامجان ئۇرۇشۇپ، تىللىشىپ ئاينۇر بىلەن مۇشتلىشىپ دېگەندەك، ئاخىرى ئاينۇر ئاجرىشىشقا قوشۇلمىغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتتى. كىيىن كىشىلەردىن سالامجاننىڭ شەھەردە ناھايىتى چىرايلىق، كىچىككىنە بىر مودا ئايالنى يېتىلەپ يۈرگەن خەۋىرى مەھەللىگە پۇر كەتتى.
- ھەي، ئۇ ئايال بەك چىرايلىق، ناھايىتى مودا . سېرىق چاچ، كىيىملىرى بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان، كۈلسە زىنىقى چىقىدىغان، تېخى ھېلىقى بويايدىغان نەرسىلىرى بىلەن يۇزىنى بويىۋېلىپ ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ كېتىدىغان بىر ئايالمىش.
- شۇ، ئۇ ئايال سالامجاننى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغان گەپ.
مۇشۇ گەپلەر بىلەن ئاينۇر ئۆزىنى قويارغا جىق تاپالماي قالدى مۇشۇ مىش مىش پاراڭلارنى مەھەللە كومىتېتىغا ئېلىپ يىغلاپ كىىرپ مەھەللە كومىتېتىنى بېشىغا كىيگەن ۋاقىتتا، ھېلىقى مەھەللە كومىتېتىدىكى ئايال ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چىرايلىق تەربىيىلەرنى قىلدى.
- خەقلەر نېمە دېمىگەن ھە. نېمە ھەققىدە سۆزلىمىگەن؟ ئويلاپ بېقىڭە. بۇ ياكى يالغاندۇ ياكى راستتۇ؟كۆزىڭىز كۆرمىگەن ئىشلارغا ئالدىراپ، ئىشىنىپ كەتمەڭ. بىز بىر ئېنىقلاپ باقايلى. راستىنلا شۇنداق ئىش بولۇپ قالسا سالامجاننى ئېلىپ كېلىپ، تەلىم-تەربىيە ئىشلەيلى. سىز ئەڭ ياخشىسى كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماي، ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاڭ. ئۆيگە قايتىپ ئارام ئېلىڭ. ئەتىگىچە، بىز ئۇ ياقتىكى ئىشلارنى تىڭتىڭلاپ بېقىپ، سىزگە خەۋىرىنى بېرەيلى، -دەپ يولغا سالدى. ھەقىقەتەن سالامجان شەھەردە ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزنى تېپىۋالغان بولۇپ، ئۇ قىز سالامجاننىڭ كۆڭلىنى خېلىلا ئالغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، ئاينۇر كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ قۇتۇلماقچىمۇ بولدى. شاھزاتجانمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ ئۇنىڭ تېپىپ بەرگەن ئاۋارىچىلىقىنى ئويلىسىلا بىئارام بولۇپ، ئاينۇر بىلەن بالىغا قارىغۇسى كەلمەيتتى.
- ۋىيەي ئاكا، سىز بىلەن بىز دېگەنغۇ ياش، بالا دېگەننى تېپىۋالىمىز. ۋاي، نېمە قىلىسىز ئۇ بالا تاپقۇر بالىنى، مەنلا بولسام بالا دېگەننى تۇغۇپ بېرىمەن، - دەيتتى سالامجاننىڭ ياش ئاشنىسى. بۇ ئايال ناھايىتى ھىيلىگەر بولۇپ ئاغزىدىن بال-ھەسەل تېمىيتى . سالامجاننىڭ ئاغزىدىن كىرىپ، بۇرنىدىن چىقاتتى.
- سالامجان ئاكا، سىز بەك ياخشى جۇمۇ، ئۇ تومپاي خوتۇنىڭىز سىزنىڭ قانداقلىقىڭىزنى بىلمەي قاپتۇ. مەندەك قەدرىڭىزنى قىلىدىغان خوتۇن بىلەن ئۆتمەي، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتسىڭىز زايە كېتىسىز، -دەيتتى ئايال.
- ئەمدى ئۇ جاپا مۇشەققەتتە بىللە بولغان خوتۇن دەڭە. شۇ بالا سورىۋېتىپ قالدى بىزنى. ھەي، ئۇنىڭغا ئۇۋال بولدى دەپ ئويلايمەن. نەچچە يىل بولدى، سىزنى باقمەن دەپ بالا بىلەن خوتۇنغا پەقەتلا قارىمىدىم. مېنى خەق تىللاۋاتقاندۇ ھەقىچان.
- ۋاييەي ئاشۇ خوتۇن شۇنداق تەربىيلەپ قويمىسا ئۇ بالىنى، ئۇ بالىنىڭ يۈرىكى يوغىناپ ئۇنچىۋالا بولۇپ كەتمەس ئىدى. سالامجان ئاكا، مېنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. مېنىڭ قېشىمدا ئۇ خوتۇننىڭ گېپىنى قىلماڭ، ماقۇلمۇ، - دىدى ئايال ئەركىلەپ تۇرۇپ. سالامجان ئاخىرى ئاينۇر بىلەن ئاجرىشىش خىيالدىلا قېلىپ، مۇشۇ خوتۇننىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىگە مەجبۇر بولۇۋاتاتتى.
- سىزنىڭ ئاتا ئانىڭىزچۇ؟ بۇ شەھەرگە قانداق بولۇپ جايلىشىپ قالغان ئىدىڭىز.
- مېنىڭ ئاتا ئانام بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن. مېنىڭ ھېچنېمەم يوق. يەككە يىگانە مەن. سىزدىن باشقا ھېچنېمەم يوق. يالغۇزچىلىقتا جاھان ئايلىنىپ، بۇ يەرگە كېلىپ قالىغانمەن. ھېچكىم ئۆزۈمنىڭ يۇرتىدا بىر ئۆمۈر تۇرىمەن دېيەلمەيدىكەن. ئەجەب مېنى سۈرۈشتە قىلىپ كەتتىڭىزغۇ سالامجان ئاكا؟ ھە، قانچە مۇھەببىتىڭىز بار، قانچە توي قىلغان دېگەن گەپلەرنى سورىماڭ جۇمۇ. بۇ ئۆمرۈمدە سىزدىن باشقا مۇھەببىتىم، سىزدىن باشقا توي قىلىدىغان ئادىمىم يوق، -دېدى ئايال ئۆزىنى ھېچ ئىش كۆرۈپ باقمىغاندەك كۆرسىتىپ. ئەمما سالامجان ئۇنىڭ بۇ قەدەر قوۋ ھىيلىگەرلىكنى بىلىپ، ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرىگە ئىشەنمەيتتى. شاھزاتمۇ ئون ئالتە ياشقا كىردى. ئەمما ئۇ مۇددەتتىن بۇرۇن جەمىيەتكە چىقىپ كەتكەچكە خېلى ئىشلارنى كۆرۈپ چۈشۈنۇپ كەتكەن ئىدى. تۇيۇقسىزلا ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر قىزنى ئۆيگە باشلاپ كەلدى. ھەم ئانىسى ئاينۇرغا، بۇ قىزنى ئۆزى ئالىدىغان قىز دەپ تونۇشتۇردى. ئاينۇرمۇ شاھزاتجان بىلەن بۇ قىزنىڭ بۇ قەدەر قېلىنلىقىدىن سەسكىنىپ كەتتى.
- كىچىككىنە تۇرۇپ ساڭا نەدىكى خوتۇن ئۇ. چوڭ بولغاندا ئالاسەن.
- چوڭ بولغۇچە ئۇ تۇرۇپ تۇرامدۇ، ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن ئانا، مەن توي قىلىمەن. مېنىڭ تويۇمنى قىلىپ قوي.
- سېنىڭ تېخى يېشىڭ توشمىسا، سېنىڭ تويۇڭنى قانداق قىلىپ قويىمەن؟
- ئۇنىڭ بىلەن كارىم يوق، ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ئۇنى مېنى لۈكچەك كۆرۈپ ياراتماي قالارمىكىن دېسەم، ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىكەن. شۇڭا ۋاقتىدا مېنىڭ تويۇمنى قىلىپ قوي، توي قىلىمەن.
- نېمە؟ ئون ئالتە يېشىدا كىمگە توي خېتى بېرىدىكەن. قانداق توي قىلىسەن؟قانۇندىمۇ سېنىڭ توي قىلىش يېشىڭ تۇشمسا، -دىدى ئاينۇر چۈشەندۈرۈپ، ئەمما شاھزاتجان ئۇنىمايۋاتاتتى. ئۇ شۇ قىزنى ئۆيگە ئەكىلىۋالغاندىن كېيىن، شاھزاتجاننىڭ تۇرمۇشىدا ئاجايىپ غەلىتە ئىشلار يۈز بەردى. قىز بىلەن بىر ئورۇندا، تەڭ يېتىپ، تەڭ قوپىدۇ . بەزى بىر غەلىتە سوئاللارنى سورايدۇ. قىزمۇ ھېچ ھېيىقماستىن شاھزاتجاننىڭ بېقىنىغا كىرىپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. كىچىككىنە، بىر ئۆينىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئىككى بالىنىڭ توي قىلىمىز دېگەنلىكى ئاينۇرنى، سىرتتكى خەقلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ.
-سەن بار تۇرساڭ بىزنىڭ غەم قىلىشىمىزنىڭ ئاساسى يوق دېگەن ئىدى.
شۇنىڭغا قارىغاندا سەن بولغاندىن كېيىن، بىر بىرىمىزگە بولغان مەسۇلىيەتتىن قاچساق بولىدۇ دېگەن گەپ ئىكەندە. شۇنداق، قىلىپ ئاينۇرنىڭ بېشىنىڭ ئىچىمۇ تېشىمۇ قاتتى. قىزنىڭ ئاتا ئانىسىنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇلارغا قىزنىڭ ھازىر ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى، شاھزاتجاننىڭ توختىماي توي قىلىش تەلىپى قويۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يالغۇز، غېرىپ ياشاۋاتقان ئانىسى، -توي دېگەن ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى، قىلسا قىلىۋەرمەمدۇ، - دېگەن گەپلەرنى قىلدى. ئانىمۇ شۇنداق بولامدۇ ھە. كىچىككىنە بالىلار، قانداقمۇ تۇرمۇشنىڭ قايناقلىرىغا چۆكۈپ، مۇشۇ يېشىدا بىر تۇرمۇشنى تۇرمۇش قىلىپ كېتەلىسۇن. تۇرمۇش قىلىپ كېتەلىسىۇنمۇ دەيلى. ئەمما قانۇندا بەلگىلەنگەن توي قىلىش يېشىغا يەتمىگەن تۇرسا، توينى قانداق قىلىدۇ؟
- بولسا بىر ئويلىشىپ باققان بولسىلا. بۇ بالىلار ئەمدى ئۇنداق يۈرىۋەرسە بولمايدۇ، كېيىن توي قىلمامدۇ؟ئوغلۇمغۇ مەيلى، بولۇپمۇ قىزغا ئەلەم بولىدۇ. بىر كىمنىڭ كەينىدىن سۆرۈشۈپ يۈرگەن دېگەن گەپ، ياخشى گەپ ئەمەس. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ يەردە توختاپ قالسا.
- بۇ بالىنى مەن باشقۇرالمايمەن. كىچىكىدىن دادىسى ئەركە ئۆگىتىپ قويغان. دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تېخىمۇ ئۇنى باشقۇرغىلى بولمىدى. شۇڭا توي قىلامدۇ -قىلمامدۇ. ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كارىم يوق. بولسا ئوغۇللىرى بىلەن تويىنى قىلىپ قويسىلىمۇ ياكى ئۆيلىرىدە ئېلىپ قېلىپ ئۆزلىرىگە كېلىن قىلىۋالسىلىمۇ مەيلى. شۇ بالىنىڭ گېپىنى ئەمدى ئاڭلىغۇم يوق دېگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن شاھزاتجان بىلەن ئاينۇرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مەھەل جېدەل قۇرىمىدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章