تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر 🧡 17-قىسىم

文摘   2024-10-24 00:04   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئابدۇمەمەت ئەزىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئۆزىنىڭ خىزمەتتە بىخەستەلىك قىلىپ ئاينۇرغا يالغان تەكشۈرۈش دوكلاتى ياساپ بەرگەنلىكىنى بۇنى ئۆزىنىڭمۇ ئۇقىدىغانلىقىنى نېمە سەۋەبتىن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى.

- مەن شۇ ۋاقىتتا ئۇنداق قىلمايلى دېگەن. ئەمما ئۇ قىز يالۋۇرۇپ تۇرىۋالدى. ئۆيۈمنى ساقلاپ قالغۇم بار، قېيىن ئاپام بىزنى ئاجراشتۇرۇۋەتمەكچى دېدى، شۇڭا مەنمۇ ئامالسىز ئۇنىڭغا تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ياردەم قىلىش ئۈچۈنلا يېزىپ بەرگەن، بۇنىڭدا مېنىڭ خاتالىقىم يوق ئۇكام. مېنىڭمۇ شۇ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارنى بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن دېدىم شۇ.

- ئەمما سىز بىلەمسىز، بۇ بىر خاتالىق، بۇ بىر خاتالىق، -دېدى سالامجان يىغلاپ . شۇ ۋاقىتتىلا جۆرىسىنىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى، ئۆزىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلگەن سالامجان شۇنچىلىك ئازابلاندى. كېيىن رۇستەمنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن بىرى ئەينى يىلى ئاينۇرنىڭ ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەنلىكىنى، كېيىن ئېغىرئاياق ھالدا قايتىپ كەلگەنلىكىنى، سالامجانغا بىرنىمۇ قويماي سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن سالامجاننىڭ ئاينۇردىن رايى ياندى. ئاينۇرنى بۇزۇق ئالدامچى دەپ ئەيىبلەپ، كوچا كويلاردا ھاراق ئىچىپ يۈرگەن ۋاقىتتا، شاھزاتنىڭ ئانىسى بىلەن تونۇشۇپ قالدى. شاھزاتنىڭ ئانىسى شۇ يىللاردا كەچلىك بەزمىخانىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، پۇل ئۈچۈن دادىسى دېمەتلىك بولامدۇ، ھەرقانداق ئادەمدىن ئۆزىنى تارتمايتتى. سالامجاندەك نېمە دېسە ھە دەيدىغان بىر ئەرنى تاپقاندا، قانداقلا بولمىسۇن يېشىنىڭ چوڭىيىپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ ئۇنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بىر ئادەم تېپىشنى ئويلاپمۇ قالدى. تەبىئىيلا سالامجانغا يېقىنلىشىپ ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈۋالدى. ھەم كەينىدىن شەھەرگە كىرىپ كېتىشكە كۈشكۈرتتى. شۇنىڭدىن كېيىن سالامجان بىراقلا ئۆزگىرىپ، ئاينۇر بىلەن شاھزاتنى تاشلاپلا چىقىپ كەتكەن ئىدى. سالامجان كەتكەندىن كېيىن، ئاينۇر ئۇزاق يىغلىدى . بۇ ئۆيگە، نەچچە يىللىق ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە، ياخشى ئۆتكەن كۈنلىرىگە قاراپ يۇرىكى ئېچىشىۋاتاتتى. ئەمدى كەلمەيدۇ، ئەمدى ئۇلارنىڭ بىللە ئولتۇرغان ۋاقىتلىرى، كۈلۈشكەن كۈنلىرى، ئۇزۇن مۇڭدىشىپ ئۆتكۈزگەن تاڭلىرى ئەمدى كەلمەسكە كېتىدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ ئېرى، باشقىلارنىڭ دادىسى بولىدۇ. ئەمدى ئۇ ئاينۇرنىڭ ئەتراپىدا بولمايدۇ. ئۇلاردا مۇھەببەت قالمىغاندەك كېيىنكى ياخشى كۈنلەرمۇ قالمايدۇ. ئۇ بىر بىرلەپ تاڭ ئاتقىچە ياخشى -يامان ئۆتكەن كۈنلىرىنى، سالامجاننىڭ سىماسىنى، ئەينى يىلى توي قىلغان ۋاقىتتا قولىنى مەھكەم تۇتۇپ، ئۆيگە ئەكىرگەنلەردىن تارتىپ ئەسلەپ چىقتى. كۈنلەرنى ناھايىتى قاراڭغۇ، ناھايىتى يېقىمسىز، ناھايىتى زېرىكىشلىك ھېس قىلدى. سالامجان بولمىغان تۇرمۇشقا ئۇنىڭ كۆنمىكى تەس ئىدى. بۇرۇن بىللە ئۆتكەن، كېيىن ئۇ شەھەرگە كىرىپ كەتكەن ۋاقىتتا يالغۇز تاشلاپ قويسىمۇ، ھامان كېلىدۇ بىر كۈنى، بۇ ئۆينى قولىغا ئالىدۇ دەپ ئويلىغان ئاينۇرنىڭ ئۈمىد شاملىرى بىراقلا ئۆچتى. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ ئەمدى ئۇ قانداق ياشايدۇ؟ مۇشۇ نەچچە يىلدا سالامجاننى ساقلاپ، ھېچكىمگە قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتقۇزمىغان ئاينۇرنى ئەمدى غېرىپلىق باستى. سالامجاندەك يۈزىنى ئېلىپلا قوڭىغا چاپلاپ، بىرەر كىم بىلەن توي قىلىپ ئۆي تۇتسۇنمۇ ؟ياق ئاينۇرنىڭ ھاياتىدا سالامجاندىن باشقا ئىككىنچى ئادەم پەيدا بولمايدۇ، ئۇ بىر ئۆمۈر ئۇنىڭغا بارلىقىنى ئاتىغان ئىكەن، بىر ئۆمۈر شۇنىڭ ئۈچۈن ياشايدۇ. مەيلى ئۇ كىمنىڭ كەينىدىن كەتكەن بولسۇن. كىم بىلەن ياشىغان بولسۇن. بۇ ئاينۇرنىڭ ئەقىدىسى، بۇ ئاينۇرنىڭ جاھىللىقى، بۇ ئاينۇرنىڭ سۇنماس ۋەدىسى ئىدى. ئانىسى شۇنداق دېگەن، ئايال كىشى بىرنىڭ پېشىنى تۇتۇپ، شۇ ئەر ئۈچۈنلا ياشىسا شۇ ئايال مۇقەددەس ئايال، بىرنى تاشلاپ، بىرنى ئۇنۇتقان ئايال، ئاخىرىدا يالغۇز قالىدىغان ئايال. ئەقىدە بىلەن ياشىغان ئايال سۆيۈملۈك ئايال، پۇل مال دۇنيانى دوست تۇتقان ئايال ئەخمەق ئايال. خۇشال -خۇرام ياشاشنى ئويلىغان ئايال- تەنتەك ئايال . شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۆز ئەقىدەڭدە، ئۆز خىيالىڭدا، ئۆز ۋەدەڭدە تۇر دېگەن. شۇڭا، سالامجان قانداقلا بولۇپ كېتىشتىن قەتىينەزەر، ئەمدى ئۇنىڭ ھاياتىغا، باشقا ئادەمنى كىرگۈزمەي، شۇ سالامجاننىڭ بۇرۇنقى سىماسى بۇرۇنقى مېھرى مۇھەببىتى بىلەن ياشايدۇ. ھامان بىر كۈنى سالامجان قايتىپ كېلىدۇ. بىراۋدىن تەنقىد ئاڭلاپ، ساۋاق ئېلىپ قايتىپ كېلىدۇ، ئۇ ئادەم بولىدۇ، شۇ ۋاقىتتا يەنىلا ئاينۇرنىڭ جۆرىسى بولىدۇ. ئاينۇر شۇلارنى دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بەردى. شۇنداق بولارمۇ، بىر كۈنى«ئاينۇر كەچۈرگىن، مەن ئېزىپتىمەن. ئۇ ئەسلى سېنىڭدەك ياخشى ئەمەس ئىكەن« دەرمۇ؟ چۇقۇم دەيدۇ، ئاشنا دېگەن سوغۇق ئاش، ساقلاپ ئىچكىلى بولمايدۇ. ھامان بىر كۈنى سوغۇقلۇقى بىلىنگەن ۋاقىتتا زېرىكىپ قايتىپ كېلىدۇ. ئاشنىسى بىلەن توي قىلىپ، ئۇزاق يىل بىر ئۆينى تۇتۇپ كەتكەنلەر ئەسلا ھاياتىمىزدا كۆرۈنمىگەن. شۇڭا، سالامجانمۇ بىر كۈنى شۇ ئاشنىغىمۇ تويۇپ، شۇ ئۆيگىمۇ تويۇپ قايتىپ كېلىدۇ.

- ئانا دادام بىلەن ئاجرىشىپ كەتتىڭمۇ.

- ئاجرىشىپ كەتتۇق، بۇ ئۆينى تۇتۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

- ۋايجان، سەن نېمانداق يارامسىز خوتۇن؟ دادامنىڭ ئاۋۇ بىر نېمىسىنى ئۇرۇپ يىقىتىۋەتسەڭ بولمامدۇ. نېمىشقا ئاجرىشىپ كېتىسەن؟

- بولدى، چوڭلارنىڭ ئىشىغا سەن ئارىلاشما. ئاجرىشىپ كەتتۇق شۇ.

- مەن بولسام ئۇ بۇزۇقنىڭ چاچلىرىنى يۇلۇپ، قولىغا تۇتقۇزۇپ قوياتتىم.

- سەت گەپ قىلما بالام. بۇنداق گەپلەرنى سەن قىلساڭ بولمايدۇ، -دېدى ئاينۇر شاھزاتنىڭ ئانىسىنى بۇزۇق دەپ تىللاۋاتقانلىقىدىن ئازراق ئاچچىقى كېلىپ. نېمىلا بولمىسۇن، ئۇ ئانىسى تۇرسا. ئەگەر ئۇ ئۇققان بولسا شۇنداق دېمەس ئىدى-ھە!

- قاچانغىچە مۇشۇنداق يارىماسلىق بىلەن ياشايدىغانسەن. ھەركىم سېنىڭ بېشىڭغا دەسسەيمەن دەۋاتسا، نېمىشقا يول قويىسەن؟ شۇڭىغۇ باشقىلار دادامنى تارتىۋالغان.

- بولدى قىلامسەن، ئېچىشقان يېرىمغا تۇز سېپىپ، مېنى ئۆلسۇن دەمسەن؟ بولدى قىل. ئەمدى بۇنداق قالايمىقان گەپلىرىڭنى ئاڭلىغۇچىلىكىم يوق.

- سەن شۇنداقلا دېيىشنى بىلىسەن؟نېمىشقا ئۆزۈڭنىڭ ھەيۋىسىنى ماڭىلا كۆرسىتىپ، سىرتتىكىلەر كۆرسەتمەيسەن؟ دۆتلىكىڭدىن ئېرىڭنى تارتقۇزۇپ قويۇپ ئولتۇرىسەن . ئاجراشمايمەن، پۇل بەر دېسەڭ بولمامدۇ، پۇل ئالغان بولساڭ خەجلىمەمدۇق، شەھەردە خېلى جىق پۇل تاپقاندۇ ئۇ. سېنىڭ مۇشۇ دۆتلىكىڭنى دەيمەن.

- ساڭا پۇل بولسىلا بولامدۇ، خەجلەشنىلا ئويلامسەن، ئاناڭنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشى بىلەن كارى يوق، پۇلنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسەن. نەچچە يىل تاشلىۋېتىپ ئۆلۈك تىرىكىمىز بىلەن كارى يوق ئادەم پۇل بېرەمدۇ. مېنىڭ كۆزۈمگە كىرىۋالما بولامدۇ؟-دېدى ئاينۇر شاھزاتقا يالۋۇرۇپ، شاھزاتنىڭ ئېيتقانلىرى ئاينۇرنىڭ يارىسىغا تۇز سالغاندەك، شۇنچىلىك ئازابلىق گەپلەر ئىدى.

- بۇ ئۆي مانا مۇشۇنداق ۋەيرانە، ياكى يەي دېسە يوق، ياكى كىيەي دېسە يوق، مۇشۇ كەمگىچە قىسىلىپ ياشىغىنىمىز ياشىغان. تېخى ئوقۇمىدىڭ دەيدۇ، نېمىنى ئوقۇيدۇ، ئوقۇغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ قالساممۇ پۇل يوق دەپ بارغۇزمىساڭ، جاپا تارتىپ ئوقۇغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ ھەي، بىز شۇنداق يارامسىز كىشىلەر ئىكەنمىز. خوتۇن ئېلىشىمدىمۇ، ئىگىلىك تىكلىشىمدىمۇ ئۈمىد يوق، -دېدى شاھزاد ئانسدىن ئاغرىنغاندەك.

- يوقال، دەرھال يوقال. كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما. سەنمۇ داداڭغا ئوخشاش ئادەم قىيناشتىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەيسەن. مەن سېنى ئوقۇما دېدىممۇ، ئاياللار ھاجەتخانىسى بىلەن ئەرلەر ھاجەتخانىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان خەتنىمۇ ئايرىيالمايسەن ھازىر. سېنىڭدەك يارىماس بالىنىڭ دەستىدىن داداڭ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. سېنىڭ تېرىپ بەرگەن بالايى ئاپەتلىرىڭنىڭ دەستىدىن بېشى ئاغرىپ، ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى بىلەمسەن. يەنە ماڭا قويۇۋاتامسەن؟ يەنە بىزدىن رەنجىۋاتامسەن؟ يوغان بولۇپ قالغان ئادەم ئېتىزنىڭ ئىشى بارمۇ، ئۆينىڭ ئىشى بارمۇ. ئانا دەردىڭ بارمۇ دەيدىغان يەردە ئىدىڭ، كىچكڭدە باققان ئىدىم، باقمىساممۇ بوپتىكەن.

- ۋاي شۇنى دېگىنە، مەنمۇ سېنىڭ بالاڭ بولۇپ قالغاندىن بايراق ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ قالغان بولساممۇ، ھازىرقىدىن بەختلىك ياشىغان بولاتتىم؟ .

- يوقال، يوقال.

- مانا يوقالدىم. ھە راست، پۇل بولسا بېرە؟

- نېمىنى بېرىمەن. سەن ماڭا بەرسەڭ بولا، يوقال، -دېدى ئاينۇر شاھزادىنى قوغلاپ، شاھزات ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپ ھېچنېمە تاپالمىغاندىن كېيىن قاقشاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.

- ھازىر ئۆيۈڭدىن چاشقانمۇ يامانلاپ چىقىپ كېتىدۇ. نېمانداق ۋەيرانە ئۆي بۇ؟ قاچانمۇ باي بولارسەن، ھەي، بۇ ئۆيدە تۇرغىنىمدىن تۇرمىغىنىم ياخشى ئىكەن. ئەڭ ياخشىسى دوستلىرىم بىلەن ئويناپ كېلەي، -ئۇ شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى، ئاينۇر پارتلاپ كېتەي دېگەن بېشىنى مەھكەم تۇتۇپ يىغلىغانچە ئۆيدە قېلىپ قالدى. ئۇ بىر نەچچە كۈن مۇشۇنداق ياتتى، پۇت قولىدا جان يوق، ماڭغۇدەك ھالىمۇ يوق ئىدى. شۇ ۋاقىتتا قوشنا رابىخان ئانا، بىر چىنە كۆك چۆچۈرىسىنى كۆتۈرگەن ھالدا كىرىپ كەلدى:

- ۋايجان، سىڭلىم نېمانداق بولۇپ كەتتىڭىز؟ نەچچە كۈن بولغان ئوخشىمامدۇ بىرەر نېمە يېمىگىلى؟ ئېرىڭىز خۇمسى تاشلاپ كەتتى. ئاۋۇ بالىڭىزمۇ نېمىشقا ئانام ئۆيدە يالغۇز ئىدى دېمەيدۇ. نېمانداق بالا بولۇپ قالدى ئۇ؟ بالا باققاننىڭمۇ پايدىسى يوقمۇ نېمە؟

- شۇنى دەڭە ئانا. سىز بولمىسىڭىز قانداق قىلار بولغىيتتىم؟ سىز بەئەينى ئۆزۈمنىڭ ئانىسىدەك، بىچارە ئانامنى ئەينى يىلى قاقشىتىپتىكەنمەن. ئەمدى«« ئۆتنىگە لاپ قۇت، ئۆتۈككە ئاپقۇت «دەپ پېشانەمگە ئانامنى قاقشاتقانلىرىم بالام ئارقىلىق كەلدى. قانداق قىلىمىز، ئۆتنىسى بار، جاھان ئىكەن، ئۆتنىسىنى قايتۇرماي بولمايدىكەن.

- ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ، ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىڭىزدا، بۇ بالىمۇ تۈزۈلۈپ كېتەمدۇ ئۇققىلى بولمايدۇ.

- شۇنداق كۈنلەرمۇ كېلىدۇ. بىر كۈنلەردە چوقۇم كېلىدۇ.

- رەھمەت، شۇنچىلىك تەسەللىي بەرگىنىڭىزگە، بىر كۈنى سىز دېگەندەك ئەقلىنى قولىغا ئالسا، بۇ بالىمۇ ئادەم بولۇپ كېتەر، -دېدى ئاينۇر. 

مانا شۇنداق قىلىپ، بىر نەچچە كۈن قۇلۇم- قوشنىلارنىڭ تەسەللىيسىدە خېلى راۋرۇسلا تۈزۈلۈپ قالغان ئاينۇر، يەنە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلغاچ سالامجاننى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۆزىنىڭ بىر مەغلۇبىيەتچى، ئۆزىگە ئوخشاش ئاجىز بىر ئايالنىڭ قولىدا تۈگۈشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇ كۈزلۈك پاختىلارنى يىغىپ بولغان كۈنى، مەيدىسى قاتتىق ئاغرىپ، ئاغزىدىن سۇ يېنىپ، بولالمىغان ۋاقىتتا، يەنە قوشنىلارنىڭ ياردىمىدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندى، ئۇنىڭ يېنىدا ھېچكىم يوق ئىدى. ئۇ سوقۇر ئۈچەي ئوپېراتسىيىسى قىلىش ئۈچۈن ئوپېراتسىيەخانىغىمۇ ئۆزى يالغۇز كىردى، سېستىرالارنىڭ ياردىمىدە بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈۋالغان ئاينۇر ئوپېراتسىيە قىلغان يەرنىڭ ئاغرىپ كېتىۋاتقانلىقىدىنمۇ ساغىرىپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ كېتىپ، شۇنچىلىك تەستە ئورنىدىن تۇرغان ئىدى. ئۇبىر ياقتىن كېسەل ئازابىدا قىينالسا، بىر تەرەپتىن ئوغۇلنىڭ بىۋاپالىقىدىن يۈرىكى ئاغرىيتتى.

ئۇ دوختۇرخانىغا كىرگەن كۈنى قۇلۇم قوشنىلار ئوغلىغا خەۋەر يەتكۈزگەن بولسىمۇ، تاكى ھازىرغا قەدەر ئانام ئۆلۈكمۇ ياكى تىرىكمۇ دەپ كىرىپ قويمىدى، ئۇنىڭدىن سىرت تېرىپ تەييار قىلىپ قويغان پاختىلارنى بىر كېچىدە ئېلىپ چىقىپ سېتىۋەتكەن ئىدى. ئاينۇرمۇ ئاخىرى دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئوپېراتسىيە قىلىنغان يەرنى چىڭ تېڭىپ، ئوچاق بېشى، ئېغىللاردا يۈردى. بەكرەك مېڭىپ كەتكۈدەك بولسا، ئوپېراتسىيە قىلغان يەر چىمىلداپ ئاغرىيتتى، ئېچىشاتتى. بىچارە جېنىنى قويغۇدەك يەر تاپالمىغاندىن كېيىن، يەنە بۇرۇنقىدەك پۇچۇق تامنىڭ ئارقىسىدا يېتىپ ئۆزىنىڭ بىتەلەيلىكىدىن زارلىنىپ يىغلايتتى. يىغلاپ ياتقاندا ئىشىك ئېچىلىپ شاھزات پەيدا بولدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章