تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر 🧡 23-قىسىم

文摘   2024-10-30 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئابدۇمەمەت ئەزىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم
21-قىسىم
22-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-ماڭا يېقىن كەلمەڭ بولامدۇ، مەندە يۇقۇملۇق كېسەل بار، سىزگىمۇ يۇقۇپ قالمىسۇن. ماڭا يېقىنلاشماڭ، مەن نىجس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم.

-، مەيلى، يۇقۇپ قالسا مەيلى، مەن رازى.

- ئەمما مەن رازى ئەمەس، سىزنى نادامەتكە قويغۇم، يامان كېسەلگە گىرىپتار قىلغۇم يوق. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا ئۆلىسەممۇ ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەيمەن ئاينۇر.

- سىز زادى نېمە كېسەل بولۇپ قالدىڭىز؟سىز زادى قانداق كېسەل بولۇپ قالدىڭىز؟

- سىزگە، خىيانەت قىلغاننىڭ بەدىلىگە ئەيدىز دېگەن مەينەت، نىجس كېسەلنى ئۆزۈمگە يۇقتۇرىۋالدىم، رەنا دېگەن پەس مەينەت، قانجۇق سىرتلاردا پۇل تاپىمەن دەپ يۈرۈپ، تېنىنى سېتىپ مۇشۇ كېسەلنى يۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن مەن يۇقۇملىنىپ قالدىم. ماڭا يېقىن كەلمەڭ. مەندىن يىراق تۇرۇڭ!

- سىز ئىزدىگەن بەخت شۇمىدى، سىز ئىزدىگەن ئايال شۇمىدى؟ سىز ئىزدىگەن خۇشاللىق، سىز ئىزدىگەن ئائىلە شۇمىدى؟ نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ، مەن بەخىتلىك بولۇپ، مېنىڭ قېشىمغا كەلمەڭ دېگەنتىم. نېمىشقا بەخىتلىك بولالمىدىڭىز؟ ئەسلى بەخىتلىك بولغان بولسىڭىز بولاتتىغۇ؟مەن ئۇنى ئىزدەپ بارىمەن. نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغاننىڭ سەۋەبىنى سورايمەن؟ ئەينى ۋاقىتتا سىزدىن ئايرىلىشىم شاھزات ئۈچۈن ئىدى.

- شاھزات ئۈچۈن، شاھزاتنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟

- شۇنداق، ئەينى يىلى مەن شاھزاتنى بېقىۋالغان، خەق دېگەندەك مەن رۇستەم بىلەن ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەتكەن، كېيىن قورساق كۆتۈرۈپ، چىرايلىق بالام بىلەن بۇ مەھەللىگە ئاياغ باستىم، دادامنىڭ ئۆلۈم كۈنى، مەن نومۇس بىلەن بالامنى كۆتۈرۈپ بۇ مەھەللىگە قايتىپ كەلدىم. ئەمما بالا قورساقتا تۇرۇپ ئۆلۈپ قالدى. ھاياتنىڭ ماڭا قىلغان شاپائىتى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن مەن بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىمدىن قالغان ئىكەنمەن. تۇرمۇشتا ئۆزۈمنى يوقىتىپ، بىر ئائىلە قۇرمايمەن دېگەن كۈنلىرىمدە، سىز ماڭا ئۇچرىدىڭىز. ماڭا بەخت سائادەت ئاتا قىلدىڭىز، ئانىڭىزنىڭ توختىماي بالىنىڭ غەلۋىسىنىڭ قېلىشى ماڭا بېسىم ئېلىپ كەلدى. ھامان بىر كۈنى سىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك شۇنچىلىك كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ، ھاممامغا ئېيتقان ۋاقتىمدا، ھامما ساختا ھامىلدارلىقنى ماڭا تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىلىپ -بىلمەي مۇشۇ ئىشنى قىلىپ قالدۇق. كىيىن، شاھزاتنىڭ ئانىسى ئىزدەپ كەلدى، ئۇ شەھەرگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شاھزاتنى كۆرگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى، ئۇ دەل رەنا ئىدى. سىزنى ئىزدەپ بارغىنىمدا، ئۇ دوختۇرخانا كارۋىتىدا ياتقان بولۇپ سىلەرنىڭ بالاڭلار تۇغۇلغان ۋاقىتىكەن، شاھزات ئۈچۈن مەن سىزنى ئۇنىڭغا بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم. مەن سىزگە قىيمايتتىم. ئەمما نېمە ئامال؟ تۇرمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى دېدىم. ئايرىلىپ كەتكەندىن ياقى، بىر مىنۇتمۇ سىزنى ئېسىمدىن چىقارمىدىم. سىزنى ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىدۇ دېگەن ئىدىم. ئەمما بۇ ھالەتتە قايتىپ كېلىدىغانلىقىڭىزنى پەقەتلا ئويلىماپتىمەن. نېمىشقا بۇنداق قايتىپ كېلىسىز؟ خوتۇننىڭ چاچلىرىنى يۇلۇپ، قىلغانلىرىغا تويغۇزۇپ ئۇنى پۇشايمان قىلدۇرسىڭىز بولمامدۇ؟

- ئۇمۇ بەخىتسىز ئايال. ئۇنىڭ ئازابلىرىمۇ يەتكۈچە بار. ئەمما ئۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى بۇ قەدەر نابۇت قىلىۋېتەر دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، ئۇ ئەخمەق، ئۇ بەك بىچارە.

- يەنە ئۇنىڭغا قىيالمايۋاتىسىز. يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلەۋاتىسىزغۇ؟

- ياق. ئۇنىڭغا قىيالمىغىنىم ئەمەس، ئويلاپ بېقىڭ، ئۆز دادىسى تەرىپىدىن دەپسەندە بولۇش، بالا ئۈچۈن ئۆلۈمگە باراۋەر. ئۇ مۇشۇنداق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇنىڭ بالىلىقى، قاباھەت ئىچىدە ئۆتكەن، ئۇنىڭ بالىلىقىنى ئۆز يېقىنلىرى تارتىۋالغان. ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنسەممۇ، ئۇنىڭ ئۆتمۈشىگە تەسەللىي بولالمايمەن. -ئاينۇرنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى، نېمىدېگەن ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان ئەر ھە. ئەينى ۋاقىتتا شۇ رەنا بولمىغان بولسىمۇ، بۇ ۋاقىتقا بەختلىك بولۇپ، بۇ ھالەتتە بىچارە بولۇپ كەتمەس ئىدى-ھە!ئاينۇرنىڭ رەنانىڭ چاچلىرىنى يۇلۇپ قوللىرىغا تۇتقۇزۇپ قويغۇسى كەلدى، ئەمما سالامجاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇمۇ رەناغا ھېسداشلىقلىرىنى بىلدۈردى.

- ئۆيگە بىللە قايتايلى، ئەمدى ئۆزىڭىزنى مەندىن قاچۇرماڭ. ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىر دەملىرى بولسىمۇ، بىللە ئۆتەيلى، بولۇپتۇ، مەن سىزنى كۈتكىلى نىجاھان.

- بولدى، سىز ئەمدى ماڭا ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ. مەن ھەممە ئادەم قاچىدىغان بۇ نىجىس كېسەلگە گىرىپتار بولدۇم. سىزگىمۇ يۇقتۇرۇپ قويغۇم يوق.

- مەن رازى، مەن ھەممىگە رازى. سىز بىلەن كېتىشكىمۇ، شۇ كېسەل ئازابىنى بىللە تارتىشقىمۇ رازى.

- مېنى ئۆلسۇن دەۋاتامسىز ئاينۇر، ۋىجدان ئازابىدا كۆيۈپ، ئۆزىنى ئەيىبلەپ ئۆلسۇن دەمسىز. ئۇنداق قىلماڭ، ماڭا ئازراق پۇرسەت بېرىڭ، ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالغۇدەك بولسىمۇ پۇرسەت بېرىڭ. سىز ماڭا قانچە ياخشى مۇئامىلە قىلغانسېرى، مېنىڭ يۈرىكىم شۇ قەدەر ئېغىپ، بىئاراملىقتا سوقۇپ كېتىدىكەن.

- مېنىڭ سىزدىن ئايرىلغۇم يوق. ئەمدى بولسىمۇ ئايرىلىپ قالغۇم يوق سالامجان-، قېرىغىچە بىللە ياشايدىغان مۇھەببەت يوق، دەپ ئويلايدىغان سالامجاننىڭ كۆزلىرىگە ياش ئولاشتى. نېمە دېگەن ئۇلۇغ مۇھەببەت ھە، چاچلىرى ئاقارغان ۋاقىتتىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلالماي، كۆزلىرى قىيماي، تەڭ ئۆلۈمنى، تەڭ كېتىشنى تاللاۋاتىدۇ. دۇنيادا مۇشۇنداق ياخشى كۆرىدىغان ئايالنى تاشلاپ قويۇپ، نەدىكى بىر پەس خوتۇننىڭ كەينىدىن كەتكەنلىكى ئۈچۈن سالامجان ئەمدى پۇشايمان قىلدى . ئەمدى ئۇ بۇ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرمىسا، بىر ئۆمۈر پۇشايمان ئوتىدا كۆيىدۇ. ھېلىمۇ ئاينۇر، ئۇ نىڭ ئۈچۈن بەك كۆپ بەدەل تۆلىدى. تۆلىگەن بەدەللىرى ئېتىبارغا ئېلىنمىدى. ئەمدى سالامجان بۇ نىجىس كېسەلنى يۈدۈپ يۈرۈپ، ئۇنىڭغا خۇشاللىق، بەخت ئائىلە ئاتا قىلالمايدۇ. مۇكەممەل بىر تۇرمۇشنىمۇ بېرەلمەيدۇ. ئاستا غايىپ بولۇپ، ئۇنى تىنچ ياشىغىلى قويسا بولاتتىغۇ، نېمىشقا بۇ يېزىغا كېلىدۇ، تىنىچ تۇرمۇشنى نېمىشقا بۇزىدۇ؟ شۇلارنى ئويلىغان سالامجان ئۆزىنى ئەيىبلەپ، نەچچە قېتىم مۇشۇ سوئالنى ئۆزىدىن قايتا قايتا سورىدى. ئۆزىنىڭ شەخسىچىلىك قىلىپ بۇ يەرگە قايتىپ كەلگەنلىكىگە پۇشايمانمۇ قىلدى .

 سالامجان بىلەن ئاينۇر بىر بىرىنى قولتۇقلىغان ھالدا شاھزاتنىڭ كۆرۈش ۋاقتىغا توغرىلىنىپ تۈرمە ئالدىغا كەلدى. سالامجان تۈرمە تاملىرىغا قاراپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، ئاينۇرنىڭ قولىغا بوشقىنە ئۇرۇپ قويدى:

…-مۇشۇ كۈنلەردە جاپا تارتتىڭىز، بۇ جاپالارنى مەن سىزگە ئارتىپ قويۇپتىمەن، سىز يالغۇز كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپسىز.

- نېمە دەيدىغانسىز؟ مەن بەك يارىماس، سىزگە بىر بالا، بىر پەرزەنت ئاتا قىلالمىدىم. بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە، مەن ئاللىبۇرۇن تەييارلىنىپ بولغان. ئانا دېگەن شۇنداق مۇقەددەس. بالىسى ئۈچۈن ياشايدۇ.

- كىرىدىغان ۋاقىت بولاي دېدىمۇ

- ھەئە، ئاز قالدى، -دېدى ئاينۇر ئالدىراپ قالغان سالامجانغا ۋاقىتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. ئۇنىڭ قولىدىكى قول سائىتى ئەينى يىلى سالامجان ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان قول سائەت بولۇپ، كونىراپ رەڭلىرىمۇ ئۆچۈپ كەتكەن ئىدى.

- بۇ سائەتنى يەنە ساقلاۋاتامسىز، كونىراپ كېتىپتۇ. يىللارمۇ، ئايلارمۇ مۇشۇنداق بىر بىرىنى قوغلاپ ئۆتىۋېرىپتۇ. سائەت سىزگە مەندىنمۇ ئۇزاق ھەمراھ بولۇپتۇ. بۈگۈن مەن سىزگە يېڭىدىن بىرنى ئېلىپ بېرەي.

- سىز بەرگەن نەرسىنى مەن ساقلايمەن-دە، يۈرىكىمنىڭ قېتىدا ساقلايمەن. سىز بەرگەن مېھرى-مۇھەببەتنىمۇ ساقلىغان يەردە سائەت دېگەن نېمە ئىدى؟ ئەلۋەتتە ساقلايمەن. بولدى ئۇزۇن يىل ھەمراھ بولغان نەرسىنى تاشلىۋەتكۈم كەلمەيدۇ. شۇڭا، مۇشۇنى تاقاۋېرەي، كۆنۈپ قاپتىمەن، -دېدى ئاينۇر. كۆرۈشىدىغان ۋاقىت توشقاندا ئاينۇر بىلەن سالامجان ئېغىر قەدەملىرىنى ئېلىپ كىرىپ كەلدى. ئەمما، شاھزاد ئۇلارنى كۆرۈپ كەينىگە يېنىپ كەتمەكچى بولغان ئىدى، ئاينۇر ئۇنىڭغا قاراپ يالۋۇرۇپ:

- بالام ئۇنداق قىلما، كەينىڭگە يانما، پۇشايمان قىلىپ قالىسەن بالام، كېيىن ئانام يالۋۇرغاندا، نېمىشقا ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىمىغان بولغىيتتىم دەپ قالىسەن بالام، ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشىۋال، ئۇ ئاغرىپ قاپتۇ، - كۆرۈشىدىغان يەرگە كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا سۆزلە دېگەندەك بېشىنى تۆۋەن قىلدى.

- ياخشى تۇرۋاتامسەن بالام؟ قانداقراق تۇرىۋاتىسەن.

- سەن ئويلىغاندىن ياخشى تۇرىۋاتىمەن، قايسى يۈزۈڭ بىلەن يەنە قايتىپ كەلدىڭ؟ كەتكەندىن كېيىن كەلمىسەڭ بولمامدۇ. ياخشى تۇرۋاتامسەن دەپ قوي، شۇ ۋاقىتتا كەمىرىڭنى چىقىرىپ ئۇرۇپ، سېنىڭدەك بالام يوق، جېدەل تاپقۇر دېگەن ئىدىڭ. كەتكەن بوغانكىن، يەنە مەن بىلەن كۆرۈشۈپ نېمە قىلىسەن؟

- ئۇنداق دېمە بالام، مەن ئېزىپتىمەن، مەن پوق يەپتىمەن. كەچۈرگىن ئوغلۇم، ئاناڭ بىلەن ئىككىڭلارغا نېمە دېسەم، قىلغانلىرىمنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ بېرەلمەيمەن. ئەمما، كەچۈرۈڭلار دېگەن گەپنى ئېيتالايمەن.

- ئەمدى كەچۈر دېگەننىڭ نېمە پايدىسى، سەنمۇ ئانا، كاللاڭ ئىشلىمەمدۇ قانداق، ئۇنى نېمە دەپ قايتۇرۇپ كېلىسەن؟ نېمە دەپ بۇ، يەرگە ئېلىپ كېلىسەن؟ ئېشەكمۇ بىر قېتىم پۇتى كىرگەن تۆشۈككە قايتا قەدەم ئالمايدۇ، سەن ئېشەكچىلىك بولالمايۋاتساڭ؛ دادا، يەنە نېمە دەپ قايتىپ كەلدىڭ؟

 شاھزاد سۆزلەشتىن توختىمايتتى. سالامجان شۇنچە چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئۇ سالامجانغا قەتىي چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بەرمىدى، ھەم كېيىن يېنىپ كىرىپ كەتتى. ئاينۇر يىغلىغانچە قېلىپ قالغان ئىدى.

- بالا دەماللىققا بىر ئىشلارنى ئۆزىگە قوبۇل قىلالمايۋاتىدۇ، ۋاقت ئۆتسە تەبىئىيلا ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ھازىرچە شۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن. كاللىسىدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ بولغاي، -دېدى ئاينۇرنىڭ كۆزلىرى غۇۋالاشقان ھالدا.

- ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا، مەن بولغان بولسام مەنمۇ كەچۈرمەيتتىم. سىلەرگە كۆپ ئازار بەردىم. كەچۈرۈڭ.

- نېمانداق تولا كەچۈرۈڭ دەۋېرىسىز؟ مەن سىزنى ئاللىبۇرۇن كەچۈرۈۋەتكەن، -دېدى ئاينۇر. ئۇلار ناھىيە بازاردىن تاماق يەپ ئۆيگە قايتقان ۋاقىتتا خېلىلا كەچ بولۇپ قالغان ئىدى. شۇ جەرياندا ئۇلار خېلى جايلارنى ئايلاندى. خۇددى كونا ئاشىق- مەشۇقلاردەك دەريا بويىغا، بېرىشتى، ئۆستەڭ بويىدىكى دەرەخلىكلەرنى ئايلىنىپ چۈشتى. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئالدىنى رەنانىڭ توسىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىدى.

- كونا ئوتلار تۇتۇشۇپ، ئەمدى كونا ئاشىق-مەشۇقلاردەك يېتىلشىپ يۈرۈپ يۈردۇق دەڭلار، يېڭىسىنى تاشلىسام كونىسى بار، كونىسىنى تاشلىسام يېڭىسى بار دەپ قاپسىز-دە. ئۇ تېخى خوتۇنى بار ئادەم. ئۈچىنچى شەخس بولۇپ نېمە قىلاي دەيسىز ئاچا؟

- قايسى يۈزۈڭ بىلەن بۇ يەرگە كەلدىڭ؟ قايسى يۈزۈڭ بىلەن ماڭا گەپ قىلىۋاتىسەن، نىجىس كېسەلنى يۇقتۇرۇپ، يەنە گېپىڭ چوڭغۇ سېنىڭ؟

- كېسەل سەندىن يۇقتىمۇ مەندىن يۇقتىمۇ ئۇقمايمەن. بۇ كېسەلنى مېنىڭدىن يوقتى دەيدىغانغا ئاساسىڭ بارمۇ. ماۋۇ مەينەت خوتۇندىن يۇقتىمۇ ئۇققىلى بولمايدۇ.

- دوختۇرمۇ سېنىڭدىن يوقتى دەيدىغۇ. مەن بالا بېقىپ ئۆي تازىلاپ، ئۆي ئىشى بىلەن بولۇپ كىمدىن يۇقتۇرۇپ يۇقتۇرىۋالاتتىم. سەن سىرتتا كېچە كېچىلەپ كىرمەي بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرۈپ بۇ كېسەلنى تاپتىڭ. ئەمدى يەنە كىمگە دۆڭگەيسەن.

- ھەي، ھەممىسى سېنىڭ يارامسىزلىقىڭدىن؟ داۋاملىق مۇشۇ خوتۇننى ئويلاپ، خىيالىڭدىن مۇشۇ خوتۇن چىقمىدى، - دېدى ئايال تولىمۇ ئۆكتەملىك بىلەن. بىردەمنىڭ ئىچىدە مەھەللە دوقمۇشىغا بىر مۇنچە ئادەم يىغىلىپ كەتتى. بەزىلىرى ياقىلىرىنى چىشلىسە، بەزىلىرى ئاينۇرنى مەسخىرە قىلاتتى.

- ئاڭلاپ قويۇڭلار خالايىق، ئۇ ئەيدىز دېگەن يامان كېسەل، بۇ كېسەل يۇققان ئادەم ساقايمايدۇ، ئۆلۈمنى ساقلاپ ياتىدۇ. ئالتە كۈندە ئالتە ۋاق يېزىغا قاتراپ، ماۋۇ مەينەت خوتۇندىن مۇشۇ كېسەلنى يۇقتۇرۇۋالدى. ئەمدى سىلەرگە يۇقتۇرۇپ قويىدۇ. سىلەر بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىڭلار.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章